باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

بىر-بىرىمىزدىن ئېھتىيات قىلىش زۆرۈرمۇ؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:17:14

‹‹بىر-بىرىمىزدىن ئېھتىيات قىلىش زۆرۈرمۇ؟›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

/

«باشقىلارغا يامانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك». مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان سۆز، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئەسكى ئادەملەرنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى مۇشۇنداق مۇلايىم سۆز ئارقىلىق بىزگە باشقىلاردىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرى بالىلار سىرتتا ئوينىماقچى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئاپتوموبىللاردىن ئېھتىيات قىلىشنى تاپىلايتتى، بىراق ھازىر بۇ سۆز مودىدىن قېلىپ، بالا سىرتتا ئوينىماقچى بولسا ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىسى قاتارلىق بىر نەچچە قوغدىغۇچى ھەمراھ بولىدىغان بولدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-،60-يىللىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-،2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قۇيۇۋەتكەندە، رەتكە تىزىلىپ يولدىن ئۆتۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالداپ كېتىلىشىدىن ئەنسىرەپمۇ قويمايتتى. ھازىر بىر بالا مەكتەپكە بارسا، ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىسى ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

   رېستوران ئاچىدىغان بىر دوستۇم كېرەكلىك بۇيۇملارنى شۇ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن سېتىۋالسىمۇ، مەھسۇلات سۈپىتىدىن ھەمىشە ئەنسىرەپلا  يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر دېھقانلار خىمىيە ئالىمى بولۇپ كەتتى، ئۇلار نەپ ئۈچۈن زىرائەتلەرگە تۈرلۈك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى چېچىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ، ئۇلار مېۋىگىلا ئەمەس، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىدۇ، شۇڭا ھازىر ھەرقانداق يېمەكلىككە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «جەمئىيەت پسىخىكىسى كۆك تاشلىق كىتابى» دا  جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر-بىرگە بولغان ئىشەنمەسلىك دەرىجىسىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىشەنچ نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 59.7 نومۇر بولۇپ، ئومۇمەن ئىشەنمەسلىك سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ياشاش تەننەرخى بارغانچە ئېشىپ، تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى. بىر ماقالىدە بۇ ئەھۋال  كوللېكتىپ قارا قورساقلار ئىدىيىسى، دەپ خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا زىيانكەشلىك قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

قىسمەن كىشىلەر ئەھۋالنى بۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس، دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەھۋالنىڭ راستتىنلا شۇنداق ئېغىر ياكى ئەمەسلىكى كۆڭلىگە ئايان.

ئەلۋەتتە، قىسمەن سودىگەرلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار ئارىسىدا ئاق كۆڭۈل، ئاۋامنى ئويلايدىغان پەزىلەتلىكلىرىمۇ بار، پۇقرالارنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تىرەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكتۇر. شۇڭا بىز كىشىلەرنىڭ ۋىجدان قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تۇتقاندەك چىڭ تۇتىشىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنى باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. بىز ئەسلىدە ئادەملەر بىر-بىرىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلمايدىغان، بىر-بىرگە ئىشىنىدىغان، ياخشى بولغان جەمئىيەت كەيپىياتىدا ياشىشىمىز كېرەك، شۇندىلا پۇقرالارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش نىشانىنى  ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.      

   

 

 «قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2