باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان قىزنىڭ لايىق تاللىشى

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:18:07

‹‹تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان قىزنىڭ لايىق تاللىشى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

/

تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان قىزنىڭ لايىق تاللىشى

ئالىي مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان بىر قىز دۇنياغا داڭلىق مەسلىھەت بېرىش شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى. ئۇ بۇ شىركەتتىكى چوڭ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مۇنەۋۋەر بولۇپ، يىللىق مائاشى 1 مىليون يۈەنگە يېتەتتى، ئەمما ئۇ ئۆمۈرلۈك ئىشىغا ئالدىرىمايۋاتاتتى.

كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ قىزنىڭ يېشى 30 غا ئۇلاشتى. ئۇرۇق تۇغقان، تونۇش بىلىشلىرى ئۇنى تۇرمۇش قۇرۇشقا سۈيلەشتى. قىز ئاخىرى لايىق تېپىشنى ئويلاشتى، چەتئەل شىركىتىدە ئۇزاق ئىشلەپ پىشىپ قاق بولۇپ كەتكەن بۇ قىز نېمىلا ئىش قىلسا ئۈنۈم قوغلىشىشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى. بۇنداق قىزلارنىڭ توي قىلىشتا ئۈنۈم قوغلاشماسلىقى مۇمكىنمۇ دەيسىز، شۇنداق قىلىپ قىز ئاۋال ئۆگەنگەن ستاتىستىكا بىلىملىرىگە تايىنىپ يىگىتلەرگە قارىتا بازار تەكشۈرۈش قىلدى، ئارقىدىن ئۇرۇق تۇغقانلىرى تونۇشتۇرغان يىگىتلەر بىلەن توي قىلماقچى بولدى. قىز قانداق قىلغاندا ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان يىگىتنى تاللاش توغرىسىدا ماتېماتىكىلىق ئانالىز قىلدى.

بىرىنچى قېتىملىق يىگىت تاللاش باسقۇچى باشلاندى. ئۇ بۇ باسقۇچتا مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ، ئۆزى كۆرۈشكەن يىگىتلەرنىڭ ئارخىپىنى رەتلەپ چىقتى، ئارقىدىن جەدۋەل تۈزۈپ ئۇچراشقان يىگىتلىرىنىڭ ئالاھىدىكلىرىنى ئاپتوماتىك تاسقاپ چىقتى.

قىزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىگىت تاللاش باسقۇچى باشلاندى. قىز بۇ باسقۇچتا قىز يىگىتنىڭ مۇھەببىتىگە ئائىت مەشھۇر ئەسەرلەرنى بېرىلىپ ئوقۇدى، ئۇ بۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق مۇھەببەت ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن،توردا تونۇشۇش، تونۇش بىلىشلىرىگە تەۋە لايىق تونۇشتۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ھەپتىسىگە 10 يىگىت بىلەن ئۇچراشتى. قىز بۇ باسقۇچنى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا كۆپلىگەن يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشمىدى. ئۇ بۇ قېتىممۇ تونۇشقان يىگىتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاجىزلىقىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقتى، ئەمما يەنىلا مۇۋاپىق لايىق تاپالمىدى.

قىزنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىگىت تاللاش باسقۇچى باشلاندى. قىز بۇ قېتىم كۆپلىگەن مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئوقۇپ، ماقالىلەردىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا ئۆزىگە قارىتا «كىچىك ئۆزگەرتىش» قىلدى. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك يىگىتلىرى بىلەن ئۇچراپ قالسا «ئالاقىلىشىپ تۇرايلى» دېگەندەك قېلىپلاشقان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «سىز بارغانسېرى قەلبىمگە سىڭىپ كىرىۋاتىسىز، بىز بۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇچرىشىپ تۇرايلى» دېگەندەك مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتتى. يەنە بىر قىسىم قىز يىگىتلەر ئۇچرىشىشقا چىققاندا ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى يادلىۋالدى، شۇنداقلا ياسىنىشنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن، چېچىنى قويۇپ بەردى.

 ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدىم ۋە ئۇنى ئەمرىمگە ئالدىم.

مانا بۇ مەن تونۇشقان تەبىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى» قىزدۇر. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، مەن بۇ قىزنىڭ قانداق قىلىپ يىلىغا 1 مىليون يۈەن مائاش ئالىدىغان خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يەتكەندەك بولدۇم. ئەسلىدە تەبىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان قىزلارنىڭ مەيلى لايىق تاللاشتا بولسۇن ياكى خىزمەت قىلىشتا بولسۇن، «ئىش ئۈنۈمى» ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن ئەمەسمۇ!

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2