باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

مىكرو فېليەتونلار

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:17:01

‹‹مىكرو فېليەتونلار›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

/

     سىلەرنى ئەۋلادلارنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

 

بىر موناستىرنىڭ باشلىقى لۇكاس موناخلارنى يىغىپ، ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ مۇندا دېدى:

-سىلەرنى كەلگۈسىدە ئەۋلادلارنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر موناخ :

-نېمە ئۈچۈن؟ سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز بىز تىكلىگەن  نەمۇنىلەر مەڭگۈ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟-سورىدى. لۇكاس :

-ھەممە ئادەم راستچىللىقنى مەدھىيىلەۋاتقان دەۋردە  ھېچقانداق ئادەم قايسى ئىشنىڭ نەمۇنىلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، ھەربىر كىشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەڭ ياخشى بولۇشنى ئويلايدۇ، ھەرقانداق ئىشنى باشقىلارنى ئويلاشقان ھالدا قىلمايدۇ. ئۇلار قوشنىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىقى پەقەت تەبىئىي قانۇنىيەتكە ماسلاشقان، خالاس.  ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ، قوبۇل قىلىپ بولماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بايلىقلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، چۈنكى ھايات سەپىرى ئۇزاق، ئۇلار ئەركىن-ئازادە، ھالدا بىللە ياشايدۇ، قوبۇل قىلىشىدۇ ھەمدە زىدىيەتلىشىپ قالىدۇ، قارشى تەرەپتىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدۇ، ھېچقانداق ئادەمنى ئەيىبلىمەيدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمايدىغانلىقى، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنىڭ تارقالمايدىغانلىقىدىكى سەۋەبتۇر. بىز ھازىر پەقەت بىر ئىشنى ياخشى قىلالايمىز، يەنى ياخشىلىققا ئادەتتىكى ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىمىز، ئۇنداق بولغانىكەن، ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنى تەرىپلەشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.

                           

 قەدىرلەش

 

گېئولوگ دىڭ ۋېنجياڭ «تارىخىي شەخسلەر بىلەن جۇغراپىيىنىڭ مۇناسىۋىتى » دېگەن ئەسىرىدە: ياشاشتىكى رىقابەت، غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتتۇر. ئەمما كىمنىڭ غالىبىيەتچى، كىمنىڭ مەغلۇبىيەتچى بولۇشى جەمئىيەتكە ماسلىشىشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. جەمئىيەت سەمىمىي-ساداقەتمەنلىكنى قەدىرلىسە، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنى سەمىمىي ساداقەتمەن كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، بۇنداق كىشىلەر تەبىئىيلا غالىبىيەتچى بولىدۇ. جەمئىيەت نىمىنى قەدىرلىسە، كىشىلەر شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ،  ئەمەلدارلىقنى قەدىرلىسە ئەمەلدارلىق يولىدا چاپىمىز؛ مال-دۇنيانى قەدىرلىسە، مەنپەئەت ئۈچۈن شەھەر تالىشىمىز؛ ھەسەتخورلۇقنى ئەمەس، نامراتلىقنى مازاق قىلىمىز.

                            

ئىمتىھان

 

فۇجيەنلىك 20 ياشلىق بىر قىز 1921-يىلى يازدا شىيامېندىن شاڭخەيگە كېلىپ، شيخې تېببىي ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئۇ كەلگۈسىگە ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايتتى، بىراق ئىمتىھان ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيداندىكى بىر قىز  ئىمتىھان جەريانىدا  ھوشىدىن كەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇنچە چوڭ مۇناسىۋىتىمۇ يوق ئىدى، بىراق ئۇ جاۋاب يېزىشنى توختىتىپ، ھوشىدىن كەتكەن قىزنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئالغاچقا، ئىمتىھان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ بولالمىدى. ئەمما شيخې تېببىي ئىنستىتۇتى ئۇنىڭغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ بەردى، ئىمتىھان ئالغۇچىلار بىر تېببىي خادىمدا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك  ئېسىل پەزىلەتنى كۆرۈپ، ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە داڭلىق مۇتەخەسسىسى لىن چياۋيادۇر.

  ئىمتىھان مەيدانىدا يۈزبەرگەن ئىش بىر پارچە ئىمتىھان قەغىزىگە ئوخشايدۇ، تاماملاپ بولالمىغان ئىمتىھان قەغىزىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئەلۋەتتە جاۋاب بېرىشمۇ قىيىن.      

«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2