چىدىغۇچىلىكىم قالمىغان
بۈگۈن ئەتىگەن ئەمدى ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشۇمغا، نىجات كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا بىر پارچە خەتنى بېرىپ: -باشلىق مەن ئىستىپا بەرگىلى كىردىم،- دېدى.
-ئەجىبا سەنمۇ جاھان كۆرۈپ كېلىشنى ئويلاشتىڭمۇ؟،- دەپ سورىدىم.
-ياق، مەن بۇ خىزمەتكە بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم.
- ئۇنداق بولسا نېمىشقا ئىستېپا بېرىسەن؟
-تۈنۈگۈن كۆپ ئىچىپ قويۇپتىكەنمەن، ئىدارىغا كېلىپ قېينىسىڭلىڭىزنى قاتتىق تىللاپ كەتتىم.
- ئۇنى تىللاپ نېمە قىلىسەن؟
- ئۇ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولغان بىلەن پەقەت ئورۇن ئىگىلەپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ.
- مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا ئىستىپا بېرەمسەن؟
- يەنە بار، قېينسىڭلىڭىزنى تىللاپ بولغاندىن كېيىن، قېيىنئىنىڭىزغا ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ قويدۇم.
-ئۇنى نېمىشقا ئۇردۇڭ ئەمدى؟
-ئۇ سېتىشقا مەسئۇل بولغاچقا، شىركىتىمىزنىڭ مۇھىم ماتېرىيالنى رىقابەتچىمىزگە سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىۋىدىم.
-مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئىستىپا بېرەمسەن؟
- بۇلا ئەمەس، يەنە قېينتاغىڭىزنىڭ كومپيۇتېرنى چېقىۋەتتىم.
-بۇ يەنە نېمە ئۈچۈن؟
-ئۇ مالىيەنى باشقۇرغان بىلەن، ئالدىغا كەلگەنلىكى ئىشتىن نەپ ئالىدۇ، شىركىتىمىزنىڭ قانچىلىك پۇلىنى يەپ بولدى، بۇنىسى نامەلۇم. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى يېقىن ئادەملىرىڭىز ھەم شىركىتىمىزدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا چىداپ تۇرالمىساممۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمىغان، ئەمما تۈنۈگۈن جىق ئىچىپ قويۇپ مۇشۇ ئىشلارنى تېرىپ قويدۇم.
-ئەمەلىيەتتە سىز دېگەن بۇ ئىشلاردىن بۇرۇنلا خەۋەردار بولغان، ئۇلار تۈنۈگۈنلا سىزنى ماڭا چاققانتى.
- شۇڭا مېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەندىن كۆرە، ئۆزەملا ئىستىپا بېرەي دەپ يېنىڭىزغا كىرىشىم.
-ياق، ئىستېپانامىڭىزنى يىرتىۋېتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن سىز شىركىتىمىز تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيسىز، ئىش ھەققىڭىزنى ئۆستۈرىمەن.
- لېكىن نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟
-چۈنكى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ قىلمىشلىرىغا ئاللىبۇرۇن چىدىغۇچىلىكىم قالمىغان.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى