باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ھازىرنىڭ ئۆزى بىر بەخت

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:17:52

‹‹ھازىرنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

/

ھازىرنىڭ ئۆزى بىر بەخت

بىر باي بىلەن بىر كەمبەغەل نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ، كەمبەغەل ئادەم: -ھازىرنىڭ ئۆزى بىر بەخت دەپتۇ.

 باي ئۇنىڭ كەپىسى، جۇل جۇل كىيىمىگە قاراپ:

-بۇنى قانداقمۇ بەخت دېگىلى بولسۇن؟ مەن دېمەكچى بولغان بەخت بولسا ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، مىڭلىغان چاكارنى كۆرسىتىدۇ،-دەپتۇ.

بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ، چاكارلىرىمۇ قېچىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، باي بىر كېچىلا نامراتقا ئايلىنىپ قاپتۇ. قاتتىق ئىسسىق بىر كۈنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن ھېلىقى نامراتلىشىپ كەتكەن باي كەمبەغەلنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇسسۇزلۇق سوراپ كىرىپتۇ، كەمبەغەل بىر پىيالە سۇنى ئۇنىڭغا بېرىپ ئۇنىڭدىن:

- ھازىر نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكنى بىلدىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. نامراتلىشىپ كەتكەن باي كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:

- بەخت دېگەن سەن بەرگەن مۇشۇ بىر پىيالە سۇ،-دەپتۇ.

بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ مېنىڭچە، ھازىرنىڭ ئۆزى بىر بەخت. ھازىرىنى كەلگۈسىگە ئۇلىسىڭىز، ئۆمۈرلۈك بەختكە ئېرىشكەن بولىسىز. ھازىرنى قەدىرلەڭ، قولىڭىزدىكى بىر ئىستاكان سۇ، ئادەتتىكى تاماق، ئادەتتىكى خىزمىتىڭىزنىڭ ھەممىسى بەخت.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2