باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

پىدائىي دادام

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:18:42

‹‹پىدائىي دادام›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

پىدائىي دادام

ئاپتورى: گۈلنىسا ھوشۇر  ("باي مۇزات پىدائىيلىرى"نىڭ قۇرغۇچىسى)

تەھرىر: ئىسكەندەر جېلىل (يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىدىن)

 /

2014-يىللىق بالىلار بايرىمى يېتىپ كىلىش ئالدىدا، ئەترىتىمىز ئىزچىل ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىر قانچە ئوقۇغۇچىلارغا بايراملىق كىيىم- كىچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە، ناھىيە بازىرىدىن 180 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قېيىر يېزىسىغا باردۇق. بۈگۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا– ئانىسىمۇ كەلگەن بولۇپ، ئىزچىل بۇ بالىلارغا ياردەم قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە كۆپ رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شۇ ئارىدا بىر ياشانغان كىشى مەندىن سوراپ قالدى:

-قىزىم سىز كىمنىڭ بالىسى ؟

مەن دادامنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم، دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا بۇ كىشلەرنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى.

-ۋاي توۋا سىز شۇ كىشىنىڭ قىزىمۇ،- بۇلار بەس- بەستە دادام ھەققىدە پاراڭغا چۈشتى.

- دادىڭىز رەھمەتلىك بەك ئېسىل ئادەم ئىدى.

- مەن ناھىيىگە داۋالانغىلى بېرىپ، تاماق يەيدىغان پۇلۇم يوق دادىڭىز ماڭا پۇل بەرگەن ...

-دادىڭىز كىم يولدا پىيادە قالسا ماشىنىسىغا چىقىرىۋالاتتى، بىزنى نەچچە قېتىم ئۆيلىرىمىزگىچە ئاپىرىپ قويغان ...

- چوڭ بالامغا ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەندە، دادىڭىز بالامغا تاماق پۇلى بەرگەن...

-دادىڭىز  ...........................

ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئايىغى چۈشمەيلا، مەكتەپ مۇدىرىمۇ بۇ مەكتەپتىكى نۇرغۇن پارتا ئورۇندۇقلارنى دادامنىڭ ئېلىپ بەرگەنلكىنى ئېيتتى. ئاجايىپ بىرخىل مۇرەككەپ ھېسسىياتلار قوينىدا كۆزلىرىم نەملەشكىنىچە مەكتەپتىن ئايرىلدۇق. يولدا كېتىۋېتىپ ئۆتكەن يىلى قىشتا قېيىر يېزىسىنىڭ قاراغول كەنتىگە بارغاندىكى ئىش يادىمغا كەلدى. شۇ ۋاقىتتا ماڭا بىر كەنت كادىرى دادامنىڭ پۇل چىقىرىپ بۇ كەنتكە بىر ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، شۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى بىلەن نۇرغۇن كىشى يەرلىرىنى سۇغۇرۇپ مەنپەئەتلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىنىدە، گەرچە دادامنىڭ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىسمۇ، لىكىن بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم يوقلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان ئىدىم. يول بويى مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولۇپ، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى.

 دادام  2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، تاڭ سەھەرگە يېقىن ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپ 61 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ ۋاقىتلاردا دادام ناھيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، نەچچە سائەت ئىلگىرى كۆرۈشكەندە ساپساق تۇرغان دادامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاسمىنىم ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولغان ئىدى. دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن يېرىم يىلغىچە ئۆيىمىزگە نۇرغۇن پەتىچىلەر كەلدى، بىز تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان ھەممەيلەن دادامنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى، بىز بىلىدىغان، بىلمەيدىغان ھىكايىلىرىنى سۆزلەيتتى، ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىلمەيدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى.

 كىچىكىمدىن ئۆيىمىزگە مېھمان تولا كېلەتتى، كەچ قالغان يولۇچىلار، دوختۇرخانىغا كۈرۈنگىلى كەلگەنلەر، يەنە باشقا ھاجەتمەنلەر، يۇرتداشلارنىڭ ئىنىسى، بوۋىلىرىمىزنىڭ دوستىنىڭ بالىسى....دىگەندەك، لىكىن ئاكام بىلەن ئىككىمىز مېھمان كېلىشىنى پەقەت ياقتۇرمايتتۇق، چۈنكى مېھمان كەلسە بىز تېلېۋىزوردىن خالىغان كارتون فىلىملەرنى كۆرەلمەيتتۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئۆيىمىز كىچىك بولغاچقا، كەچتە تېخى كىرىسلودا يېتىشىمىزغا توغرا كېلەتتى، دادام بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەمىشە بىزگە «بالىلىرىم، مېھمان دىگەن ئۆيگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارمۇ خالىغان ئۆيگە كىرمەيدۇ، بىزنى كۆڭلى تارتىپ كېلىدۇ، ئۇنداق مېھمانلارنى يامان كۆرمەڭلار» دەپ نەسىھەت قىلاتتى.

دادام سەي- كۆكتات ۋە باشقا ئۇششاق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋاتقان ياشانغانراق كىشىلەر ياكى بالا سېتىقچىلارنى كۆرسە، گەرچە شۇ نەرسىگە ئېھتىياجىمىز بولمىسىمۇ سېتىۋالاتتى. ھېلىمۇ يادىمدا، قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كەچقۇرۇنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتاتتۇق، يول بويىدا يېلىڭ كىيىنىۋالغان، ئالدىغا ئون نەچچە تال قوناق ناننى تىزىپ قويۇپ، سوغۇقتىن تىتىرىگىنىچە يولدىن ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە بىر خىل ئۈمىدلىك بېقىپ ئولتۇرغان بىر موماي كۆزىمىزگە چېلىقتى. دادام يېنىدىن پۇل چىقرىپ ماڭا تەڭلىگىنىچە:

-بالام ئاۋۇ ئايالنىڭ نېنىدىن بەش ئالتىنى ئالايلى،- دېدى.

-بولدى ئالمايلى، ئۆيدە نان تۇرسا كىم يەيدۇ، قېتىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، بولدى ئالمايلى،- دەپ دادامنى نىيىتىدىن ياندۇرماق بولدۇم

-بالام، كەچتە بۇ نانلارنى ئەمدى ھېچكىم ئالمايدۇ.

 دادام شۇنداق دەپلا ئۇ موماينىڭ  ئالدىغا كېلىۋېدى، موماينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، باشقىچە خوشال بولۇپ كەتتى.

-كەلسىلە بالام، كەلسىلە، ئەرزان بېرىمەن.

ئەسلىدە بەش ئالتىنى ئالماقچى بولغان دادام بىراقلا موماينىڭ ئون نەچچە نېنىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى، موماينىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى يايراپ كەتتى، ھەتتا سېتىپ ئېشىپ قالغان كىچىككىنە سەۋزىسىنىمۇ بىزگە بېرىۋەتمەكچى بولدى ۋە دادامغا ئارقا ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم رەھمەت دەپ كەتتى. موماينىڭ خۇشال بولۇپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ، دادامنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇلارنى سېتىۋالماقچى بولغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، لىكىن بۇ نانلارنى بىز بىر ھەپتىدىمۇ يەپ بولالمايتتۇق.

-بەك جىق ئېلىۋالدۇق دادا، يەپ بولالمايمىز، بىزنىڭ ئۆيدە بۇ نانغا بىرەرسى ئامراقمۇ ئەمەس.

-بالام، ئۇ مومايدىن بىز ياخشى، مۇشۇ نەرسىلەرنى سوغۇقتا ئۆيىگە ئېلىپ كەتمىكىمۇ تەس، ئېلىپ قويايلى....

مەن، ئىنىم ۋە ئاكام مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولدۇق، دادام ئاكامغا ياكى ئىنىمغا ھېچقاچان «سەن بىرەرسىگە ياردەم قىل، سەن بىراۋنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگىن» دەپ ئۆگەتكىنى يوق، ماڭىمۇ ھېچقاچان «سەن پىدائىي بول» دەپ باققىنى يوق. ئەمما ھازىر ئاكام ھەم ئىنىممۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى كۆرسە قاراپ تۇرغىنى يوق، مەنمۇ  ئۆزەم خالاپ پىدائىي بولدۇم، ئىشتىن سىرتقى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمنى، زېھنىمنى، ئىقتىسادىمنى سەرپ قىلىپ باشقىلارغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم. ئەمدى ئويلىسام، بىزدىكى بۇ ئوي- پىكىر، بۇ خىل باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىستىكى ئەسلىدە دادامنىڭ مۇشۇ قارىماققا ئاددىي لېكىن ھەر قانداق ئېسىل تەربىيە سۆزلىرىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئۈن- تىنسىز ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن كەلگەن ئىكەن. دادامغا بېرىلگەن شان- شەرەپلەر ھەرگىزمۇ ئەينەك جاھازىغا ئېلىنغان، ھەل بېرىلگەن پارقىراق مىس  ھەيكەللەر، دۆۋە- دۆۋە تەقدىرنامىلەردە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ يىراق تاغلىق يېزىلاردا، مېھنەتتىن قەددى يادەك ئېگىلگەن، ئاددى ئەمما قەلبى پاكىز كىشىلەر ئارىسىدا ئىكەن. ئەسلى ئۆزىنى مەن پىدائىي دەپ ئوتتۇرىغا چىقمىغان، لېكىن ئۈن- تىنسىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان دادام مېنىڭ روھى تايانچىم بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقى بىر پىدائىي ئىكەن.

 

2015-يىلى 10-ئۆكتەبىر

 

/

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2