باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

2015-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ نادىر ھېكايە: قېچىپ كېتىش

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:19:02

‹‹2015-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ نادىر ھېكايە: قېچىپ كېتىش›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

2015-يىللىق ئەڭ نادىر ھېكايە: قېچىپ كېتىش

 

2015-يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ نادىر كىچىك ھېكايە: قېچىپ كېتىش

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

 

/

    ئاتا 15 ياشلىق قىزىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقلىقىنى، ئۇنىڭ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى بايقىدى. خەتتە مۇنداق يېزىغانىدى: ‹‹قەدىرلىك ئاتا، ئاپا، بۈگۈن مەن لەندى بىلەن قېچىپ كەتتىم. لەندى تولىمۇ جەلپكار كىشى بولۇپ، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىدە چەكمە بار. ئۇ ئەمدىلا 42 ياشقا كىردى، قېرى دېگىلى بولمايدىغۇ، شۇنداقمۇ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئورمانلىققا كەتتىم، ئەلۋەتتە بىز ئىككىمىزلا ئەمەس، لەندىنىڭ يەنە باشقا بىر نەچچە خوتۇنى بار، بىراق مەن كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. بىز كەندىر تېرىپ، نەشىنى ئۆزىمىز چەككەندىن باشقا، يەنە باشقىلارغا ساتىمىز. مەن يەنە ئۇ يەردە بىزنىڭ نۇرغۇن بالىلىرىمىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ جەرياندا، يەنە تېببىي تېخنىكىنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا لەندىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاتقىلى بولاتتى.››

    ئاتا ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە يۈرىكى ئېغىپ كەتتى. لېكىن يەنە خەتنىڭ ئاستىدا يەنە ‹‹تېخى تۈگىمىدى، ئارقا تەرەپكە قارىغىن›› دەپ يېزىلغانىدى. قەغەزنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ‹‹ئاتا، ئالدىنقى بەتتە دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، ئەمەلىيەتتە مەن ياندىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە، مەۋسۈملۈك ئىمتىھاننىڭ قەغىزىنى تارتمىغا سېلىپ قويدۇم، ئېچىپ ئىمزا قويۇپ قويساڭ. مەن بۇ خەتنى ساڭا دۇنيادا ئىمتىھاننى ياخشى بىرەلمەسلىكتىنمۇ ئۆتەر چاتاق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يازدىم. سەن ھازىر ماڭا تېلېفون قىلغىن، مەن خاتىرجەم ئۆيگە كىرسەم بولامدۇ؟››

    ئاتىنىڭ كۆز چاناقلىرى نەمدەلدى. 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2