بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ
ھېكايە
لېف تولستوي
1
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ ئاخىر سىڭلىسىنىڭ قورسىقى كۆپتى ۋە سودىگەرلەرنى چۈشۈرۈپ، دېھقانلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان گەپلەرنى قىلغىلى تۇردى.
− مەن ئۆز تۇرمۇشۇمنى سېنىڭ تۇرمۇشۇڭغا ھەرگىز تەڭ قىلمايمەن، − دېدى سىڭلىسى، − گەرچە جاپا تارتساقمۇ، لېكىن ھېچنېمىدىن غېمىمىز يوق. سىلەر پۇل تېپىپ باياشات ياشىغىنىڭلار بىلەن، بەزىدە بىر كۈندىلا يالاڭ تۆشكە ئايلىنىپ قالىسىلەر. چۈنكى كونىلاردا: «پۇل قانداق قولغا كەلگەن بولسا، شۇنداق قولدىن كېتىدۇ» دېگەن گەپ بار. بۈگۈن ئۆزىنى مىليونېر ساناپ يۈرگەنلەر، بەلكىم ئەتىلا تىلەمچىلىك قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىز دېھقان خەقنىڭ ئەندىشىمىز يوق. گۆش - ماينى ئاز يېگىنىمىز بىلەن ئۆمرىمىز ئۇزۇن، پۇلىمىز كۆپ بولمىغىنى بىلەن ئاچمۇ قالمايمىز.
− مال - ۋاران بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەنلەرنىڭ كۈنى قانچىلىك بولماقچىدى! − دېدى ھەدىسى، − سىلەردە نە مەدەنىيەت، نە ئەدەپ - ئەخلاق يوق! ھەرقانچە ئۆزۈڭلارنى ئۇرۇپ ئىشلىگىنىڭلار بىلەنمۇ، بەرىبىر ئات - ئېشەكنىڭ پوق - سۈيدۈكىدىن قۇتۇلالمايسىلەر ھەم ھېچقانداق ئىستىقبالىڭلارمۇ بولمايدۇ. بالىلىرىڭلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش.
− راست دەيسەن، − دېدى سىڭلىسى، − بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەمما بىز ھېچكىمگە يېلىنمايمىز ھەم ھېچكىمدىن قورقۇشىمىز يوق. ئەمما سىلەرچۇ؟ شەھەردە پات - پاتلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ تۇرىسىلەر. سىلەرنى ئالداپ پۇلۇڭلارنى ئېلىۋالغانلار بىر بولسا قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىدۇ، بىر بولسا پاھىشە ئوينايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بەرىبىر سىلەرگە پايدىسى يوق. قانداق، بۇنىڭدىنغۇ تېنىۋالمايدىغانسەن؟
− توغرا ئېيتتىڭ، − دېدى كاڭدا ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشاپ ياتقان ئۆي خوجايىنى باخوم، − بىز دېھقان خەق يەرگىلا تېۋىنىمىز، باشقا قالايمىقان خىياللاردا بولمايمىز. ئەمما، بىر باش قېتىنچىلىقىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ، يېرىمىز بەك ئاز! يەرلا كۆپ بولۇپ بېرىدىغان بولسا، ئادەم تۈگۈل ئالۋاستىدىنمۇ قورقۇپ قالمايتتۇق.
ھەدە - سىڭىل چاي ئىچىپ بولۇپ، يەنە بىردەم كىيىنىش، ياسىنىش ھەققىدە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، چىنە - قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئۇخلىغىلى يېتىشتى.
ئەمما، ئويلىمىغان يەردە ئالۋاستى كاڭنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىۋالدى ھەم بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى.
«ماقۇل، ئەمىسە سەن بىلەن بىر كۈچ سىنىشىپ باقاي، − دېدى ئالۋاستى ئىچىدە، − يەر دېگەننى شۇنداق جىق بېرىۋېتەيكى، قېنى قانداق قىلىسەنكىن؟»
2
شۇ ئەتراپتا سەل ھاللىقراق بىر خانىم بولۇپ، ئۇنىڭ 120 مو يېرى بار ئىدى. ئىلگىرى ئۇ دېھقانلار بىلەن ئوبدان ئۆتەتتى، ھېچكىمنى قاقشاتمايتتى. ئەمما ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر كىشىنى خوجىدار قىلىۋېدى، بۇ خوجىدار دېھقانلارغا ھە دېسىلا جەرىمانە قويىدىغان بولۇۋالدى. باخوم تولىمۇ ئېھتىياتچان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلى ئېتى بۇغدايغا كىرىپ كەتسە، ھېلى كالىسى باغقا كىرىپ كېتىپ، ھېلى يەنە موزىيى ئۇلارنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى چەيلىۋېتىپ، دائىم بېشىغا بالا تېرىلىپلا تۇردى. شۇڭا، ئاخىر ئۇنىڭغىمۇ جەرىمانە قويۇلدى.باخوم جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن، ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆيىگە بېرىپ خوتۇن - بالىلىرىنى ئۇرۇپ - تىللاپ كەتتى. شۇ تەرىقىدە باخوم يازىچە بۇ خوجىداردىن نۇرغۇن ئازار يېدى. قىش كېلىپ، مال - ۋاران قوتانغا يىغىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.
قىشتا ئۇ خانىمنىڭ يېرىنى ساتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چوڭ يول بويىدىكى بىر ساراينىڭ خوجايىنى ئۇ يەرنى ئالماقچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان دېھقانلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىشتى. چۈنكى ئۇلار: ناۋادا ساراي خوجايىنى بۇ يەرنى سېتىۋالىدىغان بولسا، جەرىمانە قويۇشتا ئۇ خانىمدىنمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ يەرسىز ياشىيالمايمىز، دەپ ئويلىشاتتى. شۇڭا، ئۇلار خانىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، يەرنى ئۇ ساراي خوجايىنىغا سېتىپ بەرمىسىلە، بىز ئۇنىڭدىن جىق پۇل بېرەيلى، بىزگە سېتىپ بەرسىلە، دەپ يالۋۇرۇشتى، بۇنىڭغا خانىممۇ ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يەرلەرنى قانداق سېتىۋېلىش توغرىلىق مەسلىھەتكە چۈشۈپ كېتىشتى، ئەمما ئالۋاستى ئوتتۇرىدا ئويۇن ئويناپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەچكە، زادىلا مەسلىھەتى پىشمىدى. نەتىجىدە ئاخىر ئۇلار ھەركىم ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىشىچە يەرنى پارچىلاپ سېتىۋېلىشقا كېلىشتى، بۇنىڭغا خانىممۇ ماقۇل بولدى. باخوم قوشنىسىنىڭ ئۇ خانىمدىن 20 مو يەر سېتىۋالغانلىقىدىن، خانىمنىڭ پۇلنىڭ يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى بىر يىللىق سۈرۈك بىلەن ئېلىشقا ماقۇل بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى - دە: يەرنىڭ ھەممىسىنى خەق ئېلىۋالسا، بىزگە ھېچنېمە قالمىغۇدەك دەپ ئويلاپ، ئىچى تىتىلداپ ئولتۇرالمايلا قالدى.
− ھەممە خەق ھازىر يەر سېتىۋېلىۋاتىدۇ، − دېدى ئۇ خوتۇنىغا مەسلىھەت سېلىپ، − بىزمۇ 5 ~ 10 مو يەر ئېلىپ قويساقمىكىن دەيمەن. بولمىسا كېيىنچە ھە دېسە خەققە جەرىمانە تۆلەپ، تەس كۈنگە قېلىپ يۈرىمىزمىكىن دەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر سېتىۋېلىشنىڭ ئامال - چارىسىنى قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ 100 رۇبلىچە پۇلى بار ئىدى. بىر تايچاق بىلەن ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ يېرىمىنى سېتىپ، ئوغلىنى گۆرۈ ھېسابىغا باشقىلارغا ئىشلەمچىلىككە تۇتۇپ بېرىپ، باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە لازىملىق پۇلنىڭ يېرىمىنى راسلىدى.
باخوم پۇلنى تەق قىلغاندىن كېيىن، 15 موچە كېلىدىغان، ئاز - تولا دەل - دەرەخ بار بىر پارچە يەرنى كۆرۈپ قويۇپ، خانىم بىلەن سۆزلەشكىلى باردى. سودىدا كېلىشكەندىن كېيىن، ئالدىن ئازراق زاكالەت پۇلى تۆلىدى. ئاندىن ئۇلار شەھەرگە كىرىپ يەر خېتى بېجىرىشتى ھەم يېرىم پۇلنى نەق، يېرىم پۇلنى ئىككى يىلغىچە بېرىش توغرىلىق توختام پۈتۈشتى.
شۇنداق قىلىپ ئاخىر باخومنىڭ ئۆز يېرى بار بولدى. ئۇ ئۇرۇق سېتىۋېلىپ، يېرىنى ھەيدەپ تېرىدى. بۇ يىلى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، بىر يىل ئىچىدىلا يەر پۇلى ۋە قەرز ئالغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بولدى ھەم ئۆز يېرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە باشلىدى: ئۇ ئەمدى ئۆز يېرىنى تېرىيدىغان، ئۆز يېرىنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى ئورۇيدىغان، ياغىچىنى كېسىپ ئىشلىتىدىغان، مال - ۋارانلىرىنى ئۆز يېرىدە باقىدىغان بولغانىدى. ئۇ ئۆز يېرىدە ئىشلەپ - ئىشلەپ ھارمايتتى. يەنە ئۇنىڭغا ئۆز يېرىدىكى ئوت - چۆپلەر شۇنداق بولۇق ئۆسكەندەك، ئۆز يېرىدە ئېچىلغان گۈللەرمۇ ئالاھىدە چىرايلىقتەك بىلىنەتتى. ئىلگىرى ئۇ بۇ يەردىن ئۆتسە، بۇ يەر ئۇنىڭغا باشقا يەرلەر بىلەن ئوخشاشلا كۆرۈنگەن بولسا، ئەمدىلىكتە بۆلەكچىلا سۆيۈملۈك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
3
باخوم ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق كۈنگە ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ رازى ئىدى. قوشنىلىرىنىڭ زىرائەتلىرىنى ئانچە - مۇنچە چەيلەپ قويغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك ئىدى. ئۇ ئۇلارغا كۆپ يېلىنغان بولسىمۇ، ئامال بولمىدى: ھېلى بىرلىرىنىڭ كالىسى ئېتىزىغا كىرىپ كەتسە، ھېلى بىرىنىڭ ئېتى كىرىۋالاتتى. دەسلەپتە ئۇ ئات - كالىلارنى قوغلىۋېتىپ، بۇ ئىشلارغا سالاۋات قىلىۋېتىپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈردى. ئەمما ئاخىر زادىلا چىدىيالماي، يېزىغا بۇ ئىش توغرىلىق ئەرز قىلىپ باردى. ئۇ قوشنىلىرىنىڭ بۇنى ئەتەي قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنىڭ بەك ئازلىقى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما: «بۇ ئىش بىلەن كارىم بولمىسا قانداق بولغىنى؟ بۇنداق كېتىۋەرسە، ئارا - گۈرجەكنى قۇچاقلاپ قالمامدىمەن. ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ بىر ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش كېرەك» دېگەن يەرگە كەلگەنىدى.ئۇ ئارقا- ئارقىدىن ئەرز قىلىۋەرگەچكە، سوت ئاخىر بىر - ئىككى دېھقاندىن ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلىتىپ بەردى. نەتىجىدە دېھقانلار باخومغا ئۆچەكىشىپ، قەستەن ئۇنىڭ يېرىنى مالىمان قىلىدىغان بولۇۋېلىشتى. بىر كۈنى كېچىدە ئۇ دەرەخلىققە كېلىپ، ئون تۈپچە دەرەخنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، بىرنەچچە تۈپنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆردى - دە، ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دېدى. ھەي، بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىۋالغان بولسامزە، بوينىنى ئۈزۈۋېتەتتىم، دەپ ئويلىدى ئۇ. ئاندىن كىمنىڭ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، باشقىسى ئەمەس، چوقۇم شۇ سېميون. ئۇ ئۇدۇل سېميوننىڭ ئۆيىگە باردى. ئەمما، ئىزدىگىنىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن سېميون ئىككىيلەن راسا تىللاشتى. ئاخىر باخوم ئۇنى سوتقا ئەرز قىلدى. بىراق، سوت سېميوننى ھەرقانچە سوراق قىلىپمۇ، ھېچقانداق پاكىتقا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن باخوم ئاچچىقىدا سوتتىكىلەر بىلەنمۇ قىزىرىشىپ قالدى.
− سىلەر ئوغرىغا يان باسىدىكەنسىلەر، − دېدى باخوم ۋارقىراپ، − ئەگەر گېلىڭلار پوق بولمىغان بولسا، بۇنداق ئوغرىنى ھەرگىز قويۇپ بەرمىگەن بولاتتىڭلار.
باخوم يەنە قوشنىلىرى بىلەنمۇ يامان بولۇپ بولدى. بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭغا، ئۆيۈڭگە ئوت قويۇۋېتىمىز، دەپ ھەيۋە قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ باخوم يېرى كۆپەيگەن بىلەن، بەك تەس كۈنگە قالدى.
شۇ كۈنلەردە، نۇرغۇن ئادەم يېڭى رايونغا كۆچكىدەك، دېگەن خەۋەر تارقالدى، ئەمما باخوم: مەن بۇ يەرلىرىمنى تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ. باشقىلار بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ يەرلىرى ماڭا قالىدۇ - دە، يېرىم تېخىمۇ كۆپىيىپ، كۈنۈم تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. مەن ئۈچۈن يەر قانچىلىك كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، دەپ ئويلىدى.
بىر كۈنى باخوم ئۆيدە ئولتۇراتتى، بىر يولۇچى دېھقان كىرىپ كەلدى. باخوم ئۇنى «قونۇپ قال» دېدى ھەم ئۇنىڭغا تاماق بېرىپ پاراڭلاشقاچ، نەدىن كېلىشىڭ، دەپ سورىدى. «نۇرغۇن كىشىلەر باشقا بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى، ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارغانلارنىڭ ھەربىرىگە 10 مودىن يەر بۆلۈپ بېرىدىكەن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ دېھقان.
− ئۇ جاينىڭ يەرلىرى شۇنداق مۇنبەتمىش، − دېدى دېھقان يەنە، − بۇغداي تېرىسا ئاتنىڭ بىقىنىغا كەلگۈدەك ئۆسۈپ، شۇنداق ئوخشايدىكەن، ئىككى - ئۈچ چامدام ئورا - ئورىمايلا بىر باغ بولىدىكەن. ئۇ يەرگە قۇرۇق قول بارغان شۇنداق نامرات بىر دېھقاننىڭ ھازىر ئالتە ئېتى، ئىككى كالىسى بار ئىكەن.
دېھقاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ باخوم سەل تەۋرىنىپ قالدى. ئۇ يەردە كۈن ئالماق ئاسان بولغاندىكىن، بۇ يەردە جاپا تارتىپ نېمە كەپتۇ، − دەپ ئويلىدى باخوم، − ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ يەردىكى يەر - زېمىنلىرىمنى سېتىۋېتىپ، شۇ ياققا كۆچۈپ كېتەي. ئەمما، ئەڭ ياخشىسى بىر بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلەي.
باخوم باھار كېلىشى بىلەنلا ۋولگا دەرياسىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ ساماراغا باردى، ئاندىن پىيادە 100 چاقىرىمچە يول مېڭىپ ئاخىر كۆزلىگەن نىشانىغا يەتتى. بېرىپ كۆردىكى، بۇ جاي ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ ماختىغىنىچە بار ئىكەن، بۇ جايدا دېھقانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىشى بېشىغا 10 مودىن يەر بېرىلگەن، ھەممىلا ئادەم ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى. كىمنىڭ پۇلى بولسا، ئۆزىگە تەقسىملەنگەن يەردىن باشقا يەنە يەر سېتىۋالسا بولىدىكەن. ھەر مو يەرنىڭ باھاسى ئاران ئۈچ رۇبلى، قانچىلىك ئالىمەن دېسە شۇنچىلىك بار ئىكەن!
باخوم ئۇ جاينىڭ ئاق - قارىسىنى ئوبدان بىلىۋالغاندىن كېيىن كۈزدە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى - دە، يەر - زېمىن، مال - بىساتىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتتى. ئاندىن باھار كېلىشى بىلەنلا ئۆيىدىكىلىرىنى ئېلىپ ئۇ جايغا كۆچۈپ باردى.
4
باخوم ئائىلىسىنى ئۇ جايغا كۆچۈرۈپ بارغاندىن كېيىن يېزا باشلىقىنى مېھمان قىلىپ يۈرۈپ، ھەر خىل رەسىمىيەتلەرنى بېجىرىۋالدى. يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، 50 مو يەر بۆلۈپ بەردى. بۇ يەرلەر بىرنەچچە جايدا ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىچىلىق مەيدانىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولدى. باخوم ئۆي سېلىپ، مال - ۋارانلىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يەرلىرى ئەسلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ، يەنە كېلىپ ھەممىسى ئۈنۈملۈك يەرلەر ئىدى. ئوت - چۆپمۇ ئەلۋەك، مال - ۋاراننى قانچىلىك باقىمەن دېسە شۇنچىلىك باققىلى بولاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى باياشات ئۆتۈشكە باشلىدى.باخوم بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىۋالغىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى. ئەمما، يېرى يەنىلا ئازلىق قىلىۋاتاتتى. تۇنجى يىلى باخوم يېرىگە بۇغداي تېرىپ مول ھوسۇل ئالدى. ئەمما، يەرلىك كىشىلەر بىر يەرنى بىر - ئىككى يىل تېرىغاندىن كېيىن ئارام ئالدۇراتتى. ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن بۇنداق يەرلەرنى ئالىدىغانلار كۆپ، ئەمما دائىم تالىشىپ ئۇرۇش - جېدەل بولۇپ تۇراتتى. بۇنداق يەرلەرنى پۇلى بارلار ئۆزلىرى تېرىغان بىلەن، نامراتلار سودىگەرلەرگە سېتىۋېتەتتى. شۇڭا، باخوم جىقراق ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى يىلى سودىگەرلەردىن بىر يىللىق مۆھلەت بىلەن نۇرغۇن يەر سېتىۋالدى. بۇ يەرلەرگە ئاشلىق تېرىۋېدى، شۇنداق ئوخشىدى، ئەمما بۇ يەرلەر ئۆيىگە بەك يىراق، ھارۋا بىلەن 15 چاقىرىمچە يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ چاغدا ئۇ بەزى دېھقانلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھېسابىدا يەر سېتىۋېلىپ، ناھايىتى باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: مېنىڭمۇ شۇنداق خۇسۇسىي يېرىم بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلىدى ھەم خۇسۇسىي يەر سېتىۋېلىشقا تەرەددۇتلاندى.
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ مەھسۇلاتى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، پۇلىمۇ كۆپەيدى. ئەمما بۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاۋارىگەرچىلىكىمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەر يىلى يەر ئالىمەن دەپ ئۇ يەر - بۇ يەرلەرگە قاتراپلا يۈرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈملۈك يەرنى تالىشىدىغانلار كۆپ ئىدى، سەللا كېچىكىپ قالغانلارغا يەر قالمايتتى. ئۈچىنچى يىلى ئۇ بىر سودىگەر بىلەن بىللە دېھقانلاردىن يەر سېتىۋالدى. ئەمما بەزىلەر بۇ يەرلەرگە تېرىلغۇ ھەيدەپ قويغان بولغاچقا، ئوتتۇرىدا ماجىرا كېلىپ چىقتى. شۇ ئىشتىن كېيىن باخوم: »ئۇ يەر ئۆزۈمنىڭ بولغان بولسا، خەققە ئېگىلىپ يۈرمەيتتىم، بۇنداق ئاۋارىگەرچىلىككىمۇ قالمايتتىم« دېگەن تونۇشقا كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن باخوم شەخسىي يەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇقۇشۇشقا باشلىدى. بىر دېھقان زىيان تارتقاچقا، ئۇنىڭغا 500 مو يېرىنى ئەرزان سېتىپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى. باخوم باھا تالىشىپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن يېرىمىنى كېيىن تۆلەش شەرتى بىلەن 1500 رۇبلىغا كېلىشتى. لېكىن، دەل شۇ كۈنى باخوم بىر يولۇچى سودىگەر بىلەن چاي ئىچىشكەچ پاراڭلىشىپ قالدى. سودىگەر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يىراقتىكى باشقىرتلارنىڭ ئېلىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە 5000 مو يەرنى سېتىۋېلىشقا ئاران مىڭ رۇبلى خەجلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. باخوم بۇ ئىشقا قىزىقىپ قېلىپ تەپسىلىي سورىغانىدى، سودىگەر:
− ئەمما بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن چوڭلارنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. مەن 100 رۇبلىلىق تاۋار - دۇردۇن، گىلەملەرنى ئېلىپ ئۇلارغا سوۋغا قىلدىم. يەنە ئازراق ئىچەلەيدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ مېھمان قىلدىم. نەتىجىدە ئۇلار ھەربىر مو يەرنى 20 رۇبلىغا سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى، − دېدى. ئاندىن يەنە، − ھەممىسى دەريا بويىدىكى ئوت - چۆپ ئۆسۈپ كەتكەن يەرلەر، − دەپ قوشۇپ قويدى.
باخوم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى.
− ئۇ جايدىكى يەرلەرنىڭ چېتىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىكەن، − دېدى سودىگەر يەنە، − ھەممىسىلا باشقىرتلارنىڭ، باشقىرتلار شۇنداق ئەقىلسىز خەقكەنكى، يەرلىرىنى بىكىرىغىلا بېرىۋېتىدىكەن.
مۇنداق ئامەت تۇرغان يەردە 1000 رۇبلىغا 500 مو يەرنى ئېلىپ نېمە قىلىمەن؟ ئۇنى ئاز دەپ خەققە قەرز بولۇپ، − دەپ ئويلىدى باخوم، − ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ جايغا بېرىپ جىقراق يەر سېتىۋالمامدىمەن.
5
باخوم ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى ئوبدان سورىۋالغاندىن كېيىن ئۇ سودىگەرنى ئۇزىتىپ قويدى ھەم شۇ كۈندىن باشلاپلا سەپەرگە تەييارلىق كۆردى. ئۇ ئۆي - بىساتىنى خوتۇنىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى بىر چاكارنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ھېلىقى سودىگەرنىڭ گېپى بويىچە ئاۋۋال شەھەرگە بېرىپ سوۋغا - سالام سېتىۋالدى. ماڭا - ماڭا 500 چاقىرىمچە يول يۈرۈپ، يەتتىنچى كۈنى ئاخىر باشقىرتلارنىڭ يايلىقىغا يېتىپ باردى. سودىگەرنىڭ دېگىنىدەك باشقىرتلار دەل دەريا بويىدىكى يايلاقتا كىگىز ئۆيلەردە ياشايدىكەن. ئۇلار يەر تېرىمايدىكەن، ئاشلىقمۇ يېمەيدىكەن. يايلاققا ئات - كالىلار توشۇپ كەتكەن، تايچاقلار كىگىز ئۆيلەرنىڭ كەينىلىرىگە باغلاپ قويۇلغان؛ بىيىلەر كۈنىگە ئىككى ۋاخلىق سېغىلىپ، قىمىز چېلىنىپ تۇرىدىكەن. باشقىرت خوتۇن - قىزلىرى قىمىز چېلىپ، قۇرۇت قۇرۇتىدىكەن. ئەرلىرى بولسا قىمىز، چاي ئىچىپ، گۆش يەپ، نەي چېلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن. بىر - بىرىدىن سېمىز ھەم خۇشال، ياز بويى خۇددى بايرامدەك ھېچ ئىش قىلمايدىكەن. ئۇلار نادان، كۆپىنچىسى رۇس تىلىنى ئۇقمايدىكەن، ئەمما شۇنداق مۇلايىم ھەم تۈزۈتلۈك ئىكەن.باشقىرتلار باخومنى كۆرۈپلا كىگىز ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. ئاندىن بىر تىلماچ تېپىپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. باخوم ئۆزىنىڭ يەر كۆرۈپ باققىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىۋېدى. باشقىرتلار بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتىشتى ھەم ئۇنى ئەڭ ياخشى كىگىز ئۆيگە باشلاپ، گىلەمدە ئولتۇرغۇزدى، مامۇق ياستۇق قويۇپ بەردى. ئاندىن ئۇنى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا چاي ۋە قىمىز تۇتۇشتى. يەنە قوي سويۇپ ئۇنى ئالاھىدە مېھمان قىلىشتى. بۇ چاغدا باخوم ھارۋىسىدىن سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ باشقىرتلارغا بۆلۈپ بەردى. باشقىرتلار خۇش بولۇشقىنىدىن كاتىرلىشىپ بىرنېمىلەرنى دەپلا كېتىشتى. ئاندىن تىلماچقا: «گېپىمىزنى باخومغا ئۆرۈپ بەرگىن» دېدى.
− ئۇلار سېنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ، − دېدى تىلماچ، − بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە مېھماننى بەك ئۇلۇغ بىلىمىز ھەم لايىقىدا سوۋغات قايتۇرىمىز. سىزنى دەپ باقسا، بۇ جاينىڭ نېمىسى لازىمكىن − دەيدۇ.
− ماڭا بۇ جاينىڭ يېرى لازىم، − دېدى باخوم، − بىزنىڭ ئۇ جايدا يەر قىس، يەنە كېلىپ ئۈنۈمسىز. ئەمما سىلەرنىڭ بۇ جاينىڭ يېرى كەڭرى ھەم مۇنبەت ئىكەن. مۇنداق ئېسىل تۇپراقنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
تىلماچ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆرۈپ بېرىۋېدى، باشقىرتلار بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتى. باخوم ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئۇلار ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى. بىر نەرسىلەرنى دەپ ۋارقىرىشىپ كۈلۈشەتتى. ئاخىر ھەممەيلەن جىمىقىپ باخومغا قاراشتى.
− ئۇلار سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك يەر دېسە بېرەيلى دەيدۇ، − دېدى تىلماچ، − قولىڭىز بىلەن نەنى كۆرسەتسىڭىز شۇ يەرنى بېرىدىكەن.
باشقىرتلار يەنە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشقىلى تۇردى، قارىغاندا بىر ئىشنى تالىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. باخوم ئۇلار نېمىنى تالىشىۋاتىدۇ دەپ سورىغانىدى، تىلماچ:
− بەزىلەر يەرنىڭ ئىشىنى ئاقساقالدىن سوراپ بېقىش كېرەك. ئۇنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ دېسە، بەزىلەر ئۇنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەۋاتىدۇ، − دېدى.
6
باشقىرتلار راسا تالىشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تۈلكە قۇلاقچا كىيگەن بىر كىشى پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن شۈك بولۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى:− بۇ كىشى بىزنىڭ ئاقساقال بولىدۇ، − دەپ تونۇشتۇردى تىلماچ.
باخوم دەرھال ئەڭ ئېسىل تاۋاردىن بىرنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلدى، ئاندىن يەنە بەش قاداق چاينى بەردى. ئاقساقال سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۆرگە چىقىپ ئولتۇردى. باشقىرتلار شۇئان ئاقساقالغا نېمىلەرنىدۇ دېيىشتى. ئاقساقال ئۇلارنىڭ سۆزىنى بىر قۇر ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن ئۇلارنى گەپ قىلىشتىن توسۇپ، باخومغا رۇس تىلىدا:
− بولىدۇ، سەن نەنى خالىساڭ شۇ يەرنى بېرەيلى. بىزدە يەر دېگەن ئەلۋەكچىلىك، − دېدى.
يەر دېگەننى مۇنداقلا ئېلىشقا بولمايدۇ - دە، − دەپ ئويلىدى باخوم، − چوقۇم بىرەر كاپالەتنامە بولۇشى كېرەك. بولمىسا ھازىر سېنىڭ دەپ قويغىنى بىلەن، كېيىنچە تارتىۋالسا قانداق قىلىمەن؟
− ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت، − دېدى باخوم، − سىلەردە يەر ھەقىقەتەن ئەلۋەكچىلىك ئىكەن، ئەمما مېنىڭ ئالىدىغىنىم كۆپ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ قايسى يەرنى بېرىسىلەر؟ قانچىلىك، ئېنىق بىر نەرسە دەۋەتسەڭلار. سىلەرغۇ شۇنداق ئېسىل ئىكەنسىلەر، ماڭا يەر بېرىدىغان بولدۇڭلار، ئەمما كېيىنچە سىلەرنىڭ بالا - چاقىلىرىڭلارنى بۇ يەرنى تارتىۋالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ - دە.
− بۇ دېگىنىڭ ئورۇنلۇق، − دېدى ئاقساقال، − بولىدۇ، دېگىنىڭچە بولسۇن.
− ئاڭلىشىمچە، ئىلگىرى بىر سودىگەر بۇ يەرگە كەلگەنىكەن. − دېدى باخوم، − سىلەر ئۇنىڭغا يەر بەرگەندە تىلخەتمۇ يېزىپ بەرگەنىكەنسىلەر. ماڭىمۇ شۇنداق قىلىپ بەرسەڭلار دېگەن ئارزۇدىمەن.
− بۇ قانچىلىك ئىشتى، − دېدى ئاقساقال، − بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ قەلەمدارىنى ئېلىپ شەھەرگە بىللە بارايلى. شۇ يەردە رەسمىي پۈتۈم پۈتۈشەيلى.
− ئەمىسە باھاسىنى قانداق دېيىشىمىز؟ − سورىدى باخوم.
− بىزنىڭ بۇ يەردە بىرلا باھا بار: ئۇ بولسىمۇ 1000 رۇبلىغا بىر كۈن.
− بىر كۈن دېگىنىڭىز قانچىلىك؟ − سورىدى باخوم چۈشىنەلمەي، − بىر كۈن نەچچە موغا تەڭ؟
− بىز ھېسابلاشنى بىلمەيمىز، − دېدى ئاقساقال، − بىز يەر ساتقاندا كۈن بويىچە ئۆلچەيمىز. بىر كۈندە قانچىلىك يەرنى ئارىلاپ چىقالىساڭ، شۇنچىلىك يەر ساڭا تەۋە. پۇلى 1000 رۇبلى.
− بىر كۈن دېگەندە بەك كۆپ يەرنى ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىغان تۇرسا، − دېدى باخوم ھەيران بولۇپ.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاقساقال قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
− قانچىلىك يەرنى ئايلىنالىساڭ ھەممىسى سېنىڭ، − دېدى ئاقساقال، − لېكىن بىر شەرتىم بار، ئەگەر شۇ كۈنى يولغا چىققان جايىڭغا قايتىپ كېلەلمىسەڭ، بىكارغا پۇل خەجلىگەن بولىسەن.
− ئەمىسە يولغا چىققان جايغا قانداق بەلگە قىلىپ قويىمەن؟ − سورىدى باخوم.
− بىز سەن تاللىغان جايدا تۇرىمىز. سەن يولغا چىققاندا بىر گۈرجەكنى ئېلىۋالىسەن. ماڭغاچ يەرنى كولاپ بەلگە قىلىپ ماڭىسەن. بىز سەن كولىغان جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ پاسىل كولاپ چىقىمىز. قانچىلىك چوڭ ئايلىنالىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، ئەمما كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەسلىي جايىڭغا قايتىپ كېلەلىشىڭ كېرەك. قانچىلىك جىق جاينى ئايلىنىپ چىقالىساڭ ھەممىسى سېنىڭ.
باخوم بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشقا كىرىشتى. ئاندىن ھەممەيلەن ئولتۇرۇشۇپ، تاكى قاراڭغۇ چۈشكۈچە يەپ - ئىچىشتى. ئۇلار باخومنى مامۇق يوتقانغا ياتقۇزۇپ، ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا يىغىلىپ بولۇشقا كېلىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
7
باخوم مامۇق يوتقاندا يېتىپمۇ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. پايانسىز بىر زېمىنغا ئېرىشسەم - ھە، دەپ ئويلىدى ئۇ، كۈنىگە 50 چاقىرىم يول يۈرەلەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كۈن ئۇزاق، شۇڭا بۇنچىلىك دائىرىنى ئايلىنىپ چىقىش ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈنۈمسىز يەرلىرىمنى سېتىۋېتىمەن ياكى دېھقانلارغا بېرىمەن. ئۆزۈم ئۈنۈملۈك يەرنى تاللاپ تېرىيمەن. ئىككى ئۆكۈز سېتىۋېلىپ، ئىككى ئىشلەمچى ياللايمەن. 50 مو يەرگە تېرىقچىلىق قىلىپ، قالغان يەرلىرىمدە مال باقىمەن.باخوم شۇنداق خىياللار بىلەن كېچىچە كىرپىك قاقمىدى. تاڭ ئاتارغا يېقىنلا ئۆزىنىڭ قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلمىدى. ئۇ بىر چۈش كۆردى، چۈشىدە مۇشۇ كىگىز ئۆيدە ياتقۇدەك، سىرتتا كىمدۇ بىرى قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقۇدەك. ئۇ كىمنىڭ كۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ كىگىز ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىپتۇدەك. قارىسا باشقىرتلارنىڭ ئاقساقىلى قورسىقىنى تۇتقىنىچە ھەدەپ كۈلۈۋاتقۇدەك. ئۇ بېرىپ ئۇنىڭدىن: «نېمىگە كۈلۈۋاتىسىز؟» دەپ سوراپتۇدەك. ئەسلىدە ئۇ باشقىرتلارنىڭ ئاقساقىلى ئەمەس، بەلكى نەچچە كۈنلەر ئىلگىرى ئۇنىڭغا يەر سېتىۋېلىش توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى سودىگەر ئىكەن. باخوم ئەمدىلا ئۇ سودىگەردىن: «بۇ يەرگە كەلگىنىڭگە نەچچىلىك بولدى؟» دەپ سورىشىغا، سودىگەر بىردىنلا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن كۆچۈپ كەلگەن دېھقانغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئارقىدىنلا باخوم ئۇنىڭ دېھقان ئەمەس بەلكى مۈڭگۈز ۋە تۇياقلىرى بار ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ. ئالۋاستى ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىچە ھەدەپ كۈلۈۋاتقۇدەك، ئالدىدا بولسا تامبال كىيىۋالغان يالاڭ ئاياغ بىر دېھقان ياتقۇدەك. باخوم سەپسېلىپ قاراپ ياتقان ئۇ دېھقاننىڭ ئۆلۈك ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى تونۇۋاپتۇ. دەل شۇ يەرگە كەلگەندە باخوم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى ۋە ھەي، چۈش دېگەنگە نېمە كىرمەيدۇ! دېگەنلەر خىيالىدىن كەچتى. بۇ چاغدا ئۇ بېشىنى بۇراپ، ئىشىكتىن تاڭ يورۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى ۋە ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ باشقىرتلارنى ئويغىتاي، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھارۋىدا ئۇخلاۋاتقان چاكىرىنى ئويغىتىپ، ھارۋىنى قات، دېدى. ئاندىن باشقىرتلارنى ئويغاتقىلى ماڭدى.
− تۇرۇڭلار، ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغان چاغ يەتتى، − دېدى ئۇ.
باشقىرتلار تەرەپ - تەرەپتىن ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلىشتى. ئاقساقالمۇ كەلدى. باشقىرتلار ھەدەپ ئۇنىڭغا چاي ۋە قىمىز تۇتقىلى تۇردى، ئەمما ئۇنىڭ تاقىتى تاق ئىدى.
− تېزرەك ماڭىلىچۇ، − دېدى ئۇ.
8
باشقىرتلار بەزىلىرى ئاتلىق، بەزىلىرى ھارۋىلىق باخوم بىلەن بىللە يولغا چىقتى. باخوم بىر گۈرجەكنى تۇتقىنىچە ئۆز ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ماڭدى. ئۇلار ئوتلاققا يېتىپ بارغاندا ئۇپۇق قىزىللىققا چۆمگەنىدى. بىر دۆڭگە چىققاندىن كېيىن ئاتلىقلار ئاتلىرىدىن، ھارۋىلىقلار ھارۋىلىرىدىن چۈشۈشۈپ بىر يەرگە يىغىلىشتى. ئاقساقال باخومنىڭ قېشىغا كېلىپ، قولى بىلەن يىراقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:− مانا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ، پايانى يوق. سەن خالىغىنىڭچە تاللىۋال، − دېدى.
بۇ يەرلەرگە قاراپ باخومنىڭ كۆزى قىزىرىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ يەرلەر ئالىقاندەك تەكشى، تۇپرىقى ئەپيۈندەك قارا، ھەممىلا يەر ئېگىز ئۆسكەن ئوت - چۆپلەر بىلەن تولغانىدى.
− ئوبدان كۆرۈۋال، مانا بۇ بەلگە، − دېدى ئاقساقال تۈلكە قۇلاقچىسىنى ئېلىپ يەرگە قويغاندىن كېيىن، − سەن مۇشۇ يەردىن يولغا چىقىپ، يەنە مۇشۇ يەرگە قايتىپ كېلىسەن. قانچىلىك يەرنى ئايلىنىپ چىقالىساڭ، ھەممىسى سېنىڭ.
باخوم پۇللىرىنى بۆكىگە سېلىپ كىيىۋالغاندىن كېيىن جۇۋىسىنى يەشتى. كەنجىرىنىڭ ئۈستىدىن چىگىلگەن كەڭ پوتىسىنى چىڭىتتى. بولكىنى قوينىغا سېلىپ، سۇداننى پوتىسىغا باغلىدى. ئۆتۈكىنى تارتىپ قويغاندىن كېيىن چاكىرىغا: «گۈرجەكنى ئەكىلىپ بەر» دېدى. ئاندىن مېڭىشقا تەق بولۇپ تۇردى. ئۇ قايسى تەرەپكە ماڭغاندا ئوبدان يەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. ئاخىر بەرىبىر ئوخشاش. كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭىۋېرەي دېگەن ئويغا كەلدى ۋە كۈنچىقىش تەرەپكە تىكىلگىنىچە بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردى. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، كۈننىڭ سالقىنىدا مېڭىۋېرەي دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە كۈن ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا گۈرجەكنى مۈرىسىگە ئېلىپ ئوتلاققا قاراپ ماڭدى.
باخوم ئىتتىكمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، بىر خىل رىتىمدا ماڭدى. بىرەر چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن توختاپ بىر ئورەك كولىدى. ئاندىن يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭدى. بۇ قېتىم قەدىمىنى تېزلەتتى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر ئورەك كولىدى.
باخوم ئارقىسىغا قايرىلىپ قارىدى. قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن دۆڭدە ئۆرە تۇرغان كىشىلەر شۇنداق روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھارۋىنىڭ چاقى ۋال - ۋۇل چاقنايتتى. باخوم بەش چاقىرىمچە مېڭىپتىمەن، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن كەنجىرىنى يېشىپ ئۆشنىسىگە ئارتتى - دە، يەنە يولىنى داۋاملاشتۇردى. يەنە بەش چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىسسىپ كەتتى ۋە كۈنگە قاراپ ناشتىلىق مەزگىلى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى.
ئاران بىر ئاش پىشىم يول ماڭغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلىدى باخوم، لېكىن كۈنىگە تۆت ئاش پىشىم يول ماڭساممۇ يەنە بالدۇر قايتقان بولىمەن. ئەڭ ياخشىسى، ئۆتۈكۈمنى سېلىۋېتىپ ماڭاي. ئۇ ئولتۇرۇپ ئۆتۈكىنى سالدى، ئاندىن ئۆتۈكىنى بېلىگە قىستۇرۇپ يولىنى داۋاملاشتۇردى ھەم ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. يەنە بەش چاقىرىم ماڭغاندىن كېيىن سولغا بۇرۇلاي، دەپ ئويلىدى ئۇ، بۇ يەر بەك ئوبدانكەن، بۇنداق يەرنى تاشلاپ كېتىشكە قانداق كۆز قىيسۇن. ئالدىمغا ماڭغانسېرى يەر مۇنبەتلىشىپ كېتىپ بارىدا. ئۇ شۇ ئوي بىلەن ئۇدۇل مېڭىۋەردى. ئاندىن ئارقىسىغا قايرىلىپ قارىغانىدى. دۆڭ غۇۋالىشىپ، ئادەملەر چۈمۈلىدەك كۆرۈندى، يەنە نېمىدۇر بىر نەرسە پارقىراۋاتقاندەك قىلاتتى.
خېلى ماڭدىم، ئەمدى بولار، قايرىلاي، دەپ ئويلىدى ئۇ، ئۇسساپمۇ كەتتىم، ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋالاي. ئۇ توختاپ بىر ئورەك كولىدى. ئاندىن سۇداننى ئېلىپ قانغۇچە ئۇسسۇزلۇق ئىچكەندىن كېيىن سولغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. ماڭغانسېرى ئوت - چۆپلەر تېخىمۇ ئېگىزلەشكە، كۈن تېخىمۇ ئىسسىشقا باشلىدى.
باخوم ھېرىپ قېلىپ كۈنگە قارىغانىدى، چاشكا ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى بىردەم ئارام ئالاي، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۇ بىلەن بولكا يېدى. ئەمما، ياتساملا ئۇخلاپ قالىمەن، دەپ ئويلاپ ياتمىدى. بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. قورساقنى ئەستەرلىۋالغاچقا، دەسلەپتە يېنىك ماڭدى. ئەمما كۈن بارغانچە ئىسسىپ كېتىۋاتقاچقا، ئويقۇسى كېلىپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كېتىپ باراتتى. شۇنداقتىمۇ، چىدىۋەت، ئامەت سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، دەپ ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، مېڭىشنى توختاتمىدى.
ئۇ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن سولغا بۇرۇلاي دەپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز بىر كۆلچەككە كۆزى چۈشۈپ قالدى - دە، ئۇنى تاشلاپ كەتكۈسى كەلمىدى ھەم بۇ يەرگە كەندىر تېرىسام ئوخشىغۇدەك، دەپ ئويلاپ، ئالدىغا مېڭىۋەردى. كۆلچەكنىڭ قىرىغا بىر ئورەك كولىغاندىن كېيىن كۆلچەكنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاندىن سولغا بۇرۇلدى. بۇ قېتىم ئۇ دۆڭگە قارىغانىدى، ئىسسىقتا تارالغان تۇماندىن دۆڭدىكى ئادەملەر بەكمۇ غۇۋا كۆرۈندى. ئارىلىق 15 چاقىرىمچە كېلىدىغاندەك قىلاتتى. بۇ تەرەپكە خېلى ماڭدىم، ئەمدى ئۇ تەرەپكە ئازراق ماڭاي، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە قەدىمىنى تېزلىتىپ ئۈچىنچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ كۈنگە قارىغانىدى، كۈن غەربكە قىيسىيىپ بوپتۇ. ئەمما ئۇ ئۈچىنچى يۆنىلىشكە ئاران ئىككى چ