باي خوتۇن ۋە تىلەمچى
ئىتىنى يېتىلەپ سەيلە قىلىپ يۈرگەن بىر باي خوتۇن يول بويىدا ئولتۇرغان بىر تىلەمچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بىردىنلا توختاپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن مۇنداق دېدى:
-ناۋادا سەن مېنىڭ ئىتىمنى «ئاتا» دېسەڭ، مەن ساڭا 100 يۈەن بېرىمەن! -ناۋادا مەن 10 قېتىم دېسەمچۇ؟- دېۋىدى، باي خوتۇن يەنە شۇنداق كۆرەڭلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
-ئەلۋەتتە 1000 يۈەن بېرىمەن!
تىلەمچى دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا ئىتنى 10قېتىم «ئاتا!» دەپ توۋلىدى، ئەتراپقا ئولاشقان ئادەملەر ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. باي خوتۇن كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا 1000 يۈەننى ساناپ بەردى، تىلەمچى پۇلنى قولىغا ئېلىپ بولۇپلا مۇنداق دېدى:
-رەھمەت ئانا! شاپائەتلىرىگە مىڭ رەھمەت ئانا!
بەزىدە بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق. سەن بەك ئاق كۆڭۈل بولساڭ، خەق سېنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ؛ ناۋادا بەك قارا كۆڭۈل بولساڭ، ئادەملەر ساڭا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشىدۇ. سېنى بوزەك قىلغان ئادەمدىن ئۆچ ئالىدىغان ئۇسۇلۇڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا تولىمۇ يېنىك ۋاسىتە بىلەن زەربە بېرىپ، ئۆزۈڭگە بولغان ھۆرمىتىڭنى ئىپادىلەش بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئېسىىڭدە مەڭگۈ چىڭ تۇتقىنكى، ئىلگىرى سەن قانچىلىك زەربىگە ئۇچرىغان بول، ھامان بىر كۈنى بىر كىملەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ساڭا ناماقۇل بولۇشتىن ئىلگىرى تۇرمۇش ساڭا داۋاملىق ئۇۋال قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.