يىللار- ئايلارنى قوغلىشىپ تېز ئۆتۈپ ھەش- پەش دىگىچە توي قىلغىنىمىزغا 4 يىل بولۇپ قاپتۇ ، ئوماق ئوغۇللىرىممۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بولۇپ قالدى، جۈپتى ھالالىم بولغان قەدىردان ئايالىم بىر تەرەپتىن ئۆي ، بالا يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ كۆپ چارچىدى، ئۇنىڭ جاپاسىنى كۆرگىنىمدە ئاپامنىڭ بىزنى چوڭ قىلغىچە تارتقان جاپالىرىنى تەڭ كۆرۈپ ماڭغاندەك بولىۋاتىمەن ھەمدە ئاپامغا بولغان ھۆرمىتىممۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ ماڭماقتا .
شۇ خىياللار بىلەن يېقىندا ئۈندىداردا كۆرگەن ئانىلارغا سوۋغا قىلىدىغان مەخسۇس رايون تەسىس قىلغان ، ھەرخىل گۈللەر ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇملار بار داۋان خەلىپە گۈللۈكى ئۇدۇلىغا جايلاشقان مىلىيون گۈل گۈلچىلىكىگە ماڭغان ئىدىم ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى بىر نەچچە دوستۇمدىن ئاڭلىدىم ، كۆڭلۈمدە ئاپامغا ۋە ئايالىمغا يەنە قىينئاپامغىمۇ بىر دەستىدىن گۈل ئېلىپ سوۋغا قىلىپ كۆڭلىنى بىر ئېلىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم .
مەنزىلىمگە كىلەي دىگەندە كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغان ساۋاقدىشىم ئەلقەم ئۇچىراپ قېلىپ ھال - ئەھۋال سوراشتۇق .
- ۋوي ئاغىنە نەگە ماڭدىڭ ، بەكلا ئالدىراش كۆرۈنىسەنغۇ ؟ ئۇچىرىشىشغا بارامسەن ؟، دېدى ئۇ بۇرۇنقىدەكلا گەپتانلىق قىلىپ ،
- ياقەي ئاداش ، يولنىڭ قارشىسىدىكى ئاۋۇ مىلىيون گۈل گۈلچىلىكىگە ماڭدىم ، گۈل ئالاي دەپ ، دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ .
- چاقچاق قىلمىغىنە ۋوي ، مەبەت باما سوۋغا قىلىدىغان ؟ - دېدى ئۇ يەنە قىززىقچىلىق قىلغاندەك .
- ياق ، ئايالىم بار ، ئاپام بار ، دېدىم مەن ، ئۇ بىر خىل چۈشەنمىگەندەك قىلىپ .
- نىمە دەيسەن ؟ ئاپاڭغا گۈل سوۋغا قىلامسەن ؟ سەن تېخى ئايالىڭغا گۈللەرنى سوۋغا قىلىپ يۈرىسە دىگىنە ، ھەي ئاداش سەنمۇ قىززىقكەنسە ، يۈرىۋاتقانلاردا سوۋغا قىلىدىغان نەرسە ئۇ ، ئاپاڭغىمۇ بېرىسە دىگىنە تېخى ... ، بۇنىڭ قالاقلارچە دىگەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كىچىك ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم ،
- دادام ئۆمرىدە ئاپامغا تۈزۈك بىر نەرسە سوۋغا قىلىپ باقمىغان ئادەم ئىدى ، بىر كۈنى دادام تۇيۇقسىز بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ كىردى ، ئۇ دەل 8- مارت كۈنى ئېدى ، بىز ھەممىمىز ھەيرانۇ ھەس قالدۇق ، ئۆزى باشلانغۇچ 4- يىللىققىچە ئوقۇغان ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمى بىلەن بۇنداق ئىشلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغان جاپاكەش دادامنىڭ دەل بۇ كۈنى بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرگىنى بىزگە تولىمۇ غەلىتە بىلىپ كەتتى . ئاپام بولسا ھاياتىدا تۇنجى ئۇچىرىغان بۇ خۇشھاللىقتىن كۆز چاناقلىرىدا شەبنەملەرنى يالتىرىتىپ ھاياجاندا تۇراتتى ، ئاپامنىڭ ئاشۇ سىمايى كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمەيدۇ . ئەمما ئاپامنىڭ بۇ ھاياجىنى ئۇزاققا بارمىدى .
<< دادام كۈلۈپ تۇرۇپ ، بۈگۈن ئۆيگە تېلېفون ئورنىتاي دەپ تېلېگىراف ئىدارىسىغا بارسام ، ئۇلار خانىم - قىزلار بايرىمى دىدىمۇ بىر پائالىيەت قىلىۋىتىپتىكەن ، شۇڭا ماڭا مۇشۇ گۈلنى مۇكاپات قىلىپ بەردى ...>> بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىمىز بىر خىل غەلىتە ھىسىياتتا بولۇپ قالدۇق ، ئاپامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىنى مەن تەسۋىرلەپمۇ ، تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتتىم ... ئەمما مەن شۇ چاغدا ئۆزەمگە شۇنداق قەسەم بەردىمكى ئاپامنىڭ ھەر بىر بايرىمىدا چوقۇم گۈل سوۋغا قلىمەن دېدىم ... شۇڭا مەيلى پىششىق قوناق ، سوغۇق چاي سېتىپ ، تاتلىقياڭيو دىگەندەكلەرنى سېتىپ بايرام يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئاپامغا ئاددى بولسىمۇ بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇم ، ئاپامنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ، كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا << مەرھۇم موماڭ رەھمەتلىك ، يولدىشىڭدىن كۆرمىسەڭ ، باللىرىڭدىن كۆرەرسەن ، دەپ دۇئا قىلاتتى ، مانا دۇئالىرى ئىجابەت بولۇشقا باشلاپتۇ ...>> دەپ كىتەتتى ... ھىلىھەممۇ بۇ شىرىن ھىسلار ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىمدا ئاداش ، ساڭا ئىيتسام گۈل دىگەن ئۇ كۆڭۈل ، كۆڭلۈكدە نىمە بولسا باشقىلارغا شۇنى بېرىسەن ، سەندە گۈلدەك كۆڭۈل بولسا ، ئاندىن باشقىلارغا گۈل بىرەلەيسەن ، ئۇنداق بولمىسا ماڭا ئوخشاش گۈل سوۋغا قىلغانلارنى زاڭلىق ئېتىسەن ، دېدىم مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ .
- ئاداش بۇ ھىكايەڭ راستىنلا بەك تەسىرلىككەن ، ئويلاپ باقسام مەن ئايالىمغا گۈل دىگەنلەرنى سوۋغا قىلىپ باقمىغىلى نە زامان ، ئاپامغىغۇ ئەسلا ئويلاپ باقماپتىمەن ، ھەقىقەتەن توغرا ئىيتتىڭ ، گۈل ئۇ كۆڭۈل ئۇنىڭ مىللەت ، دىن ، يۇرت چەكلىمىسى بولمايدۇ ، بىچارە ئاپام ھاياتىدا گۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى ، نىمىشقىمۇ بىر دەستە گۈل بولسىمۇ سوۋغا قىلىپ قويمىغاندىمەن ، ئېسىت ، ئېسىت ...
- كۆڭلۈڭنى بۇزما ئاداش ، ئاپاڭ رەھمەتلىك بولمىسا ، قىينئاپاڭ بار ، ئايالىڭ بار ، شۇلارغا سوۋغا قىلساڭمۇ ، ئاپاڭنىڭ روھى خۇش بولىدۇ ئەمەسمۇ . دېدىم مەن تەسەللىي بېرىپ ،
- توغرا دېدىڭ ئاداش ، يۈرە ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئىككى دەستە گۈل ئېلىپ ئۇلارغا سوۋغا قىلىپ ، بۇرۇنقى شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئورۇنىنى تولۇقلاي ، دېدى ئۇ ، ئىككىمىز ھاياجاندا مىلىيون گۈل گۈلچىلىكىگە يۈرۈپ كەتتۇق ...
ئاپتۇرى : پدائىي ، مەنبە: چىمبۇلاق تورى