شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋرى:
يىگىت بىلەن بوۋاي
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق سوغۇق ئۆتمىگەن، ئاتىسىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان بىر يىگىت بار ئىكەن. بىر كۈنى ئاتا-بالا ئىككىيلەن باغچىغا بېرىپتۇ، يىگىت بىر تال گۈلنى تۇتۇپ:
-:ئاتا بىز ياشلار مۇشۇ گۈلگە ئوخشاش بولۇپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە، سىلەر قېرىلار قانداقسىگە ئۆزۈڭلارنى بىز ياشلارغا سېلىشتۇرىسىلەر،-دەپتۇ.
ئاتا بۇ گەپنى ئاڭلاپ گەپ قىلماپتۇ، ئەمما بىر دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بىر تال ياڭاق سېتىۋېلىپ:
-بالام بايىقى ئوخشىتىشىڭ ناھايىتى جايىدا بولدى، ئەگەر سەن ئېچىلغان گۈل بولساڭ مەن مۇنۇ ياڭاققا ئوخشايمەن، بىراق پاكىت ئىنسانلارغا شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئېچىلغان گۈل جەزبىدارلىقنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەرگىلىرىدىن نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ياڭاق بولسا جەزبىدارلىقىنى شاكال ئىچىدىكى مېۋىسىگە سىڭدۈرۈشكە خۇشتار-، دەپتۇ.
يىگىت بۇنىڭغا قايىل بولماي:
- گۈل ئېچىلمىسا مېۋە نەدىن كەلسۇن؟،- دەپتۇ.
- شۇنداق مېۋىنىڭ ھەممىسى ئەسلى گۈل ئىدى، ۋەھالەنكى ئېچىلغان ھەننىۋا گۈلنىڭ مېۋىگە ئايلىنىشى ناتايىن،- دەپتۇ ئاتا.