باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

دادامنىڭ بەلبېغى

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:19:19

‹‹دادامنىڭ بەلبېغى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

(راست ئىشلار خاتىرىسى)

رەھىمە ئابدۇراخمان

   ئېسىمنى بىلسەم دادام رەھمەتلىك ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قارا رەختنى قىش – ياز بېلىگە چىڭ باغلاپ يۈرەتتى. دادام بازاردىن قايتقاندا بۇ قارا رەختكە يۇمشاق گىردە، تاتلىق – تۈرۈملەرنى چىگىپ كېلەتتى. بۇ قارا رەخت خۇددى چۆچەكلەردىكى ئېچىل داستىخانغا ئوخشايتتى.

   چوڭ بولغانسېرى مەن ئۇ رەختكە ئۆچ بولۇپ قالدىم، دوستلىرىمنىڭ دادىلىرى بەللىرىگە ئۇنداق قارا رەخت باغلاپ يۈرمەيتتى، ماۋۇ ئانامچۇ تېخى، بازارغا بارسا ئاتايىن دادامغا قارا رەخت سېتىۋېلىپ كېلەتتى. بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ سوراپ قوياتتىم:

  ـ نېمەڭ بۇ دادا؟

   بۇ مېنىڭ بەلبېغىم دەيتتى دادام بەلبېغىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ تۇرۇپ، مەن مۇشۇنىڭدا بېلىمنى چىڭ باغلىسام توققۇز بالىنى باقالايمەن. قارا، بۇ مېنىڭ خۇرجۇنۇم. بۇنىڭ ئىچىدىن ھەممە نېمە چىقىدۇ.

   دادام ئۆزى بەلباغ باغلىغاننى ئاز دەپ، قىش كۈنلىرى ئىككى ئىنىمگىمۇ باغلاپ قويىدىغان بولدى ھەم ئىنىلىرىمگە:

   بۇنى چىڭ باغلىساڭلار بېلىڭلار ئاغرىمايدۇ. ئوغۇل بالا مۇشۇنداق بەلنى چىڭ باغلاپ چەبدەس يۈرۈشى كېرەك، ھازىرقى بالىلار بەلباغ باغلىمىغاچقا بېلى بوش ئىشقا يارىماس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دەيتتى. دادام بىرەر قېتىممۇ بەلبېغىنى باغلاشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى، تاسادىپىي باغلىمىغان كۈنلىرى ‹‹بېلىم شامالداپ كەتتى›› دەپ قوياتتى.

   تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتكۈزگەن يىلىم مەكتەپ بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىم. مەكتەپ تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىمۇ تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەن ئانامغا دادامنىڭ تەقدىرلەش يىغىنىغا بارسا قالايمىقان سۆزلەپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بېرىشى كېرەكلىكىنى دەپ قويغانىدىم. ئانام ماقۇل بولغانىدى. يىغىن باشلىنىدىغانغا ئاز قالغىچە كۆزۈمنى ئىشىكتىن ئۈزمىدىم، ئانامنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. بىر چاغدا دادام خادانى چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن بېلىنى قارا بەلباغ بىلەن باغلاپ كىرىپ كېلىۋاتمامدۇ، قۇيقا چاچلىرىم تىكلىشىپ، چىرايىم ئۆڭۈپ كەتتى. دادامنى قېشىمغا چاقىرىشقىمۇ مەيلىم يوق ئىدى. دادام مۇئەللىم كۆرسەتكەن ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ساۋاقداشلىرىم بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلىشاتتى. ماڭا ئۇلار دادامنىڭ بەلبېغىنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. يىغىن باشلاندى، بىر چاغدا يېنىمدىكى قىز ‹‹سەھنىگە چىقمامسىز›› دېدى. دادام مەندىن بۇرۇن چىقىپ بولغانىدى. مەن مىڭ تەسلىكتە سەھنىگە چىقىپ دادامنىڭ قېشىدا تۇردۇم. ھەممە ئوقۇغۇچىلار بىزنى كۆرسىتىپ ‹‹ئاۋۇ قارا بەلباغ باغلىۋالغان ئادەم رەھىمەنىڭ دادىسى ئىكەن›› دەۋاتقاندەك قىلاتتى. دادامنىڭ مەيدىسىگە قىزىلگۈل تاقالدى. يەر ئاستىدىن دادامغا قارىدىم، دادام ساقال – بۇرۇتىنى پاكىز ئالغان بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى. قورۇقلىرى بىراقلا يوقاپ ياشىرىپ كەتكەندەك مەيدىسىنى كېرىپ تۇراتتى. يىغىندىن كېيىن ئويلىغىنىمدەك ساۋاقداشلىرىم ماڭا يېپىشىۋالدى. بىرى سورىدى:

   - داداڭ نېمىشقا بېلىنى باغلىۋالىدۇ؟

   - دادامنىڭ بېلى ئاغرىيدۇ.

   - نېمىشقا؟

   - نېمىشقا؟

   تۈگىمەس سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولالماي پاڭڭىدە يىغلاپ سالدىم. ئۆيگە قايتقاندا دادام مېنى بىر ھازاغىچە ماختىدى. لېكىن مېنىڭ قاپىقىم ئېچىلمىدى. ئانامغا ھومىيىپ:

   - نېمىشقا سەن بارمايسەن؟ دادام بەلبېغىنى باغلاپ بېرىپ مېنى ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا نومۇسقا قويدى، دېدىم. ئانام:

   - بەلباغدىنمۇ نومۇس قىلامدۇ؟ دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى. مەن ‹‹خەپ›› دېدىم. بىر كۈنى دادام بەلبېغىنى ئىلغۇچقا ئىلىپ قويۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، ئىچىمگە جىن كىردى. ‹‹بەلباغنى كېسىۋەتسەملا ئىش پۈتمەمدۇ›› دەپ ئويلىدىم – دە، بەلباغنى چاندۇرماي تالاغا ئېلىپ چىقىپ قايچا بىلەن كېسىۋەتتىم. ئەتىسى دادامدىن بۇرۇن چېيىمنى ئىچىپ مەكتەپكە ماڭدىم. چۈشتە دادام – ئانامنىڭ قانداق گەپلىرى مېنى ساقلاپ تۇرىدىكىن دەپ ئۆيگە قورقۇمسىراپ كىردىم. ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈشۈپ چاي ئىچىۋاتقان ئىكەن. دادام:

   مېنىڭ ئەلاچى قىزىم كىردى، بولە، قورسىقىڭ ئاچقاندۇ، دەپ مېنى يېنىغا چاقىردى. چېيىمغا نان ئوشتۇپ سېلىپ بەردى. ھېچكىم كېسىلگەن بەلباغنىڭ گېپىنى قىلمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دادام قىش كۈنلىرى بەلبېغىنى چاپاننىڭ ئىچىدىن چىڭ باغلاپ يۈرىدىغان، ياز كۈنلىرى باغلىمايدىغان بولدى. ئەمما ‹‹بېلىمگە شامال ئۆتتى›› دەپ ۋايساپ قوياتتى.

   دادامدىن ئايرىلغان مۇشۇ كۈنلەردە دادامنىڭ شۇ ۋايساشلىرى قۇلىقىمغا قايتا ئاڭلانغاندەك بولاتتى. شۇنداق چاغدا دادامنىڭ بەلبېغىنى كېسىۋەتكەنلىرىمنى ئويلىسام بەكمۇ نومۇس قىلىمەن. ئەسلىي دادام نومۇس قىلىدىغان دادا ئەمەس، پەخىرلىنىدىغان دادا ئىكەن.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-11/02/content_469464.htm

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2