باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

تېۋىپ بۆكەن

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:58:20

‹‹تېۋىپ بۆكەن›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

      شىر ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ناھايىتى زالىم، قەبىھ ۋە رەھىمىسىز ئىكەن، ھايۋانلار ئۇنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقاچقا، ھەممىسى ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىكەن.

       كۈنلەرنى بىرىدە شىر تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ، ئاغرىغاندىمۇ خېلى قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ ئاغرىق دەستىدىن تولغىنىپ، توختىماي ئىڭراپ:

ـــ پىل ئىنىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن، ئاغرىققا چىدىيالماي قالدىم، ـــ دەپتۇ.

       ئادەتتە شىر پىلغا ھېچقانداق ئەسكىلىك قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پىل ئۇنىڭغا ئۆچ ئىكەن. چۈنكى، شىرنىڭ باشقا ھايۋانلارنى بوزەك قىلىشى پىلغا زادىلا ياقمايدىكەن، شۇنداقتىمۇ پىل ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ھايۋان بولغاچقا، شىرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ.

       شۇنىڭ بىلەن پىل كېلەڭسىز گەۋدىسىنى ئىرغاڭلىتىپ بۆكەننىڭ قېشىغا مېڭىپتۇ. چۈنكى بۆكەن مۇشۇ ئەتراپتا داڭ چىقارغان تېۋىپ ئىكەن.

       پىل بۆكەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۆكەننىڭ ئاچچىقى كېلىپ سەكرەپ كېتىپتۇ:

ـــ كىم ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىغۇدەك؟ ئۇنداق زالىمنى كىم داۋالىسا داۋالىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ! ئۇنى تېزرەك ئۆلسىكەن، دەيمەن.

ـــ بۆكەن تېۋىپ، ئاغرىققا ئامال، ئۆلۈمگە سەۋەب قىلىش سىزنىڭ بۇرچىڭىزغۇ ! ـــ دەپتۇ پىل.

       ـــ گەپ كىمنى قۇتقۇزۇشتا، ئۇ ئەبلەخ بۇ يەردىكى قانچىلىغان دوستلىرىمىزنى بوزەك قىلمىدى ؟ ئۇ يەنە مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنىمۇ يېۋەتتى، مەن ئۇنىڭغا ئەشەددىي ئۆچ !

       ـــ ئۇ دېگەن بۇرۇنقى ئىشلار، ئۆتكەن ئىشلارغا سالىۋات، ھازىر شىر قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلىپ قويۇڭ.

       پىلنىڭ گەپ – سۆزلىرى بۆكەننى ئېرىتەلمەپتۇ، بۆكەن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: ـــ بارمايمەن دېدىم بارمايمەن، ئۆلتۈرىۋەتسىڭىزمۇ بارمايمەن ! ـــ دەپتۇ.

       پىل ئامالسىز بۆكەننىڭ ئۆيىدىن يېنىپ چىقىپ، ئورمانلىقتا تېۋىپ ئىزدەپ يۈرۈپتۇ. بارلىق ھايۋانلار شىرغا ئۆچ بولغاچقا، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويغۇسى كەلمەپتۇ.

       شىرنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئۇققان مايمۇن ئەقلىنى ئىشقا ساپتۇ - دە، پىلنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋېلىپ، چىۋىق بىلەن پىلنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: ـــ مېنىڭ بۆكەننى قايىل قىلىپ، شىرنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويۇشقا ئۇنىتىشىمغا ئىشىنەمسەن ؟ ــ دەپ سوراپتۇ.

       پىل خارتومىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ:

       ـــ  بولىدۇ، مەن سېنى بۆكەننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باراي، ـــ دەپتۇ.

       پىل مايمۇننى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ، بىردەمدىلا بۆكەننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ.

       مايمۇن بۆكەننىڭ قۇلىقىغا بىر ھازا پىچىرلاپتۇ. بۆكەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

       ـــ بولىدۇ، بولىدۇ، مايمۇن ئىنىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ بارساممۇ باراي، ـــ دەپتۇ.

       پىل بۆكەن بىلەن مايمۇننى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ، بىردەمدىلا شىرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. قارىسا شىر راستتىنلا قاتتىق بىتاب بولۇپ ياتقىدەك.

       بۆكەن شىرغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

       ـــ ھۆرمەتلىك پادىشاھ ئالىلىرى، نەلىرى ئاغرىيدۇ ـــ دەپ سوراپتۇ.

       ـــ ھەممە يېرىم ... پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيدۇ، ئاغرىق دەستىدىن بولالماي قالدىم ...

       بۆكەن شىرنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:

       ـــ ئاغرىغىنى بىكار ئەمەسكەن، چىشلىرى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپتۇ، تارتىۋەتمىسەم بولمىغۇدەك، ـــ دەپتۇ.

       ـــ ئاغرىق توختايدىغانلا ئىش بولسا تارتىۋەتسىڭىزمۇ تارتىۋېتىڭ، ـــ دەپتۇ شىر.

       شۇنىڭ بىلەن بۆكەن شىرنىڭ چىشلىرىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېتىپتۇ، ئاندىن شىرغا قاراپ :

       ـــ تىرناقلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقاي، بەزىدە تىرناقمۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدۇ، ـــ دەپتۇ.

       شىر تىرناقلىرىنى چىقارغانىكەن، بۆكەن قاراپلا: ـــ ئاپلا، تىرناقلىرى ياللۇغلىنىپ كېتىپتۇ، ئېلىۋەتمىسەم بولمىغۇدەك، ـــ دەپتۇ – دە، مايمۇن، پىللارنىڭ ياردىمىدە شىرنىڭ تۆت پۇتىنىڭ تىرناقلىرىنى قالدۇرماي ئېلىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئىككى بولاق دورا بېرىپ، ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ.

       شىر دورىنى ئىچكەندىن كېيىن بىردەمدىلا ئاغرىق توختاپتۇ. بىراق، بىردىنلا ئەسلىدىكى ۋەھشىي ھالىتىگە قايتىپتۇ:

       ـــ سىلەر كېسىلىمنى داۋالاپ قويدۇڭلار، سىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى يەيمەن !

       ـــ بۆكەن شىرغا تىكىلىپ تۇرۇپ :

       ـــ ئىت پوق يەيدىغان ئادىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتمەيدۇ، مەن سېنىڭ شۇنداق قىلىشىڭنى ئويلاپ يەتكەن، ـــ دەپتۇ.

       مايمۇنمۇ چاۋاك چېلى تۇرۇپ، مەسخىرە ئارىلاش ھالدا:

       ـــ پادىشاھ سېنىڭ چىشىڭمۇ، تىرنىقىڭمۇ بولمىسا بىزنى قانداق يېيەلەيسەن ؟ ـــ دەپتۇ.

       شىر ھەسرەتلەنگەن ھالدا لەسسىدە بوشىشىپ، مىدىر – سىدىر قىلالماي يېتىپ قاپتۇ.

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2