باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ساقلاش

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:20:37

‹‹ساقلاش›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ياسىن ئەبەيدۇللا

   كاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرىپلا ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. ئۆز ئۆيىگە نېمە يېتىدۇ، بىر ئايدىن بۇيان يات شەھەردە ئېسىل تاماقلارنى يەپ، چاقناپ تۇرىدىغان ياتاقلاردا ياتقان بولساممۇ، يەنىلا بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلغانىدى. ئۆيگە كىرىپلا بۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۆيدىن ماڭغۇچە ئېلىۋالغان لازىمەتلىكلىرىمنى ۋە خوتۇنۇم ئۈچۈن سېتىۋالغان سوۋغاتلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ، سائەتكە قارىدىم. خوتۇنۇمنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە يەنە ئازراق ۋاقىت بار ئىدى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈم ئامراق قىزىلگۈل چېيىنى دەملەپ، مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ ئىچكەچ ئۇنى ساقلىدىم. قولۇمدىكى ئىستاكان ئەينەك ئۈستەلگە قويۇلۇشى بىلەن ئۆزۈمنى ھارغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ئۇيقۇممۇ كەلگەندەك قىلاتتى.

   سىرتتا ئاپتوموبىلنىڭ توختىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قول سائىتىمگە ئىتتىك قارىدىم. سائەتنىڭ قىسقا ئىسترېلكىسى سەككىزنى، ئۇزۇن ئىسترېلكىسى 12نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ‹‹ئۇ كەپتۇ – دە، نېمانچە كەچ قالدىكىنە؟›› سەل ئاچچىقىم كېلىپ دېرىزە ئالدىغا كەلدىم. ئىشىك ئالدىدا ئېسىل بىر پىكاپ توختىغانىدى. پىكاپتىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا بوي، چىڭگىلەك چاچلىرى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان خوتۇنۇم چۈشتى، ئاندىن كاستۇم – بۇرۇلكا كىيگەن قامەتلىك بىرى چۈشتى. ئۇ خوتۇنۇمغا بىر ھازا گەپ قىلدى، ئىككىلىسىلا خۇشال تۇراتتى. ئۇنىڭ خوتۇنۇمغا كۆرسىتىۋاتقان قىزغىنلىقى مېنى ساراسىمىگە سالدى. بىردىنلا غەزىپىم ئۆرلەپ كەتتى. بىنادىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، ئاۋۇ ئەبلەخنى بىر مۇشت، خوتۇنۇمنى بىر شاپىلاق ئۇرغۇم كەلدى. ئىشىك ئالدىدا بىر يات ئەر بىلەن شۇنچە ئۇزاق تۇرۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم. ‹‹ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتسەم قوشنىلار يىغىلىشسا سەت ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىلەن نىيىتىمدىن يېنىپ قالدىم، ئۇلارغا داۋاملىق قاراۋېرىشكە رايىم بارمىدى. بۇ ئەلەملىك كۆرۈنۈشتىن بېشىم زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى. ئاستا بېرىپ كىرېسلودا ئولتۇرۇۋالدىم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلدى. ئاندىن خوتۇنۇم كىرىپ كەلدى.

   - قاچان كەلدىڭىز، يولدا جاپا تارتمىغانسىز، چىرايىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ، ئاغرىپ قالمىغانسىز؟

   - مەن گەپ قىلمىدىم، بۇ ئاچچىقىمدا ئېغىزىمغا گەپ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

   - راستلا ئاغرىپ قاپسىز – دە، يول ئازابى – گۆر ئازابى دەپ، ئوخشىتىپ سۇيۇقئاش قىلىپ بەرسەم تەرلىنىپ ئىچىپ، يېتىپ ئارام ئالامسىز – يا؟ دېدى ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە.

   ئىستاكاننى كۈچەپ يەرگە ئاتتىم. ‹‹جاراڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىستاكان چۇل – چۇل بولۇپ كەتتى. قىزىلگۈل چېيى ئۇنىڭ پۇتىغا چاچرىدى. خوتۇنۇم گويا نېمە بولغىنىنى ئۇقمىغاندەك ھەيرانلىق ئىچىدە بىر ماڭا، بىر يەردە چېچىلىپ ياتقان ئىستاكان پارچىلىرىغا قارايتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە مېنى شۇنچە ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن، كۆيۈشۈپ توي قىلغان ئادىمىم شۇمۇ ياكى باشقا بىرىمۇ دېگەندەك قارىشىنىمۇ ئۇچراتقاندەك بولدۇم.

   - ئۇ كىم؟ دېدىم مەن ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ.

   - كىم؟ خوتۇنۇم قىزىرىپ، ھودۇقۇپ شۇنداق سورىدى.

   - باياتىنقى ماشىنىلىق ئەپەندىمچۇ! دېدىم ئاچچىق بىلەن.

   - ھە كۆرۈپسىزدە، راستىنى ئېيتسام مەنمۇ ئۇنى تونۇمايمەن. بايا ئىشتىن چۈشسەم يولدا بىر موماي ئۇچراپ قالدى قاراڭ. قارىسام ئۆيىنى تاپالماي قاپتۇ. ياردەم قىلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي، دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئۆيىنى تاپتىم. سىز كۆرگەن ئۇ كىشى شۇ موماينىڭ ئوغلى ئىكەن. ئانىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولۇپ كەتتى. ئۆزىمۇ ئانىسىنى ئىزدىگىلى يېرىم كۈن بوپتىكەن. ئانىسىنى ئەكىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتتى. ياق دېسەم ئۇنۇماي ماشىنا بىلەن ئەكىلىپ قويدى شۇ.

   ئادەتتىكى چاغلار بولسا ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشەنگەن بولاتتىم، چۈنكى خوتۇنۇم ئاق كۆڭۈل، ساددا ھەم مېھرىبان ئايال ئىدى. ئەمما باياتىنقى مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە ئىشىنىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

   - توقۇغان ھېكايەڭگە مېنى ئىشىنىدۇ دەمسەن؟ بولدى بەس! مەن يوق چاغلاردا نېمە ئىشلار بولدى تېخى! بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ.

   مەن ئاچچىقىمدا شۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئۇ بەكلا ھەيران قالدى، ئاندىن چىرايىدا ئەپسۇسلانغان ئىپادە پەيدا بولدى. ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇنچە قاتتىق تەگمىگەن بولسام كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ماڭا شۇنچە ساختا بىلىندى.

  - ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ مۇشۇ چاغقىچە قاچان سىزگە يالغان ئېيتىپ باقتىم.

   بۇنى مەندىن سورىما. بەلكىم ئەينى يىللاردىلا مېنى ئالداپ يۈرگەنسەن، مەن تېلېفون قىلغاندا ئالمىغانلىرىڭدا مەن بىلمەيدىغان بىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگەنسەن، يازغان ئۇچۇرلىرىمغا جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭدا باشقىلار بىلەن ئۇچۇرلىشىپ ئالدىراشتۇرسەن.

   مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم – ھە، بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. نېمە بولۇپ بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم. ئۇ مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. چىرايى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە ئۆزگىرىپ يىغلىۋېتەيلا دەپ قالدى. بايا كىرگەن چاغدىكى خۇشاللىقىدىن ئازراقمۇ ئەسەر قالمىدى. بۇرۇن ئۇ رەنجىپ قالغۇدەك بولسا ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋېلىپ يىغلايتتى. بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىدى. بىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن سومكىسىنى ئېلىپ، ئىشىكنى ئاستا يېپىپ چىقىپ كەتتى.

   ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەن ‹‹ئۇھ›› دېدىم. بۇ ‹‹ئۇھ›› ئارقىلىق يېنىكلەپ قالارمەنمىكىن دېگەن ئىدىم، ئەمما ئەكسىچە بولدى. ئۆي ئىچىگە قارىسام بەكلا ۋەيران كۆرۈندى، ‹‹ئۆيدىن بوران ئۇچۇش›› دېگەن مۇشۇمىكىن. ئۆيدىكى نەرسىلەر، ھەتتا تۆت تاممۇ مېنى ئەيىبلەۋاتقاندەك قىلاتتى. كاللامدا تەۋرىنىش بولۇشقا باشلىدى. ‹‹راستىنلا خاتا ئەيىبلىگەندىمەنمۇ؟›› دەپ ئۆزۈمدىن قايتا – قايتا سوراپ كەتتىم. ئەمما جاۋابىنى ھېچ تاپالمىدىم، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى تونۇغاندىن تارتىپ ئەخلاقىدىن گۇمانلانغۇدەك بىرەر ئىشىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئىش بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ھەممىسى ئاساسى يوق پەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزمۇ شۇنچە پاكىز، باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ئۆتكەن ئىدى. ئەمما ئادەم دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ – دە. ‹‹ئۈچ كۈن كۆرمىگەن ئادەمگە باشقىچە نەزەردە قارا›› دېگەن گەپنى كىم دېگەن بولغىيتتى؟ بىز كۆرۈشمىگىلى بىر ئاي بولغان تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمىدى دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

   مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تۇراتتىم، بۇرنۇمغا تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئۇرۇلدى. كۆزۈمنى ئاچسام ئالدىمدا مەن ئامراق لەڭمەن تۇرىدۇ. بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى، دەپ ئويلاپ تۇرسام، خوتۇنۇم كۈلۈمسىرىگىنىچە بىر چىنە ئىسسىق ئاش سۈيى كۆتۈرۈپ پەيدا بولدى.

   - قاچان كەلدىڭىز؟ دېدىم ھەيران بولۇپ.

   ئۆيگە سائەت ئالتە بىلەن كەلگەن، يېرىم سائەتتىن ئاشتى. قارىسام ئۇخلاپ قاپسىز، شۇنىڭ بىلەن ئويغاتمايلا تاماققا تۇتۇندۇم.

  ـ  ھە؟ ئەمدى يەتتە بولاي دەپ قالدىما؟ مەن ئىشەنمىگەندەك سائەتكە قارىدىم. دېگەندەك يەتتىگە چارەك ۋاقىت قاپتۇ. باياتىن خوتۇنۇم سەككىز بىلەن كەلگەن ئەمەسمىدى. ئەجەبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشمۇ؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە روشەن، ھېلىقى ئەرنىڭ چىرايىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. قايمۇقۇپلا كەتتىم. تېخىچە ئىشەنگۈم كەلمەي تۇراتتى.

   بۇ چاي سوۋۇپ قاپتۇ تۆكۈۋېتەي – ھە، ئىچەمسىز – يا؟ خوتۇنۇمنىڭ قولىدا مەن بايا چېقىۋەتكەن ئىستاكان تۇراتتى. ئىستاكاننى كۆرۈپ چىرايىم قانداق ئۆزگىرىپ كەتتىكىن، خوتۇنۇم ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. مەن ‹‹مەيلى تۆكۈۋېتىڭ›› دېدىم، ئۇ چىقىپ كەتتى. دېمەك باياتىن يۈز بەرگەنلىرى راستىنلا چۈشۈمكەندە.

  - چارچاپسىزدە؟ دېدى خوتۇنۇم ئىستاكاننى بىكارلاپ كىرىپ.

  - ھەئە ھېرىپ قالغان ئوخشايمەن، كېلىپ سىزنى ساقلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.

   - ساقلاپ دەمسىز، مەن بىر ئايدىن بۇيان سىزنى ساقلاۋاتىمەن.

   خوتۇنۇمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىمگە ئىللىق بىر سېزىم تاراپ كەتتى. مېھىر بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن باياتىنقى چۈشلىرىم ئۈچۈن ئىچىمدە خىجىل بولدۇم. ئەمدى بولسا قەلبىم ئۇنىڭغا بولغان تەشەككۈر ھېسسىياتى بىلەن تولدى.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-07/21/content_440301.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2