(ھېكايە)
ياڭيارۇ
قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئاشۇ كېچە ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كۈنى مەن تۇرمۇشۇمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرغاچ كوچىدا يالغۇز ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ئەسلىدە قەھۋەخانىدا مۇلازىملىق قىلىپ تاپقان پۇل بىلەن گېرمانىيەدىكى ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ھەپتە قاتتىق زۇكامداپ قېلىپ بىر ھەپتە يېتىپ قالدىم. قەھۋەخانا خوجايىنى ئورنۇمغا بىر قىزنى ياللاپ ئىشلىتىپتۇ. كىرىم مەنبەيىمدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، يۇرتۇمدىكى ئاتا – ئانامدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن نېمە سەۋەبتىنكى ئاتا – ئانامنىڭ ‹‹قۇتقۇزۇش مەبلىغى››نى تاپشۇرۇۋالالمىدىم.
بىرەر دۇكاننىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى ئۇچراپ قالارمىكى دەپ ھەر كۈنى دەرستىن چۈشكەن ھامان مەكتەپ ئەتراپىدىكى كوچىلارنى ئارىلايتتىم، ئەمما ھەمىشە ئۈمىدسىزلىنىپ قايتىپ كېلەتتىم، بۇنداق غېرىبلىق، نامراتلىق مېنى قاتتىق ئازابلايتتى.
بىر قېتىم مېڭىۋېرىپ ھېرىپ قالدىم، ئارام ئالغاچ ئىسسىنىۋېلىش ئۈچۈن كوچا دوقمۇشىدىكى بىر تاللا بازىرىغا كىردىم. كىيىملىرى جۇل – جۇل بىر بالا تاللا بازىرىنىڭ دېرىزىسى تۈۋىدە تۇراتتى. ئۆتكەن – كەچكەنلەر بالىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قوياتتى، لېكىن بىرەرسىمۇ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلمەيتتى.
بىر ئوتتۇرا ياش ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
بالام، بۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ سورىدى ئايال.
مەن تەڭرىدىن ماڭا بىر جۈپ پايپاق بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن، دېدى بالا بوش ئاۋازدا.
ئايال شۇئان بالىنىڭ تېشىلىپ كەتكەن كونا ئاياغ ئىچىدىكى پايپاقسىز پۇتىغا قارىدى. ئايالنىڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ئۇ بالىنى ئېلىپ تاللا بازىرىغا كىردى ۋە دۇكان خوجايىنىغا بىر داس سۇ ئەكەلدۈرۈپ بالىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويدى، ئاندىن بىر جۈپ ئاياغ ۋە بىر جۈپ پايپاق سېتىۋېلىپ بالىغا كىيدۈردى.
بالىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ بۇ قارلىق كېچىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق، ئەڭ قىممەتلىك بولغان بىر جۈپ پايپاققا ئېرىشتى.
مېنىڭ كۆرگۈنۈم قۇياشتەك ھارارەتلىك ئۈمىد نۇرى ئىدى.
يېشىمنى سۈرتۈۋېتىپ، تاللا بازىرىدىن چىقتىم – دە، قاتتىق شىۋىرغانغا قارىماي خىزمەت ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندىم.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-08/03/content_442440.htm