ئاشۇ يىلى خوتۇنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋېدى، ئۇ بەكلا ئازابلاندى. ئەگەر ئۇ بەش ياشلىق قىزىغا تارتىشمىغان بولسا، ئۆزىمۇ خوتۇنىنىڭ ئارقىسىدىن كەتكەن بولاتتى. خوتۇنىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئازابلانغان ھالدا خىزمەتكە باردى. ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆرگەن رەھبەرلىك مۇھىت ئالماشتۇرۇپ، كەيپىياتىنى تەڭشىۋالسۇن دەپ، ئۇنى سىرتقا بىر يىللىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى.
يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ قىزىنى ئانىسىنىڭ قارىشىغا تاپشۇردى. گەرچە ئانىسى نەۋرىسىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئانىسىغا قايتا – قايتا تاپىلاپ ئاندىن يولغا چىقتى.
بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆگىنىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى. ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ يىراقتىن ياداڭغۇ بىر چىراينى كۆردى، ئۇ مېنىڭ قىزىمغۇ؟ ئۇ تېز – تېز مېڭىپ قىزىنى كۆتۈرۈپ باغرىغا چىڭ باستى:
- بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟
- مومام سىزنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىڭىز بولۇپ قالدى دېگەنىدى، مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە سىزنى ساقلىدىم، دادا! قىزنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى.
- كەچتە قىزى ئۇخلاپ قالدى، ئۇ تاقىتىنى باسالمىغان ھالدا ئانىسىغا دېدى:
- بالا بەكلا ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، بويىمۇ ئانچە ئۆسمەپتۇ، سىزمۇ خېلىلا جۈدەپ قاپسىز، ماڭا قىزىم بولمىسا بولمايدۇ.
- بالام، كۆڭۈلسىز يۈرۈۋەرمەي ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئويلاپ قويغىن،- دېدى ئانىسى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ.
- ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاشقا رايىم يوق ئانا.
- ئۆزۈڭنى ئويلىمىساڭمۇ مەيلى، لېكىن بالىنى بولسىمۇ ئويلاپ قويغىن، -دېدى ئانىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
بۇ قىزنىڭ خېلىلا دەردى بار، كۈندۈزلىرى بەكلا جىمغۇر، كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ‹‹ئانا، دادا...›› دەپ جۆيلۈپ يىغلاپ كېتىدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى ئوغلىغا لايىق ئىزدەشكە باشلىدى، قولۇم – قوشنىلارمۇ بىر نەچچە قىزنى تونۇشتۇردى، ئەمما قارشى تەرەپ بالىسى بار ئىكەن دېگەننى ئاڭلاپلا يالتىيىشتى.
بىر قېتىم تۇغقىنى ئۇنىڭغا بىر قىزنى تونۇشتۇردى. بۇ قىزنى ئانىسى بۇرۇنلا تونۇيتتى، قىز ھەم چىرايلىق ھەم ئاق كۆڭۈل ئىدى. ئانىسى خۇش بولۇپ ئوغلىغا:
- بۇ قېتىم بىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساق بولمايدۇ. مەن ئويلىنىپ بولدۇم، ئىش قىلىپ سەن ھامىنى ئۆيلىنىسەن، يەنە تېخى بالىلىقمۇ بولىسەن، نەۋرەمنى يېنىمدا قويۇپ قويغىن، ماڭا ھەمراھ بولسۇن، باشقىلار سوراپ قالسا سىڭلىسىنىڭ قىزى دەپ قويىمەن، ئۇ سېنى تاغا دەپ چاقىرسۇن، دېدى.
- ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ، ئۇ دېگەن مېنىڭ قىزىم تۇرسا! ئوغلى ئانىسىنىڭ بۇ تەكلىپىگە قەتئىي قوشۇلمىدى.
ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان قىزى يالاڭئاياغ يۈگۈرۈپ چىقىپ:
- ھېچقىسى يوق دادا، مەن سىزنى تاغا دەپ چاقىرىشنى خالايمەن! -دېدى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مومىسىنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى، ئەتىسى ئۇ قىز بىلەن يىگىتنى ئۇچراشتۇرۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈردى، تۇغقىنى تېزلا قىزنى باشلاپ كەلدى. ئانا نەۋرىسىنى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئويناپ تۇرۇشقا كىرگۈزۈۋەتكەنىدى، ئۇ قىز بىلەن مېھمانخانىدا پاراڭلاشتى. قىزنىڭ گەپ – سۆزى، مىجەز – خۇلقى خېلىلا جايىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ياراپ قالغانىدى. ئىككىيلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەچكە كەچ كىرگىنىنىمۇ سەزمەيلا قېلىشتى.
بىر ھازادىن كېيىن قىزچاق ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى، دادىسى جىددىيلىشىپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن قىزى ئۇنى تاغا دەپ چاقىردى، يەنە ئولتۇرغان قىزغا قاراپ ھامما دەپ قويۇپ، ئاندىن لاتا قونچىقىنى ئېلىپلا يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى، شۇندىلا دادىنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ ئەركىن بىر نەپەس ئېلىۋالدى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇ قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى ۋە كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتىنى بېكىتىپ قويدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كىرگەندە قىزى دادىسىنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ئۇ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى ۋە ئارقا – ئارقىدىن نەچچە قېتىم دادا ... دادا ! دەپ چاقىردى. ئۇ قىزىنىڭ بېشىنى سىلىدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۇنداق چاقىرىۋەرمىگىن، چارچىمىدىڭمۇ؟- دېدى.
- چارچىمىدىم، دادا ھاممام بىلەن توي قىلسىڭىز، مەن ھەرگىزمۇ سىزنى دادا دەپ چاقىرمايمەن... قىز مەيۈسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
شۇ كۈنى كەچتە، ئوغلى ئانىسىغا پەس ئاۋازدا پىچىرلىدى:
بۇ توينى بولدى قىلساقمىكىن، قىزىم ئانىسىز قالدى، ئەمدى دادىسىز قالسا بولمايدۇ ... ئانىسى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، دادا ئىزچىل قىزى بىلەن بىللە ياشىدى. ھەر كۈنى قىزىنى مەكتەپتىن ئالغىلى بارغاندا، قىزى ئىككى قولىنى كەڭ يايغىنىچە ئېتىلپ كېلەتتى – دە، دادا، دادا! دەپ توۋلاپ كېتەتتى. ئۇمۇ شۇئان قىزىنى باغرىغا مەھكەم باساتتى، ئاندىن دادا – بالا ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ خۇشال – خۇرام ئۆيگە قايتاتتى. بەزىدە ئۇ ھېلىقى چىرايلىق قىزنى ئەسلەپ قالاتتى، بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالاتتى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايتتى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-09/14/content_451691.htm