باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

«ھاكاۋۇر» قىز

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:19:59

‹‹«ھاكاۋۇر» قىز›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

(شىڭگىل ھېكايە)

ئابدۇناسىر ئابلەت

   پىژغىرىم ئىسسىقتا چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئىككى ئايال ھېيتگاھ مەيدانىدىكى بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا چىقتى – دە، بوش ئورۇن بارمىكىن دەپ بوينىنى سوزۇشۇپ ئارقا تەرەپكە كۆز يۈگۈرتۈشتى.

   - ۋىيەي، ئۆرە تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇق ئاداش، دېدى بوش ئورۇن يوقلۇقىنى كۆرگەن دىقماققىنە كەلگەن ئايال چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا يېنىدىكى بويى ئېگىز ئايالغا:

   - ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپكەن، پىيادە ماڭىلى دېسەم ئۇنىمىدىلە، مانا ئەمدى بۇ تونۇرنىڭ ئىچىدە كاۋاپ بولىدىغان بولدۇق.

   - ھەجەب دىۋالدىلا، بۇنداق بولۇشنى چىم بىلدى، كوتۇلداۋەرمىسىلە ئىچىمنى قاينىتىپ، دېدى ئېگىز ئايال كۆينىكىنىڭ يېڭىدە يۈزىدىكى تەرنى سۈرتۈپ.

   ئاپتوبۇس بىر بېكەت مېڭىپ توختىدى، بوش ئورۇننىڭ كويىدا يۈرگەن ئىككى ئايال ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا ئىشىكىگە سۈرۈلۈپ باردى. سول تەرەپتە قارا قاش، بوتا كۆز، يۇمىلاق يۈز، بۇغداي ئۆڭ بىر قىز ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇ قىزنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇشتى – دە، ‹‹سايراش››قا باشلىدى:

   - نېمە بولدى سىلىگە، بۇ قىزغا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ قاللىغۇ؟ بۇ كەمدىچا، سىلىگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان خانقىزلار قالمىدى، ئۆرە تۇرۇپ خاتىرجەم مېڭىۋەرسىلە، دېدى ئېگىز ئايال كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا، ھاكاۋۇرلۇقىنى بۇنىڭ، دەمدەك يوغان ئوسما قويۇپ، بولۇشىغا گىرىم قىلىپ، شامال ئۆتمەيدىغان تار كۆينەك كىيگەنگە تويسىلا ئەمدى. بۇ كۈننىڭ ھاكاۋۇر قىزلىرىدىن يەنىلا بىزدەك چوكانلار نوچى جۇمۇ، ئۆرە تۇرساقمۇ تۇرالىغۇدەك ماغدۇرىمىز بار.

   بولۇنۇۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان قىز ھېچنېمە ئاڭلىمىغاندەك ئولتۇرۇۋەردى...

   ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى، ‹‹قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا›› دېگەندەك، دارىتمىلاپ سۆزلەۋاتقان ئىككى ئايالمۇ سۆزلەشتىن توختىدى. ئالدى ئىشىكتىن چىققان بىر موماي ھاسىرىغان ھالدا قىستىلىپ كېلىپ قىزنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆرە تۇردى.

   - چوڭ ئانا، كەلسىلە، مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرسىلا...

   ‹‹ھاكاۋۇر›› قىز يېنىدىكى قىزىل سومكىدىن چاققانلىق بىلەن سىيرىلما ھاسىسىنى ئېلىپ تايىنىپ ئۆرە تۇردى – دە، ئورنىنى مومايغا ئۆتۈنۈپ بەردى.

   رەھمەت قىزىم، ۋاي بۇ سىز... مەن... سىز...

   ئاپتوبۇستىكى قېرى – ياش، ئۇلۇغ – ئۇششاقنىڭ نەزەرى قىزغا بۇرالدى، قىزنىڭ قولىدىكى سىيرىلما ھاسىنى كۆرۈپ، بۇ قىزنىڭ بىر پۇتى يوق مېيىپ ئىكەنلىكىنى بىلىشتى. ھېلىقى ئىككى ئايالمۇ بىر – بىرىگە قارىشىپ قويدى. ئەمما بۇ ‹‹ھاكاۋۇر›› قىزنىڭ بىر كىچىك قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتناش ۋەقەسىدە سول پۇتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-08/24/content_447357.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2