بۇرۇن بىر تۇل ئايال بولۇپ، ئوغلى مىلا بىلەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.يىللار ئۆتۈپ مىلا چوڭ بوپتۇ. بىركۈنى مىلانىڭ ئانىسى:
-ئوغلۇم، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزۈڭ قامدىغىن،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن مىلا بازارغا بېرىپتۇ ۋە بىر بايغا ياللىنىپ ئىشلىمەكچى بوپتۇ.مىلا باينىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، باي بىر ئىككى-كۈنگىچە ئۇنى ئىشقا سالماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن مىلا جىددىيلىشىپ بايدىن:
-باي ئاكا، مەن قىلغۇدەك ئىش يوقمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-بار، بار، لېكىن ئەتە قىلىمىز،-دەپتۇ بار.
ئەتىسى باي مىلاغا بىر كالىنى سويدۇرۇپ، تېرىسىنى ئاجراتقۇزۇپتۇ، ئاندىن ئىككى تۆگىنى يېتىلەپ كېلىپ، قۇرۇق تاغاردىن تۆتنى ئېلىپ، مىلا بىلەن بىرگە ئۆيدىن چىقىپتۇ.ئۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، بىر تاغنىڭ باغرىغا قەپتۇ.باي مىلاغا تۆگىنىڭ ئۈستىدىكى يۈك-تاقلارنى چۈشۈرگۈزۈپتۇ، ئاندىن كالا تېرىسىنى ئېچىپ يەرگە سېلىپ، مىلانى تېرىنىڭ ئۈستىدە يېتىشقا بۇيرۇپتۇ. مىلا تېرىنىڭ ئۈستىدە يېتىشى بىلەن تەڭ، باي تېرىنى مىلا بىلەن قوشۇپ يۆگەپ، ئارغامچا بىلەن مەھكەم تېڭىپ قويۇپ، ئۆزى يوغان بىر قورام تاشنىڭ كەينىگە مۆكۈۋاپتۇ.
تۇيۇقسىز، ناھايىتى يوغان ھەم ياۋۇز ئىككى قۇش ئۇچۇپ كېلىپ، تۇمشۇقى بىلەن كالا تېرىسىنى چىشلەپ، تاغ چوققىسىغا ئاچىقىپ، چوقۇلۇپ يېيىشكە باشلاپتۇ. مىلا شۇندىلا تېرە ئىچىدىن چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قۇشلار ئۈركۈگەن پېتى قېپقالغان كالا تېرىسىنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، مىلا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان باي:
-پۇتۇڭنىڭ ئاستىدىكى گۆھەرلەرنى ماڭا تاشلاپ بەر، تېزرەك بول،-دەپ توۋلاپتۇ.
مىلا قارىسا ئەتراپىدا جاۋاھىراتلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن، ئۇ گۆھەرلەرنى بىر-بىرلەپ بايغا تاشلاپ بېرىپتۇ.باي بىردەمدىلا تۆت تاغارنى گۆھەر بىلەن توشتۇرۇپتۇ، ئاندىن مىلا بىلەن كارىمۇ بولماي، تۆت تاغار گۆھەرنى ئىككى تۆگىگە ئارتىپ يولغا راۋان بوپتڭ. مىلا شۇچاغدىلا باينىڭ قارا نىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىپتۇ.
مىلا ھەرقانچە قىلىپمۇ تاغدىن چۈشىدىغان يول تاپالماپتۇ. قارىسا ئەتراپىدا نۇرغۇن جەسەت سۆڭىكى تۇرغۇدەك. مىلا بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ھېلىقى بايغا ياللىنىپ ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ سۆڭىكى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ.
توساتتىن بىر بۈركۈت مىلاغا قاراپ ئۇچۇپ كەپتۇ. مىلا دەرھال كاللىسىنى ئىشلىتىپ، بۈركۈتنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋاپتۇ. بۈركۈت ئۇچقانسېرى پۇتى ئاغرىپ ھەم ھېرىپ، ئاخىر بىر دەريانىڭ بويىغا قونۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىلانىڭ جېنى ئامان قاپتۇ.
مىلا ھېلىقى كۆڭلى قارا باينىڭ چوقۇم باشقىلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنى جايلىۋەتمەكچى بوپيۇ.
مىلا يۈزلىرىگە قارا سۈركەپ باشقىچە ياسىنىۋالغاندىن كېيىن، يەنە بازارغا بېرىپتۇ.دېگەندەك بايمۇ بازاردا ياللايدىغان ئادەم ئىزدەپ يۈرگەنىكەن. مىلا ئەسكى تۇماقتىن بىرنى كىيىپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ باينىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئاۋازىنى غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىرىپ:
-بېگىم، مېنى ئىشلەتمەمسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
-ئۆيۈمدىكى ئىشلار بەك تەس، ھەقنىمۇ ئاز بېرىمەن-دەپتۇ باي.
-ھېچقىسى يوق، پەقەت قورسىقىم تويسىلا بولدى.
باي مىلانى تونۇيالماپتۇ، يەنە كېلىپ ئۇ مىلانىڭ ھايات قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىكەن. شۇنداق قىلىپ، باي مىلانى ياللاپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. مىلا ئاۋۋالقىدەك ئىككى كۈن ئارام ئاپتۇ، ئاندىن ئۇلار بىر كالىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئاجرىتىپ، ئىككى تۆگىنى يېتىلەپ، تۆت تاغارنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ھېلىقى تاغنىڭ باغرىغا كەلگەندە باي يەنە مىلانى تېرىنىڭ ئۈستىدە يېتىشقا بۇيرۇپتۇ.
-مەن قانداق يېتىشنى بىلەلمىدىم، سىز كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز؟-دەپتۇ.
باي تېرىنى يەرگە سېلىپ ئۈستىدە يېتىپ، مىلاغا كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ.مىلا تېزلىك بىلەن تېرىنى باي بىلەن قوشۇپ يۆگەپ، ئارغامچا بىلەن چىڭ تېڭىپ قويۇپ، ئۆزى ھېلىقى تاشنىڭ كەينىگە مۆكۈۋاپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن شۇنداق ياۋۇز ئىككى قۇش ئۇچۇپ كېلىپ، كالا تېرىسىنى چىشلەپ تاغ چوققىسىغا ئاچىقىپ كېتىپتۇ ۋە كالا تېرىسىنى چوقۇلاپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇلار تازا مەززە قىلىپ يەۋاتقاندا باي تېرىدىن چىقىپ قاپتۇ. باينى كۆرگەن قۇشلار ئۈركۈپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
باي ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، مىلا پەستە تۇرۇپ توۋلاپتۇ:
-باي ئاكا، ئالدىنقى قېتىم مەن سىزگە گۆھەرلەرنى تاشلاپ بەرگەندەك، سىزمۇ ماڭا تېزرەك تاشلاپ بېرىڭ، قانچە تېز تاشلىسىڭىز شۇنچە ياخشى، تۆت تاغار توشقۇچە تاشلاڭ!
باي شۇندىلا مىلانى تونۇپتۇ ۋە غەزەپ بىلەن:
-ھەي، ئالدىنقى قېتىم سەن تاغدىن قانداق چۈشۈپ كەتكەن؟-دەپ سوراپتۇ. مىلا:
-ئەتراپىڭىزدىكى ئاۋۇ جەسەت سۆڭەكلىرىدىن سوراڭ، شۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ،-دەپتۇ-دە، تۆت تاغار گۆھەرنى ئىككى تۆگىگە ئارتىپ، ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆيىگە راۋان بوپتۇ.