"بالام تاماق يىمەيدۇ، ياكى تاماقنى ئاز يەيدۇ" دەپ بالىلار دوختۇرىنى ئىزلەپ كىلىدىغان ئاتا - ئانىلار ناھايىتى كۆپ. كۆپىنچە ئەھۋاللار چوڭلارنىڭ بىھۇدە ئەنسىرىشى بولۇپ ، ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشلا كۇپايە . لىكىن ، ئاز بىر قىسىم بالىلارنى تەكشۇرۇپ سەۋەبىنى ئىنىقلاش ۋەدورا بېرىشقا توغرا كىلىدۇ .
بىز بالىلار دوختۇرلىرى"تاماقيىمەيدىغان بالىلار" نىڭ كىسىلىنى كۆرگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە تەھلىل ئىلىپ بارىمىز ۋە شۇ بويىچە مەسلىھەت بېرىمىز.
1. بالىنىڭ ئېغىرلىقى نورمالمۇ؟
ئەگەربالىنىڭ ئېغىرلىقى نورمال ئېغىرلىقتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولسا، يەنىبالىنى ئەمىلىي ئېغىرلىقى بالىنىڭ يىشى بىلەن ھىساپلاپ چىققان نورمالئېغىرلىقىنىڭ 85 پىرسەنتىگە يەتمىسە، بۇ بالا چوقۇم تاماقنى يىتەرلىك يىمىگەن ياكى نامەلۇم ئاستا خاراكتىرلىق كىسىلى بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز . مۇشۇنداق بالىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ سەۋەبىنى ئىنىقلايمىز.
2 . بالىدا قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى بارمۇ ياكى قان تەكشۈرگەندە قان ئازلىق بارمۇ؟
بالىلاردىكى قان ئازلىقنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. بوۋاق بالىلار ئانا سۈتى ياكى بوۋاقلار سۈت پاراشوگى ئەممەي كالا سۈتىئەمگەندە، ئۇلارغا ۋاقتىدا تۇخۇم سېرىقى ، بۇلماق ، سەي ۋە مىۋە قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قاتمىغاندا قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ . چوڭراق بالىلار ھەددىدىن زىيادە تاماق تاللىسا قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ. بىز بۇنداق بالىلارنى كۆرگەندە ئادەتتە قان تولۇقلايدىغان دورىلارنى بېرىشتىن سىرت ئاتا ئانىلىرىغا بالىسىنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىمىز.