كەندىر ئۇرۇقى ، ئاق پىياز ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، سوقۇپ تاسقاپ چىش كاۋاكچىلىرىغا باسقاندا چىش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ . كەندىر ئۇرۇقىنى كۆيدۈرگەندىكى چىققان ئىسنى ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق چىش كاۋاكچىلىرىغا كىرگۈزگەندە چىش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ . سامساقنى ئېزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە پاختىنى ھۆلدەپ چىش تۈۋىگە باسسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ . بىر ھەسسە كۇچۇلىنى سوقۇپ ، ئىككى ھەسسە كۆك تاماكىغا ئارىلاشتۇرۇپ تاماكا ئورنىدا چەكسە چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ . شاپتۇل يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيىنى يىلمان ھالەتتە قۇرت يېگەن چىشقا تېمىتسا چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . پىياز ئۇرۇقىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈتۈندە قۇرت يېگەن چىشنى بۇسلىسا چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . لاچىندانىدىن 10 گرام ، ناۋاتتىن 100گرام ئېلىپ ، سوقۇپ تاسقاپ ، سوفۇت تەييارلاپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىستېمال قىلسا چىش تۈۋىنى چىڭىتىدۇ . كونا ئوچاقنىڭ چالمىسىنى قىزىتىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۇدۇلىغا سىرتتىن ئىسسىق ئۆتكۈزسە چىش ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ . 15 گرام ئەتراپىدىكى كېپەكنى 5 گرام ئەتراپىدىكى قوي يېغىدا كۆيدۈرۈپ ، چىققان ئىس بىلەن ئاغرىغان چىش قىسمىنى بۇسلاندۇرغاندا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ . ئاغزى تار كىچىك مېتال قاچىغا ئاق پىياز ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تۆكۈپ ، قاچىنى ئاستى تەرىپىدىن زاغۇن يېغى قويۇلغان جىن چىراق ئوتىدا قىزدۇرۇپ ، پىياز ئۇرۇقى ئېتىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ چىققاندىكى ئىسنى ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق ئاغرىغان چىش ئىچىگە كىرگۈزگەندە چىش ئاغرىغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
|