قۇلاق غۇڭۇلداش ئادەتتە تۆۋەن ئاۋازلىق ۋە يوقىرى ئاۋازلىق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . قۇلاق كىرى، غەيرىي نەرسىلەرنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشى، ئىششىق، ياللۇغلىنىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تاشقى قۇلاق يولى توسۇلۇپ قالسا، قۇلاق غۇڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى قۇلاقنىڭ توسۇلۇش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئوتتۇرا قۇلاق كېسەللىكلىرىدە ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلاردا قۇلاق يىنىك دەرىجىدە غۇڭۇلداش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. قۇلاقنىڭ مەنپىي بېسىمى ئېشىپ كېتىش، ئاڭلاش سۆڭەكلىرى تۇتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار قۇلاق غۇڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇلاق قېتىشىش كېسىلىدە ، قۇلاق غۇڭۇلداش نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دەسلەپتە تۇرۇپ تۇرۇپ قوزغىلىدۇ. كېيىن ئاستا ئاستا ئېغىرلىشىپ داۋاملىق غۇڭۇلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىمار ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. ئىچكى قۇلاق كېسەللىرى كەلتۈرپ چىقىرىدىغان قۇلاق غۇڭۇلداشتا، قۇلاق ئۈزۈلۈپ ئۈزۈلۈپ ياكى توختىماي غۇڭۇلدايدۇ. قۇلاق غۇڭۇلداشنىڭ دەرىجىسى دائىم كېسەللىك ئۆزگۈرىشىنىڭ دائىرىسى ، دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ سەزگۈ سېستىمىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگەرگەندە ، قۇلاق غۇڭۇلداش پاڭ بولۇشنىڭ بىشارىتى ھېساپلىنىدۇ. بۇرۇن، يۇتقۇنچاق ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرمىدا قۇلاق غۇڭۇلداش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ .بۇرۇن، يۇتقۇنچاقتا ئۆسمە پەيدا بولغاندا، ئۆسمە يۇتقۇنچاق ئېغىزىنى بېسىۋېلىپ قۇلاق غۇڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|