پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • بىلىشقا تىگىشلىك يەرلىك رىتسىپلار
  • ئەرلەرگە پايدىلىق 12 خىل يېمەكلىك
  • ھەببى ئىمساك مەنى بالدۇر كىتىشنى داۋالايدۇ
  • ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • بۇرنىدىن قان ئاققاندا يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئ ...
  • بادامنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى شىپالىق رولى
  • زۇكامنى داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى
  • ھەيز نورمالسىزلىق
  • قوناق ساقىلىمۇ ئېسىل دورا
  • كۆز ئاجىزلىقى
  • لەغمەن سۈيى(مەنتەڭ) مېڭنى قۇۋەتلەيدۇ
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • بالىياتقۇ بوينى زېدىسى
  • گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
  • ئۈچەيدىكى قۇرتنى چۈشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
  • سامساق بىلەن كېسەل داۋالاش
  • باش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش
  • باشپىياز ئارقىلىق كېسەل داۋالاش
  • گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولى
  • شوخلىنىڭ شىپالىق رولى
  • چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش
  • بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
  • كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقتىن قېچىشى
  • گالغا سۆڭەك ياكى باشقا نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىشنى يەرلىك ئ ...
  • مەزى بېزى چوڭىيىش
  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىچىش ئۇسۇلى
  • قەنت كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  •  
    مىنېرال ماددا تۆمۈرنىڭ ئارخىبى
    يوللىغان ۋاقىت:2010-06-22 ئاۋاتلىقى:760
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

         مىنېرال ماددا تۆمۈرنىڭ ئارخىبى
    ئېلېمېنت بەلگىسى:Fe
    تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت
    قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: تۆمۈر ھاياتلىقنى ساقلايدىغان ئاساسلىق ماددا، ھېماتىن( قان قىزىل ماددىسى) ۋە مۇسكۇل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق ماددا، شۇنداقلاB گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زۆرۈر ماددىدۇر. ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار ئارىسىدا، تۆمۈر بىر قەدەر ئاسان يېتىشمەي قالىدۇ.
    ئاساسلىق رولى
    ئەڭ گەۋدىلىك رولى ھېماتىن ھاسىل قىلىش، يەنى قان تولۇقلاشتىن ئىبارەت. ھېماتىن يېتەرلىك ئوكسىگىن ئېلىپ يۇرۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ۋە توقۇلما ئەزالارنى تەمىنلەپ، بەدەننى ساغلام چىراينى قىزىل قىلىدۇ.
    تۆمۈر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارىشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىدە يېتەرلىك تۆمۈر بولۇپ قان قىزىل ئاقسىلى(ھېموگلوبىن) سەۋىيىسىنى ساقلاپ تۇرمايدىغان بولسا، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كېسەل قۇزغاتقۇچى باكتېرىيىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە،كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
    تۆمۈر ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ پسخىكا جەھەتتە ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر تۆمۈر يېتىشمىسە، ئوكسېگىن يېتىشمەشلىكتىن نېرۋا سىستېمىسىىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇلمىلارنىڭ نەپەسلىنىشىنى تەڭشەش، تېرىنىڭ ياخشى قان رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
    يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
    تۆمۈر يېتىشمەسلىك قان ئازلىق
    چىرايى تاتىرىش، زەئىپ كۆرۈنۈش
    نەپەس قىيىنلىشىش،نەپەس قىسقا بولۇش.
    يۈرەك سىقىلىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىىشش.
    ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش
    تىرناق ئولتۇرشۇپ كېتىش، ئاسان سۇنۇپ كېتىش.
    بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق.
    ئىشتىھا ناچارلىشىش.
    دىققىتىنى يىغالماسلىق.
    باش قىيىش، سوغۇقتىن قورقۇش، قارشلىق كۈچى ئاجىزلاش
    تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
    ئاياللار:
    ئاياللاردا تۆمۈر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، چۈنكى فىزىئولوگىيىلىك دەۋر تۈپەيلىدىن ئۇلار ھەر ئايدا نورغۇن قاننى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىدىغانلىقتىن، ئاسانلا تۆمۈر يېتشمەسلىك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار تۆمۈر تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر، ھەيز مەزگىلى ئۇزۇن ياكى ھەيز كىلىش مىقدارى كۆپ بولغانلار تۆمۈرنى تېخىمۇ كۆپ تولۇقلىشى لازىم.
    ھامىلدار ئاياللار:
    تۆمۈر ھېماتىننى شەكىللەندۈرىدىغان زۆرۈر ئېلېمىنىت، يېتەرلىك مىقداردىكى ھېماتىن قاننىڭ يېتەرلىك ئوكسېگىن توشۇپ ھامىلنىڭ ئىھتىياجىنى قامداشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نۇرغۇن تۆمۈر تولۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار تۇققاندا جىق قان چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر تولۇقلاش مىقدارىنى27 مىللىگرامغا ئاشۇرۇىشى،ئەمما تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم. زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلنسا، ھامىلىنىڭ تۆمۈردىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تەنھەرىكەتچىلەر:
    يېتەرلىك تۆمۈر مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىگە بىر قەدەر يۇقىرى ئوكسېگىن مىقدارى ئاتا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بەدەن كۈچى ۋە چىدامچانلىقى كۈچىيىدۇ، بۇ تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
    لېكىن شۇنىڭ بىلەن تەنھەرىكەتچىلەردە ئاسانلا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نەتىجىدە قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تەنھەرىكەتچىلەر يېتەرلىك مىقداردا تۆمۈر تولۇقلىشى زۆرۈر.
    بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر:
    تۆمۈر بەدەندە نۇرغۇن روللارغا قاتنىشىدۇ، ھالبۇكى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، قاننىڭ سىغىمى ئاشىدۇ، بۇ چاغدا ئەگەر تۆمۈر قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا،جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇلار تۆمۈر تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
    ياشانغانلار
    ياشانغانلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى چىكىنگەنلىكتىن، تۆمۈرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمۇ تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، كۈلۈك تاماق يېيش مىقدارىمۇ بارا-بارا ئازىيىپ بارىدۇ، بېلىق، گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش سالامەتلىك ئامىلى سەۋەبىدىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى چۆپ كسلاتاسى،فىتىك كىسلاتا، فوسفات كىسلاتا ۋە يېمەكلىك تالالىرى قاتارلىقلار يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنىگە12 مىللىگرام تۆمۈر قوبۇل قىلىپ، ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
    ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار
    ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى پەيدىنپەي چىكىنىپ، ئادەم بەدىنى يېتەرلىك تۆمۈر قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، يېتەرلىك مىقداردا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى تولۇقلىيالمايدۇ-دە، ئاسانلا قان ئازلىق ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تۆمۈر تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
    گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار
    گەرچە گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدىغان قىنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار ۋى پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر بار دىيىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى چۆپ كىسلاتاسى، فىتىك كىسلاتا، يېمەكلىك تالالىرى قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرىستىدىغان بولغاچقا، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلاردا ئەكىسچە ھالدا ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تۆمۈر تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
    قەھۋە ۋە قىزىل چاي ئىچىشكە ئامراق كىشىلەر
    كۆپ مىقداردا قەھۋە ۋە قىزىل چاي ئىچكەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى ئىچىش مىقدارىنى تىزگىنلەش ھەمدە تەركىبىدە تۆمۈر مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازم.
    يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
    ھايۋانلارنىڭ جىگىرى(بۆرىكى)، قارا مور، چىلان، دېڭىز يۈسۈنى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قۇرۇتۇلغان مېۋە، شاپتۇل، ئورۇق گۆش، پالەك،سۇلۇ، ھەسەل قاتارلىقلار. پېۋا ئېچىتقۇسى ۋە بۇغداي كېپىكىمۇ تۆمۈرنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر.
    مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
    بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆمۈر چەكتىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن.
    كۆپ مىقداردىكى تۆمۈر جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا يىغىلىۋالىدۇ.
    قان رەڭ ماددىسى(ھېموخروم) ئولتۇرۇشۇپ قېلىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
    جىگەر ، بۆرەك ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.
    ئاشقازان- ئۈچەي يېقىمسىزلىنىدۇ.
    يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشىدۇ.
    تۆمۈردىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە پەي تارتىشىش، ئۇيقۇسىراش، چارچاش، تىرناق كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
    ئاياللار بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا تۆمۈر تولۇقلىشى زۆرۈر.
    كۆپ مىقداردا قىزىل چاي ياكى قەھۋە ئىچكەندە، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
    كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشتا، ئەگەر تۆمۈر قازان ئىشلىتلسە، قازاننىڭ ئۆزىدىكى تۆمۈر يېمەكلىككە سىرغىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
    ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا تۆمۈر ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ۋىتامىن Cنىمۇ ئىستېمال قىلىش لازىم، ئەمما سۈت ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا بۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى
    بوۋاقلار-10~7مىللىگرام
    كىچىك بالىلار-10 مىللىگرام
    بالىلا-ر10~15مىللىگرام
    ياش -ئۆسمۈرلەر-15 مىللىگرام
    قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار-10

    قورامىغا يەتكەن قىزلار-10~15مىللىگرام
    ھامىلدار ئاياللار- 10~45مىللىگرام
    بالا ئىمتىۋاتقان ئاياللار-40~45مىللىگرام

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ