ئاناناس ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايۇنلاردىن ھىقىدىغان داڭلىق مېۋىدۇر، ئالاھىدە خۇش پۇرىقى بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئەگەر ياتاق ئۆيىڭىزگە بىرەر دانە ئاناناس قويۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆي ئىچىنى قاپلايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاناناس تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC قاتارلىقلار ھەمدە تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، ناترىي، كالتىسىي،فوسفور قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئاناناسنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلامنلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش ، ئىسسىقلىقنى بېسىش، مەستلىكنى يېشىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق رولى بار، مۇۋاپىق مىقداردا ئاناناس يەپ بەرگەندە بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن پايدىلىق
ئاناناس يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، ياللۇغ ۋە سۇلۇق ئىششىقنى تۈگىتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
بەزىلەر ئاناناس يېسە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى، ئاناناس كېسلىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەردە ئاناناس يەپ15~60 مىنۇت ئىچىدە قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بېشى قىيىش، تېرىسى قىزىرىش، پۈتۈن بەدىنى قىچىشىش، پۇت-قولى ۋە تىلى ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا شوك بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىشى مۇمكىن . يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ھودۇقۇپ كەتمەي ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئاناناسقا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئىشىپ كىتىدىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم .
ئاناناسنى يېيىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شاپىقىنى سويۇۋىتىپ، ياپىلاقلىغاندىن كېيىن سۇس تۇز سۈيىگە30 مىنۇت چىلاپ قويۇش، ئاندىن سۈزۈپ ئىلىپ سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ ، تۇز تەمىنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن يىسە بولىدۇ، ئاناناسنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يېسە،<>دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يارا كېسىلى،بۆرەك كېسىلى قان ئۇيۇتۇش فونكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم ؛ قىزىپ قالغانلار ۋە ھۆل تەمرەتكە چىققان، قىچىشقاق بولۇپ قالغانلار ئاناناسنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم .
ئۆينى بىزەتكەندىن كريىن بەزىلەر غەلىتە پۇراقنى سۈمۈرۈتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە ئاناناس قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق قويۇپ قويۇلغان ئاناناسنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، زەئىپلىكتىن يۆتىلدىغانلار ئاناناسنى ھۆل پىتى يېمەسلىكى ياكى ئاناناس شەربىتى ئىچمەسلىكى،ئۇنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى لازىم