ئالقات
خەنزۇچە: 构纪子 gou ji zi
ئېنگىلىزچە: wolfberry
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق كىچىك چاتقال ئۆسۈملۈك شىنجاڭئالىقىتىنىڭ سوقىچاق، قىزىل، شىرنىلىك مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، رايۇنىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا بۇ ئۆسۈملۈكنى مۇرقات دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مېۋىسى <<ئالقات>> نامىدا دورىغائىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى : ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: بۆرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مەنىيپەيدا قىلىش، كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
بۆرەك ئاجىزلىقى، مەنىي كەملىك، كۆزتورلىشىش، بەل ئۇمۇرتقىلارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى، نېرۋا ئاجىزلىق، باش قېيىش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگەئىشلىتىلىدۇ.
يالغۇز ياكى مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.بەل ۋە دۈمبىنىڭ سېقراپ ئاغرىشىدا، قەنتسىيىش كېسىلى ۋە ئۆپكە سېلىدا : ئالىقات بىلەن شاقاقۇلنى قوشۇپ دائىم ئىستىمال قىلىپ بىرلىدۇ.
2.ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقتا، بەل-پۇت ئاغرىشتا، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋەئىھتىلامدا : ئالقات، سېرىق ئوت، شاقاقۇل، لوڭگۇلارنىڭ ھەر قايسىسى 15 گىرامدىن ئىلىپ مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپئىچىلىدۇ.( جۇڭيى رېتسىپى)
3.يۇقۇرى قان بېسىمدا، ئالقات، پىششىق ئەگرى سۇناي، سېرىق گۇل (گۈلچايمۇ دەيدۇ) قاتارلىقلارنى دەملەپ ئىچىلىدۇ