بۇ پالما ئائىلىسىدىكى ھەمىشە كۆكىرىپتۇرىدىغان دەرەخ خورمىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، << خورما >> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئوزۇق بولۇش، قان كۆپەيتىش، چوڭتەرەتنى يۇمشىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، سېمىرتىش ، باھنى ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيداقىلىش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، يۈرەكئاجىزلىقى، بوۋاسىر قاناش، يۇقۇرى قان بېسىمى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، يۆتەلقاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت ئوزۇقلۇق سۈپتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سېمىرتىشئۈچۈن يېڭى سېغىلغان سۈتكە خورمىنى سېلىپ قاينىتىپ ئۈستىگە بادام مېغىزى، چامغۇر ئۇرۇقى، ياڭاق مېغىزىتالقىنى مۇۋاپىق مىقداردا سىلىپ ئۇماچ قىلىپ ئىچكۈزىلىدۇ.
ئۆزىنى مۇۋاپىق تۈردە بىر مەزگىل يەپ بەرسە يۇقۇردائېيتىلغاندەك تەسىرلەرنى بىرىدۇ. ياكى مەجۈن تەييارلاپ يېسىمۇ بولىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 10-40 گىرام
زىيانلىق تەسىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ. تال -جىگەردە توسالغۇپەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سىركەنجىۋىل، ئانار سۈيى، كۈنجۈت يېغى، ئاقلانغان بادام بىلەن قوشۇپ بىرلىدۇ. يەپ بولغاندىن كىيىن ئىسسىقسۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش، بىر قىتىمدا 50 گىرامدىن ئارتۇق يېمەسلىك كىرەك.
ئورۇنباسارى: ياخشى پىشقان ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى، ئەنجۈر، ھۆلزەنجىۋىل.
چىقىش ئورنى: ئافرىقا، ھندى، پاكىستان ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئۆسىدۇ.