تەبئىتى : ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئىچىش، قويۇقيەللەرنى يوقىتىش، قاننىڭ قويۇقلىقىنى تەڭشەش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، يۇمشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، كۆڭۈلگە خوشلۇقكەلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەكتېترەش، زۇكام، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
رەيھان گۇل كۆپۈنچە ئۇيغۇر ئائىللىرىدە تەشتەكلەردەئۆستۈرىلىدىغان خۇشپۇراق ئۆسۈملۈك بولۇپ كۈزدە پۈتۈن چۆپىنى ئوراپ قۇرۇتۇپ ، سوقۇپ ھەر خىل چايلارغا ئارىلاشتۇرۇپ دەملەپ ئىچىلىدۇ. يۇمران چۆپىدە گۈلقەنت تەييارلاپ ، قۇياش نۇرىدا پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ يوپۇرمىقىنى پۇرىسا كۆڭۈل ئىلىشىشنىيوق قىلىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى قۇلاققا تېمىتىلسا ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ. يوپۇرمىقىنىسىقىپ سۈيىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە چوڭ تەرەت، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۈرەكقوزغىلىشنى ياخشىلايدۇ.
ئۇندىن باشقا رەيھاننىڭ يۇمران يوپۇرماقلىردا گۈلقەنتتەييارلاپ ئىستىمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5-7 گىرامغىچە
زىيانلىق تەسىرى: كۆرۈشقۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: خىرپە ۋە سىركە
ئورۇنباسارى: بادرەنجى بۇيا
رەيھان گۈلقەنتى
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلاش، نېرۋا ھەميۈرەكنى ياخشىلاش، روھنى ئۇرغۇتۇپ كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش...
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان ئەنسىزچىلىك، يۈرەك سېلىش، چاچئاقىرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، سەۋدا ماددىسى ئىشىپ كېتىشتىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.