ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،ساغلام كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق ۋە بېلىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،يۈرەك كېسلىگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدىكەن.چۈنكى،بۇ يېمەكلىكلەر قاندىكى خولېستېرىن بىلەن ترىگلىتسېتىرىد مىقدارىنى ئازايتىدىكەن.كۈنىگە تەخمىنەن 42.5 گىرام ياڭاق ئىستېمال قىلىشنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرسا،قان زەردابى تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى 5.4پىرسەنت،تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى9.3 پىرسەنت تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ھەپتىسىگە تەخمىنەن 227گىرام بېلىق ئىستېمال قىلسا، ترىگلىتسېتىرىدنى11.4 پىرسەنت تۆۋەنلەتكىلى،يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى 4 پىرسەنت ئۆرلەتكىلى بولىدىكەن.