ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • 10 - باب مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:1685
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      1933 - يىل 4 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. بۇ يېڭى مائارىپ دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
        1. پۈتۈن مائارىپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك ئاستىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى. ئۈرۈمچىدە مائارىپ نازارىتى، ۋىلايەتلەردە مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلەردە مائارىپ بۆلۈمى تەسىس قىلىندى.
        2. مەكتەپلەر ئىككى سىستېما بويىچە باشقۇرۇلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر "شەنلى مەكتەپ"، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن (خەلق تەرىپىدىن) باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلەر بولسا "خۈيلى مەكتەپ" دەپ ئاتالدى. ئالدىنقىسىنىڭ مالىيە خىراجىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، كېيىنكىسىنىڭ بولسا ئۆشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرلاتتى. 1935 - يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى (ئۈرۈمچىدە مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما، ۋىلايەتلەردە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما، ناھىيىلەردە شۆبە ئۇيغۇر ئۇيۇشما) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن خېلى چوڭ ھەسسە قوشتى.
         مەسىلەن: شۇ دەۋرلەردە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 580 بولسا، ئۇيۇشما قارىمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى 1883 كە يەتكەن. ئالدىنقىسىدا ئوقۇغۇچىلار سانى 9333 بولسا، كېيىنكىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 180 مىڭ 35 كە يەتكەن (2). يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا "ئەينى زاماندا 30 جايدا باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن بولۇپ، تەمىناتى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بولاتتى.

    3. پەننىي دەرس بىلەن دىننىي دەرس ئايرىۋېتىلدى.
    4. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
    5. ئاممىۋى ساۋات چىقىرىش، ئاممىۋى تەنھەرىكەت داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى. خوتۇن - قىزلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى زور كۆلەمدە ئۆستى.
    6. دەسلەپكى يېڭى مائارىپتا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مۇھىم مەركىزى قەشقەر، غۇلجا ۋە تۇرپان ئاستانە بولسا، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى.
      1934 - يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن، شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى، گىمنازىيە، قىزلار گىمنازىيىسى، ھەربىي مەكتەپ، ساقچى كادىرلار مەكتىپى، شوپۇرلۇق مەكتىپى، رۇس تىلى گىمنازىيىسى، ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى، دوختۇرلۇق مەكتىپى، دارىلئەتام، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى، دېھقانچىلىق تېخنىكۇمى قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرى ھەمدە ھەرقايسى مۇھىم كوچا - مەھەللىلەردە ئوغۇل - قىزلار باشلانغۇچ مەكتەپلىرى قۇرۇلدى.
        1934 - يىلىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان "شىنجاڭ گېزىتى" (ئۇنىڭدىن بۇرۇن "تيەنشانباۋ" دەپ ئاتىلاتتى) ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك گېزىتلەر ھەمدە ئۆلكىلىك سانايى نەپىسە تىياتىرى ۋە ۋىلايەتلىك دراما ئۆمەكلىرى "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى مىللىي مائارىپنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات قورالى ئىدى.
        ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ دەرس سېتكىسىغا كىرگۈزۈلگەن دەرسلەرنىڭ تۈرى 20 خىلغا يېقىنلاشقانىدى. مەسىلەن: ئانا تىلى (گرامماتىكا)، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، خەنزۇچە، ھېساب، ئالگېبرا، فىزىكا، خىمىيە، بوتانىكا، سىياسىي - ئىقتىساد، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، پېداگوگىكا، پسىخولوگىيە، شېئىر - مۇزىكا، رەسىم، تەنتەربىيە، ھەربىي مەشىق... قاتارلىقلار.
        ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ۋىلايەتتىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىنلەر تەسىس قىلىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشتۈرۈلدى، قىسقا مۇددەتلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى ئېچىلدى.
        1934 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قارار جەمئىي 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچى چىقىرىلىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەندى. ئۇلار ئېلىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىللىي مائارىپىمىز تايانچىلىرى بولۇپ كۆپ ھەسسە قوشتى.
        ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مۇشۇ گۈللەنگەن دەۋرىدە ليۇتچىكلار، ئاگرانوم، ئىنژېنېرلار، ئاتاقلىق ۋراچ - دوختۇرلار، پېداگوگلار، دراماتۇرگلار، شائىرلار، مۇزىكانتلار، ئارتىست - ئارتىسكىلار ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقتى. بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مېۋىلىرى بولغان ئەر - ئايال مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تاكى كېيىنكى چاغلارغىچىلىك ئۇيغۇر مائارىپىدا يادرولۇق روللارنى ئويناپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېرىم ئەسىر جان كۆيدۈرۈپ ۋە قان - تەر سىڭدۈرۈپ ئىشلىگەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، تەربىيىچىلىرىمىز ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى، مال - مۈلكىنى خەلق مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلىغان مەرىپەتپەرۋەر ئاتا - ئانا ۋە ئەجدادلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى بىزگە ھېلىمۇ چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلايدۇ.

             1. ئايخان ئانا ۋە ئايخان مەكتىپى

        ئايخان ئانا 1888 - يىلى غۇلجا شەھەر ئىچىدە تۇغۇلغان. كېيىن دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان. ئۇ 1933 -، 1934 - يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتنى سەرپ قىلىپ غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇردى. بۇ مەكتەپ "غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى" دەپ ئاتالدى. لېكىن كەڭ جامائەت بۇ مەكتەپكە كېيىن "ئايخان مەكتىپى" دەپ نام بەردى. "ئايخان مەكتىپى" بارا - بارا گۈللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 300 گە يەتكەنىدى. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتى ئايخاندىن بولاتتى. ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر خىل ئاق كۆڭلەك، چۆرىسىگە ئاق زىغزىق تۇتۇلغان كۆك شىم كىيگۈزۈلەتتى. ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىققاندا كىشىلەر بىر قاراپلا "ئەنە ئايخاننىڭ بالىلىرى" دەپ سۆيۈنۈپ سۆزلىشىپ كېتىشەتتى. شۇ چاغدا "ئىلى دەرياسى گېزىتى" سەھىپىلىرىدە ئايخان ۋە ئايخان مەكتىپى توغرىسىدا نۇرغۇن شېئىر، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شائىر ئىمىرخان غوجىنىڭ بىر شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار يېزىلغان:

               كۈللىھۇ نەپسانىيەتنى ئۆزىدىن جۇدا قىلغان خېنىم،
               مەكتىپى خەيرىيەت ئۈچۈن قان پىدا قىلغان خېنىم.
        يەنە شائىر پەرھەتى "ئۇيغۇر قىزى" سەرلەۋھىلىك شېئىرىدا مۇنداق يازغان:

               ئوقۇ جانىڭ بارىچە شامۇ - سەھەر ئۇيغۇر قىزى،
               ئوقۇماي نادان قېلىشتىن قىل ھەزەر ئۇيغۇر قىزى.

               ئۆرنەك ئال ئايخان ئاناڭدىن كاتتا ئەجرى يولىدا،
               مەرىپەتكە ھەممىنى تەقدىم ئېتەر ئۇيغۇر قىزى.
        مەرىپەتپەرۋەر ئايخان ئانا تەسىس قىلغان "خەيرىيەت مەكتىپى" ھازىرغىچە 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ مەكتەپ نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل - قىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈردى. مەرھۇم ئايخان ئانا ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۈرمىسىگە چۈشۈپ ئېغىر ئازاب ئىچىدە كېسەل بولۇپ ئۆلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۈمەنلىگەن ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ.

    2. زەينەپ خانىم

      زەينەپ خانىم 1921 - يىلدىن تاكى 1976 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئىلى مائارىپى سەپىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق (55 يىل) قان - تەر ئاققۇزدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرىدىكى "نەمۇنە"، "سايرامىيە"، "ھەيرىيە"، "تائالىيە"، "مۇراد مەكتىپى" قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىشلەپ، ئونمىڭلىغان ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىسى ئۈچۈن خەلق ئۇنى "زەينەپ ئانا" دەپ ئاتىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۇمىتى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا "قەھرىمان" ئوردېنى ۋە نۇرغۇن تەقدرىنامىلەرنى بېرىپ، بۇ ئالىيجاناپ مۇئەللىمنى ھەقلىق رەۋىشتە مەدھىيىلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى. "ئىلى گېزىتى" دە 1935 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نەمۇنىلىك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان رەپىق ئاۋۇت قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ بىرقانچە ماقالىلىرى بەسىلىپ چىققانىدى، كېيىن "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى" تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىنغان "ساداقەت" ناملىق ئوردېن ئۇنىڭ باغۋەنلىك ئەجرىنى ئەمەلىي خۇلاسىلىگەنىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ جۇشقۇن روھىنى جارى قىلىپ، تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ 1956 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ئىلغارلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ مېداللار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

    3. رەشىدە خانىم

        رەشىدە خانىم 1912 - يىل 7 - ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى سادىق غوجا مەرىپەتپەرۋەر ھەم تارىخ پەنلىرىدىن كۆپ خەۋەردار كىشى ئىدى. رەشىدە خانىم ئەنە شۇ بوۋىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن.
        غۇلجىدىكى تاتار مەرىپەتپەرۋەر دېموكرات زىيالىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان (1910 - يىلى) مەشھۇر تاتار مەكتىپى رەشىدە خانىمنىڭ ئوقۇپ يېتىلگەن مەكتىپى بولدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە 1919 - يىلىدىن 1928 - يىلغىچە ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئېرىشتى. رەشىدە خانىم بۇ مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرگىنى ئۈچۈن 1928 - يىلدىن باشلاپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مۇئەللىم بولۇشقا باشلىدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن (1931 - يىلى) سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، تاشكەنت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا - ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇدى. 1933 - يىلنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇ ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1935 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1939 - يىل كۈز پەسلىگىچە ياڭھاڭ قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە قوشۇمچە قىزلار 1 - گىمنازىيىسى (خەنزۇ مەكتىپى) گە ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتتى. 1939 - يىلى ئىلىغا قايتىپ بېرىپ تاكى 1943 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە نىلقا قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. يىتىم بولغان مەزگىلدە (1946 - يىلى) ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىپ، مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى (دارىلمۇئەللىمىن سىنىپلىرىمۇ بار) نى قۇرۇپ چىقتى. رەشىدە خانىم بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاننىڭ سىرتىدا يۇقىر سىنىپلىرىغا ئالگېبرا ۋە فىزىكىدىن دەرس ئۆتتى.
        1951 - يىلى يۆتكىلىپ شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 1 - ئورۇنباسار مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىنمۇ، بۇ بىرلەشمىنىڭ خوتۇن - قىزلار ۋە بالىلار مائارىپىنى باشقۇرىدىغان پاراۋانلىق بۆلۇمىگە مەسئۇل بولدى. 1955 - يىلى ئۇ خىزمەت ئرھتىياجى بىلەن مەركەزگە يۆتكىلىپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بالىلار مائارىپىغا غەمھورلۇق قىلىش بۆلۇمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ، 1947 - يىلى ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇنجى بالىلار باغچىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى ۋە شۇ باغچىنىڭ تۇنجى مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىدى. رەشىدە خانىم بالىلار مائارىپىغا چىن قەلبىدىن كۆڭۈل بۆلۇپ، 1982 - يىلى ئۈرۈمچىدە بالىلار سارىيى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى ۋە ئۆز مائاشىدىن توپلىغان پۇلدىن بالىلار مائارىپى ئۈچۈن 5000 يۈەن ياردەم قىلدى.

     4. خېمىت ۋەكىلى

        خېمىت ۋەكىلى ئىلى ۋە چۆچەك ۋىلايەتلىرىدە 50 يىل مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1930 - يىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. تالانتلىق ۋە ئىجتىھاتلىق بۇ مەرىپەتچى ئۇيغۇرچە، تاتارچە، قازاقچە، ئەرەبچە، پارسچە، تۈركچە ۋە رۇسچە تىللارنى پىششىق بىلەتتى ۋە شۇ تىللاردىكى دەرسلىك ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىناتتى. خېمىت ۋەكىلى 1934 - يىلدىن باشلپ غۇلجىدىكى مەشھۇر "نەمۇنە مەكتىپى" گە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن ئىلى مائارىپىغا نەمۇنە ياراتقانىدى. ئۇنىڭ ئۈلگىسى بويىچە شۇ چاغدىكى "تائالىيە"، "كەشپىيە"، "سايرامىيە"، "ھۇسەينىيە"، "روشەن"، "گۇلشەن" قاتارلىق مەكتەپلەر قايتا رەتكە سېلىنىپ، تېز راۋاجلاندى.
        خېمىت ۋەكىلى تىل - ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى فىزىكا، خىمىيە، ئاناتومىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ چاغدا دەرسلىك ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، ئالگېبرا ۋە گىئومەترىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئۆزى كونسپىك تۈزۈپ چىققان.
        خېمىت ۋەكىلى 1947 - يىلدىن باشلاپ "غۇلجا بىلىم يۇرتى" دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ۋە فىزىكا، خىمىيە، تىرگىنومەترىيە... پەنلىرى ئۈچۈن 1000 بەتتىن ئارتۇق دەرسلىك تەييارلىدى. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن ئالگېبرا ۋە ئانالىتىك گىئومەترىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۈچۈن 800 بەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوللانمىسى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم نەمۇنىلىك مائارىپچى دېگەن شەرەپكە ئىگە بولدى.
        مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرىدە مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسىي رولچىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ (1916 - 1943) ئىدى.
        لىن جىلۇ 1938 - يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ دائىلفۇنۇنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالغان، "ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش" تىن ئىبارەت تەلىم - تەربىيە فاڭجەنىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە "ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، روھلۇق بولۇش" دىن ئىبارەت مەكتەپ نىزامنامىسىنى يۈرگۈزگەن. ئۇ كۆتۈرەڭگۈ - روھلۇق مەزمۇندىكى "دارىلفۇنۇن مەكتەپ ناخشىسى" نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى جۇشقۇن كەيپىياتلىق بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان.
        لىن جىلۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە مەسئۇل بولغان ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچا ناھىيىلىرىگە ھاكىم بولغان چاغلىرىدىمۇ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چوڭ ئىشلارنى قىلدى.
        "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دىكى گۈللەنگەن مائارىپ قوينىدا يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسۇف (1920 - 1949)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922 - 1945)، ئابدۇللا روزى (1919 - 1945) قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي مەرىپەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ يېتىلىشىدە لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي مائارىپ تەربىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كۈچلۈك تەسىرى بولدى.
        ئاتاقلىق مائارىپچى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇللا روزى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ناماياندىلىرىدىن بىرى.
        ئابدۇللار روزى 1919 - يىلى ئۇچتۇرپاندا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى ئاتۇش مەشھەتلىك ئىدى. ئۇ 1935 - يىل باھاردا ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن (ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق قىسقا مۇددەتلىك ئىدى) نى ئەلا تۈگىتىپ، "ئەلىيۇلئەلا" (ھەممىدىن بىرىنچى) بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ئەينى زاماندا ئۇنى ئوقۇتقان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا "ئۇنىڭدەك زېرەك، پاراسەتلىك ئۆسمۈرنى كۆرۇپ باقمىغان" ئىكەن. ئابدۇللا روزى ئۇچتۇرپان دارىلمۇئەللىمىننى تۈگىتىپ، يېزىلاردا مۇئەللىملىك قىلدى. دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى. ئۇچتۇرپاندىن ئىمتىھاندا ئەلا ئۆتكەنلەر ئابدۇللا روزى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف بولدى. ئاقسۇ كونىشەھەردىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەنلەر مەۋلانجان تۇردى، ھاشىمجان ئاخۇنجان، ئەخمەت ھەسەنۇف قاتارلىقلار ئىدى. بىراق كېيىنكىلەر ئۈرۈمچىگە دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككىيلەن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارالماي، ئۈرۈمچىدە قېلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى.
        1936 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ھەم تەبىئىي پەندە ھەم ئىجتىمائىي پەندە تېزلا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. يەنە كېلىپ ئۇ پەلسەپە (ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراش) ساھەسىدە ئەڭ ئۇستا ناتىق ئىدى. ئۇ ھەممە جەھەتتە ياخشى بولغاچقا، پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ "داھىي ئوقۇغۇچى" (ئوقۇغۇچىلار داھىيسى) دەپ ئاتىشاتتى. شۇ چاغدىكى "شىنجاڭ گېزىتى" دە ئۇنىڭ قىسقا ماقالىلىرى بېسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پوچۇركىسى ھۇددىي ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قامىتىدەك چىرايلىق ئىدى. ئابدۇللا روزى بىر ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم "ئارزۇ" دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغىنىدىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بۇ تەخەللۇس كەڭ تارقىلىپ كەتتى. ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىر ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىمۇ كېيىنچە بېرىپ مۇشۇ تەخەللۇس بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ "تەرتىپ بۆلۈمى" نىڭ يوشۇرۇن چارلاپ بېكىتىشى ئارقىسىدا بۇ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى "ئەكسىيەتچىل" دەپ قارىلاندى. ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى بولغان ئابدۇللا روزى سىياسىي تۆھمەت بىلەن ماناسقا پالىۋېتىلدى.
         ئابدۇللا روزى ماناسقا پالىنىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باشپاناھلىق قىلىشىغا ئېرىشتى. 1938 - يىل كۈز مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئابدۇللا روزى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى. ئابدۇللا روزى ئۆزىگە يۈكلەنگەن قوش خىزمەت ئىمتىيازىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە ئارىلاپ بېرىپ مەكتەپ تورلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. چوڭلار مائارىپىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. غەپلەتكە، نادانلىققا ۋە جاھالەتكە قارشى مەزمۇندا "تۆمۇر ئاكا ئويغاندى" ناملىق درامىنى يېزىپ چىقىپ، سەھنىلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ دراما پۈتۈن ناھىيىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. ئارىدىن توپ - توغرا يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۈرۈمچى، ماناس، قۇتۇبى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر ئابدۇللا روزى ۋە ئۇنىڭ پېداگوگىكىلىق درامىسى - "تۆمۈر ئاكا ئويغاندى" نى ئېغىزىدىن چۇشۇرۇشمەيدۇ.
        ئابدۇللا روزى 1940 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاقسۇغا كېلىپلا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باش مائارىپ ئىنسپېكتورى (مەكتەپ مۇپەتتىشى)، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش چىقىپ، 1941 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ گېزىتىدە "تەلىم - تەربىيە ئۆچەركلىرى" سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئەتراپلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن يېرىم ئايغىچە ئايىغى ئۈزۈلمەي بېسىلغان ۋە پۈتۈن ۋىلايەت ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇللا روزى ئىنسپەكتورلۇق ھوقۇقىدىن توغرا پايدىلىنىپ يېرىم يىل ئىچىدە مەكتەپ تەشكىلىنى رەتكە سېلىپ چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئىنسپەكتورلاردا شۇنداق ئىمتىياز بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى تەشكىللىدى ۋە بۇ كۇرسلاردا ماتېماتىكا ھەم تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆتتى. ئۇ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىسىدا پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە تېز شۆھرەت قازاندى.
        ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1943 - يىل 9 - ئايدا رەسمىي ئۈچ سىنىپ، بىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىن تەشكىل تاپقان ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى دولان دەرياسى بويىدىكى يېڭى بىنادا تەنتەنە بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي مۇدىرى ئابدۇللا روزى ئىدى.
        شۇ يىلنىڭ كەچ كۈزىدە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇغا كېلىشى بىلەن بۇ يەردە كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلدى. ئابدۇللا روزى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش جەڭگىۋار زىيالىيلارنىڭ جاھالەتكە قارشى كۈرەشلىرى ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەمكارلىقى ئارقىسىدا پۈتۈن ئۆلكە خاراكتېرلىك چوڭ ئىشلار مۇشۇ ئاقسۇدا مەيدانغا كەلدى. قىسقىغىنا ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە ئاقسۇدا چوڭ ھەجىملىك ئوپېرا - درامىلاردىن 10 نەچچىسى سەھنىلەشتۇرۈلۈپ، ئاقسۇ شىنجاڭ بويىچە "دراما - ئوپېرا شەھىرى" گە ئايلاندى. بۇ جەھەتتىن ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇنىڭغا نە قەشقەر، نە ئۈرۈمچى يېتىشەلمەيتتى. مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىدا مەرھۇم ئابدۇللا روزى يېتېكچىلىكىدىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ مەكتەپ چوڭ تىپتىكى "غېرىپ - سەنەم ئوپېراسى" نى تەييارلىغاننىڭ سىرتىدا، ئابدۇللا روزى يازغان مەشھۇر "ئۆگەي ئانا" درامىسىنى سەھنىلەشتۈرۈپ پۈتۈن ۋىلايەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن.
        شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، ل. مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزىنىڭ غايىسى دراما - سەنئەت دولقۇنى ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئىلىم - مەرىپەتنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمايتتى. بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر جانلىق مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتۇش كۇپايە، بىر كۈنى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنى دارىلمۇئەللىمىننىڭ يېڭى بىنا مەيدانىدا ئارىغا ئېلىۋەلىپ، شائىرنىڭ رەسساملىق ماھارىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇشىدۇ. لۇتپۇللا دەرھال ماقۇل بولىدۇ -دە، ھېلىقى ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ سىنىپقا كىرىدۇ ۋە قولىغا بور ئېلىپ، قارا دوسكىغا رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ: ئوڭ تەرەپكە كىتاب كۆرۈۋاتقان ئىلاھىي قىزنى، سول تەرەپكە مېۋىلىرى قىزىرىپ پىشقان ئالما دەرىخىنى بەش مىنۇت روزىگادا سىزىپ چىقىدۇ. ئىلاھىي قىزنىڭ ئۈستى تەرىپىگە "مۇزەيۇس" دېگەن سۆزنى يېزىپ قويىدۇ - دە، سىنىپتىن ئالدىراش چىقىپ كەتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ، رەسىمدىن مەنە تاپالماي، ئابدۇللا روزىنىڭ شەرھىلەپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇللا روزى بۇ تېپىشماقنى يېشىپ بېرىدۇ: ھېلىقى سۈرەتتىكى ئىلىم - پەننىڭ پىرى "مۇزەيۇس" ناملىق ئىلاھىي قىز ئىكەن. ھازىرقى مۇزەي دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققانىكەن. رەسىمدىكى مەنە: پەقەت كىتاب ئوقۇغاندا ۋە بىلىم ئالغاندىلا ئاندىن مېۋىگە ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ جاۋابتىن بەھرىمەن بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ ئىقتىدارى ۋە مول بىلىمىگە ھەيران قېلىشقان.
        ئابدۇللا روزى يەنە "ئارزۇ" تەھەللۇسى بىلەن ئاقسۇ گېزىتىدە نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئېلان قىلدى. "ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى"، "كەلپىن ۋە دولان شىۋىلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان "ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئەسىرى دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەينى يىللاردىكى بىردىنبىر مۇھىم دەرسلىكى ئىدى. ئۇ، بۇ دەرسنى ئۆزى بېرەتتى. دەرسلىك ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن شېئىرىي ژانىرلار ئۈچۈن كۆپىنچە ل. مۇتەللىپ ۋە بىلال ئەزىزنىڭ ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن يوغۇرۇلغان شېئىرلىرى مىسال قىلىپ كىرگۈزۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ "شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ" ناملىق شېئىرىمۇ بار ئىدى. بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ باش مىسراسىدىكى بىرىنچى ھەرپنى تېرىۋېلىپ قوشقاندا "ياشاش ئۈچۇۈن كۈرەش" دېگەن ئىنقىلابىي شوئار چىقتى. ئۇنىڭ ئۆزى يازغان بىر مۇۋەششەھ شېئىرىدىن "كۈچ ئۇلاش" دېگەن ياڭراق يەكۈن چىقاتتى. "ياشاش ئۈچۈن كۈرەش"، "كۈچ ئۇلاش" - ماركسىزم پرىنسىپىغىمۇ، دارۋىنىزم پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. ئابدۇللا روزى مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى باش ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۆزى دەل مۇشۇ جەڭگىۋار غايىنىڭ تۈرتكىسىدە يېقىن دوستى ۋە سەپدىشى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە "ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش يولىدا مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1945 - يىلى تېررورلۇق بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلاندى. ئابدۇللا روزى شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى...
        1942 - يىلدىن كېيىن سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىن ئۆزگىرىپ، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
        شۇنداق قىلىپ، "مىللىي بىرلىك سەپ دەۋرى" دە بىر مەھەل گۈللەنگەن مائارىپ خاراب بولۇپ كەتتى، مەكتەپلەر تاقالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قالدى، نادانلىق ۋە جاھالەت قايتىدىن باش كۆتۈردى.
        ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي رايونىدا مىللىي مائارىپ گۈللەپ ياشنىدى. مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى كۈنسايىن ئۆستى. ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت دەپ تونۇلدى ۋە ھۆرمەت قىلىندى. مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى مۇنداق دېگەنىدى:
        "سىنىپتا قالاق ئوقۇغۇچى قالمىسۇن دەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ قانچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. كىشىلىك جەمئىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ مېھنىتىدىن پەخىرلىكرەك مېھنەت يوقتۇر، چۈنكى، ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت، دۆلەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر."
        ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 295 كە، سىنىپ سانى 980 گە، ئوقۇتقۇچىلار سانى 1051 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 28 مىڭ 345 كە يەتكەن بولسا، 1949 - يىل 9 - ئايدا مەكتەپلەرنىڭ سانى 342 گە، سىنىپ سانى 1321 گە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 1413 كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 39 مىڭ 269 غا يېتىپ بارغانىدى. 1950 - يىلى جەدۋەللەشتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتتا ئىلى ۋىلايىتى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1134 سىنىپ، 39 مىڭ 734 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 180 سىنىپ، 4938 ئوقۇغۇچى؛ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى، تېببىي مەكتەپ، ھۈنەر - كەسىپ مەكتىپى ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان 2096 ئوقۇغۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 768 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بولغانىدى. ئۇ چاغدا غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئاتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان "مۇراد مەكتىپى" 27 سىنىپقا كۆپەيگەنىدى.
        ئۈچ ۋىلايەت مائارىپىدا قىسقىلا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، دوختۇر، ۋراچلار، رادىست، پوچتاليونلار يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار تاكى كېيىنكى كۈنلەرگىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرو كۈچلىرىدىن بولۇپ مۇھىم رول ئوينىدى.
         ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىزغىن قاتناشچىسى - مەرىپەتپەرۋەر شائىر نىمشېھىتنىڭ "بىلىم ئىشقىدا" سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى شېئىرى ئەينى زاماندا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان مەرىپەت خىتابى ئىدى.

        جاھان رەنالىرى ئىچىرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
        بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان بار، بولۇر ئۇ گاھىدا يار - يوق.

        قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىرنەچچە كۈن يولداش،
        ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سېنى تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق.

        كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
        بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.

        بىلىمگە ئاشنا بولسا، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
        ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ئەسلى گۈلزار يوق.

        ئۆزەڭنى نىمشېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
        بىلىمدىن يۈز ئۆرىگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق...

     

        ئىزاھاتلار:
    (1) مىللىي بىرلىك سەپ - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك سەپنى كۆرسىتىدۇ.
    (2) (3) "شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى" 1982 - يىل، 5 - سان 176 - بەت، 180 - بەت.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ