ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • 9 - باب يېڭى مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىش تارىخى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2017
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    1


      "ئۆتمۇشنى ئۇنتۇش جىنايەت" (ۋ. ئى. لەنىن)، يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرما ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولىدۇكى، تاكى 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىمۇ تيانشاننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا يەنىلا ئېغىر جاھالەت ھۆكۇم سۇرمەكتە ئىدى، پۈتۈن تەكلىماكان ۋادىسىدا پارلاق مەرىپەت شامى بولۇپ يانغان قەشقەردەك مەرىپەت مەركەزلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك مۇتەپەككۇر زاتلارنى يەتىشتۇرگەن مەشھۇر "ساجىئە" بىلىم يۇرتى ۋە كېيىنرەك نۇرغۇن ئالىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ ئىلىم - مائارىپ شاملىرى ئاللىقاچان ئۆچۈپ پۈتۈن تارىم ۋادىسى زۇلمەت ئىچىدە قالغانىدى. دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ ئىككىنچى بىر چېتى - ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مائارىپ جۇش ئۇرۇپ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغانىدى. 1770 - يىللىرى جىمىس ۋات تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى، 1804 - يىلى فولتۇن تەرىپىدىن ئىھتىرا قىلىنغان ئوكيان پاراخوتى، 1805 - يىلى سەتىۋىنىس كەشىپ قىلغان پويىز ۋە تۆمۈر يول، فارادى ئاساس سالغان توك (ئېلېكتر) ئېنىرگىيىسى، 1902 - يىلى ئاكا - ئۇكا رەيت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئايروپىلان ۋە باشقىلار شەرقتىكى غاپىللار دۇنياسىنى ھەيران قالدۇردى. ئەينى زاماندىكى يېڭى تېخنىكا كەشپىياتلىرىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك - تۈمەن زاۋۇت - فابرىكىلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
        غەربتىكى مۇشۇ تەرەققىياتنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا بەزى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە تەرەققىيەتپەرۋەر كىشلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلاردىن بىرى ئويغىنىش توغرىسىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق يازغانىدى:

                                 قوپ! ئى ئاداخ بىر... ئەتراپىڭغا باق،
                                 باق... نە كۆرەرسەن ئويلىغىن ئۇزاق!
                                 يەردە، ھاۋادا، سۇدا كېلۇرلەر،
                                 ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق!...

        ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مەكتەپ مائارىپى مۇشۇنداق خىتاب ۋە ئېھتىياج ئاستىدا باشلاندى. بۇ يېڭى مەكتەپ مائارىپى "ئۇسۇلى جەدىت" دەپ ئاتالدى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئاپغانى (1838 - 1897) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ ئىسلاھات يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى ("ئۇسۇلى جەدىت" نى) يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. "ئۇسۇلى جەدىت" نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۇسەيىن مۇساباي، باھاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقىرى، تاش ئاخۇنۇم؛ تۇرپان ئاستانىدا مەقسۇت مۇھىتى، كۇچادا ھامىت ھاجى قاتارلىقلار ئىدى.
        بۇلارنىڭ بەزىلىرى يېڭىدىن بىھ ئۇرۇپ چىققان مىللىي سانائەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا بەزىلىرى يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسلىق تەرغىباتچىسى بولۇپ، جاھالەتكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقتى. بەزىلىرى ھەتتا پېتىربۇرگ، فىنلاندىيىگىچە، بەزىلىرى گېرمانىيە ۋە پارىژغىچە، يەنە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسىغىچە ئارىلاپ يۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەينى زاماندىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆزەتتى. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن سانائەتنى تۇتسا، بىر تەرەپتىن يېڭى مائارىپقا ئاساس سېلىش يولىدا جىددىي كۈرەش قىلدى.
        1907 - يىلى ھۇسەيىن، باۋۇدۇن ئاكا - ئۇكا گېرمانىيىنىڭ "دولاق" ماركىلىق سانائەت شىركىتى بىلەن دىگىۋارلىشىپ، ئىلىدا خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. تاش ئاخۇن يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە خاتۇۋا توقۇمچىلىق كارخانىسىنى قۇردى. تۇرپان ئاستانىدا مۇسۇل ھاجى، ۋاجىت ھاجىلارنىڭ پاختا زاۋۇتى قۇرۇلدى. مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، 1916 - يىلى ئاتۇش، يەكەن ۋە ئىلىدا سانائەت ۋە بوغالتىرلىق كەسپىي تېخنىكوملىرىمۇ قۇرۇلدى.
        مانا بۇ يۇقىرىقى پاكىتلار ئۇيغۇر يېڭى مەكتىپىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ماددىي ئاساسلىرى ئىدى.
        ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاتۇشتا يىلتىز تارتىشىدا بۇ ناھىيىدىن چىققان بىر تۈركۈم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تۈرتكە بولغاننىڭ سىرتىدا، يەنە جۇغراپىيىۋى ئۆزگىچە مۇھىت - شارائىتنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بار. ئاتۇش ئىقلىمى قۇرغاق، ھاۋاسى ساپ جاي، قۇرغاق ئىقلىم ئاتۇش خەلقىنى چىداملىق ۋە غەيرەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ جايدا ئېقىن سۇنىڭ قىسلىقى، ئېكىنزارلىقنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئاتۇش خەلقىغە شىجائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىنى سىڭدۈرگەن. بۇنداق روھ ئۇلاردا تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش خۇسۇسىيەتلىرىنى يېتىلدۈرگەن.
        بىراق، ئىكساقتا تەسىس قىلىنغان تۇنجى يېڭى مائارىپنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك پەزىلىتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر.
        مۇساباي (مۇسا ھاجى) نىڭ ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل ئۆز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي ياردەم قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئوغلى مۇسابايمۇ شۇ مەدرىسنى تۈگەتكەن ۋە 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا ئىنايەت كۆرسىتىپ خانلىق مەدرىسنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇنىڭ مۇھىم بىر ۋەسىقىسىدە: "بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى ۋە ئۆشرە - زاكاتىنى مەكتەپ ۋە مەدرىسكە تەسەررۈپ قىلىش زۆرۇر" لۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان مەرىپەتپەرۋەر ئوغۇللىرى - ھۈسەن باي (1844 - 1926 - يىللار) ۋە باۋۇدۇن باي (1851 - 1928 - يىللار) ئاتىسى موسا ھاجىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەكتەپ مائارىپىغا تۆھپە قوشۇشتا تېخىمۇ زور پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئەينى زاماندا تارىم ۋادىسىنى جاھالەتنىڭ قاپقارا پەردىسى قاپلاپ تۇرغان، شۇنداقلا ئەڭ جاھىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ھۆكۇم سۈرۈۋاتقان شارائىتتا ھەمدە ئاچكۆز، نادان بايلار خەلقنىڭ يىلىكىنى رەھىمسىز شوراپ، ئۆزىنىلا سەمرىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان شارائىتتا بۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز تارىخقا لىللا باھا بېرىدىغانلا بولساق، ئەينى زاماندىكى ھۈسەيىن باي ۋە باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋىجدان ئوتىنىڭ نەقەدەر يالقۇنجىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
                               

    ٭                            ٭                           ٭
     

      ئىنسانىيەت تارىخىدا - "مائارىپ مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە". شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مائارىپ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بىراق ئۇ، "ئەنئەنىۋى مائارىپ" ۋە "يېڭىچە مائارىپ" تىن ئىبارەت چوڭ ئىككى كاتېگورىيىگە بۆلۈنىدۇ.
        يېڭى مائارىپ ("ئۇسۇلى جەدىت") نى تۇنجى قېتىم جارى قىلدۇرغان پېداگوگ - مەشھۇر چېخىسلوۋاك ئوقۇتقۇچىسى يان. ئامۇس. كومىنسكىي (1592 - 1670 - يىللار) بولدى. ئۇ قۇرداش ئۆسمۈرلەرنى كلاس (سىنىپ) بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يۈرگۈزۈپ، چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ سىنىپلار ئايرىمىسى بويىچە دەرس پروگراممىسى بار، دەرس سېتكىسى بار، ئىمتىھان تۈزۈمى بار، تەربىيە نىشانىسى بار بىر يۈرۈش يېڭىچە ئۇسۇلنى قانات يايدۇرغانىدى. مۇشۇ تەلەپ بويىچە قۇرداش ئۆسمۈرلەر ئەتراپى باغۋارانلىق، ئازادە سېلىنغان، كەڭ دېرىزىلىك، ئىچى كەڭ ۋە يورۇق، ئۈستەل، پارتىلىرى تەل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ھەر خىل بىلىم - پەنلەردىن ساۋاق ئالاتتى.
        چەت ئەللەرنىڭ يېڭى مائارىپىدىن تەسىرلەنگەن باۋۇدۇن باي ئاكىسىنى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا كۆندۈردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەخسىي دارامىتىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ بىناسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا تۇنجى يېڭى مەكتەپكە ئاساس سالدى. بۇ مەكتەپ 1885 - يىلى كۈزدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى. ئىكساقتا يولغا قويۇلغان بۇ تۇنجى يېڭى مەكتەپ كېيىنرەك "ھۈسەينىيە مەكتىپى(1)" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.
        بۇ مەكتەپ دەسلەپ ئۈچ سىنىپتىن تەشكىل قىلىندى. سىنىپلىرى كەڭ دېرىزىلىك، دوسكا، پارتا قاتارلىق سىنىپ جاھازىلىرى مۇكەممەل، سىنىپلارنىڭ ئىچى - تېخى ئاقارتىلغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياتاق، ھاممام (تاش مۇنچا) بىنا قىلىنغان، مەكتەپ ئەتراپى ئورمانلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق يېڭى مەكتەپلىك قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كېيىنچە يىراق يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار قونۇپ ئوقۇيدىغان بولدى. قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلار "لەيلى"، كېلىپ - كېتىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا "ناھارى" دەپ ئاتىلاتتى.
        دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ يېڭى مەكتەپ دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق - مۇئەللىم مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايلار چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تەربىيلەشنى مەردانىلىق بىلەن قارار قىلدى. مۇشۇ قارار بويىچە تۇنجى قېتىم قازان دارىلمۇئەللىمىنىدە ئىككى يىل تەلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى كېرىماخۇن بولدى. كېيىن ئۇ بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە "بەش كىشىلىك مۇدىرىيەت ھەيئىتى" قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تەركىبىگە باۋۇدۇن باينىڭ ئۆزى ھەم كېرىماخۇن، ھېسامىدىن ھاجىم قاتارلىق مۆتىۋەرلەر كىرگۈزۈلگەنىدى.  بۇنىڭ سىرتىدا توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان "ئاتا - ئانىلار ھەيئىتى" مۇ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى ھەيئەت ئايدا ئىككى قېتىم كېڭەش ئېچىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ھەم ئىقتىسادىي خىراجىتى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلاتتى.
        كېرىماخۇن مۇدىر بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، رەسمىي دەرس بەرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەش نەپەر بولۇپ، ئۇلار: كېرىماخۇن (مۇدىر)، چوڭ غوجىكام، سۇلتان مەھمۇت، ئىدىرىس ھاجى، رائىلە بۇۋى موللاچام قاتارلىقلار ئىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە 105 نەپەر ئۆسمۈر بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۈرى: ھېساب، تىل، ئىملا، ئوقۇش دەرسى (ئەدەبىيات)، ئەرەب، پارس تىلى، جۇغراپىيە - تارىخ، ئىلمىي ھال، ئىلمىي تەجۋىد، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەپتىلىك دەرس جەدۋىلى بويىچە بىر كۈندە توت سائەتلىك دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لېكسىيىسى بېرىپ تۇرۇش مۇنتىزىم تۈزۈمگە ئايلاندى.    شۇنىڭدەك شۇ چاغدىكى تۈزۈم بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەت، ئوقۇغۇچىلارغا بەش سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچى نۆۋەت بىلەن دىجورنى بولۇش، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغان. دىجورنى مۇئەللىملەر خاتىرە تۇتۇپ، ھەر كۈننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ياخشى - يامان ئەھۋاللار ئۈستىدە ئۇچۇر بېرەتتى.
        بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىن باشلاپلا ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ئىمتىھان نەتىجىلىرى تۆت دەرىجىگە ئايرىلاتتى. مەسىلەن: ئەلىيۇلئەلا (1 - دەرىجىلىكلەر)، ئەلا (ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلا بولغانلار)، ئەۋسات (ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر)، ئەدنا (ئۆتەلمەي قالغانلار).
        ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرى پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرى قاتناشقان ھالدا قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارشلىرىنى جاراڭلىتىپ كۆرەك قىلاتتى. ئوقۇش تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار تۆت دەرىجە مۇكاپات بىلەن تەغدىرلىنەتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەھسىننامە"، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە "ئاپىرىننامە"، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە "تەقدىرنامە"، 4 - دەرىجىلىكلىرىگە "شاھادەتنامە" تارقىتىلىپ بېرىلەتتى.
        ئوقۇتقۇچىلار جامائەت ئىچىدە بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار "ئەپەندىم"، ئايال ئوقۇتقۇچىلار "موللاچام" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ئاشۇ ھۆرمەتنى كۈچەيتىپ باراتتى. مەسىلەن: 1 - دەرىجىلىكلەرگە 400 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 300 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە 200 چارەك ئاشلىق مائاش (يىللىق) بېرىلەتتى. بۇ مائاش تەمىناتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاكا - ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىدىن، قالغان قىسمى ئوشرە - زاكات كىرىمىدىن چىقىرىلاتتى.
        بۇنىڭ سىرتىدا، كەمبەغەل ۋە يېتىم ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن "ھانەندىلىك" (ئوقۇش ياردەم پۇلى) تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. ئۇلارنى كىيىم - كەچەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، تاماق راسخوتى ئۈچۈن 1 - دەرىجىلىكلىرىگە 15 چارەك، 2 - دەرىجىلىكلىرىگە 12 چارەك، 3 - دەرىجىلىكلىرىگە سەككىز چارەك ئاشلىق تەمىنات بېرىلەتتى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كېلىپ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن جامائەتنىڭ چارۋىلىرىنى توپلاپ باقىدىغان مەھسۇس "پادىچى" ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

     2


        1888 - يىلى يېڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرى كېرىماخۇن ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئەمدىلا بېخ ئۇرۇپ مۇستەھكەملىنىشكە قەدەم تاشلىغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنى تېز تولدۇرمىغاندا، يېڭى مەكتەپ بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقۇپ كېتىش خەۋپىنى جىددىي ھېس قىلغان باۋۇدۇن باي چەت ئەلگە يەنە ئوقۇتقۇچى چىقىرىشقا ئالدىرىدى. بىر - ئىككى يىل پۇختا تاللاش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 1902 - يىلى بىر تۈركۈمدىلا سەككىز نەپەر ئىقتىدارلىق ياشنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تۇرسۇن ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى، مەسئۇت سەبىرى، جىرجىس ھاجىم (بۇ ئىككىيلەن ئىلىدىن تاللانغان) ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل تەرەپلەرگىمۇ بىر قىسىم ياشلارنى ئەۋەتىش تەييارلىقى كۆرۈلدى.
        چەت ئەلگە چىقىرىلغان ياشلار ئوقۇش تۈگىتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، باۋۇدۇن باي 1 - تۈركۈمدە تۈركىيىدىن ئابابەكرى قاتارلىق زىيالىلارنى مۇئەللىملىككە تەكلىپ قىلىپ ئالدۇردى. ئابابەكرى ئەپەندى ئىكساقتىكى يېڭى مەكتەپنى 1890 - يىلىدىن 1896 - يىلىغىچە باشقۇردى.
        ۋەتەنپەرۋەر مەرىپەتچى ھۇسەيىن ھاجى، باۋۇدۇن باي ئاكا - ئۇكىلار مۇشۇ چاغدا يېڭى مەكتەپنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق سىنىپ سانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش پىلانلىرىنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ قويۇشقانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى چىقىرىشتىكى مۇددىئاسىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. 1895 - يىلى مۇساباي ھاجى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ئوغۇللىرىغا: "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم" مازىرىنى ياساپ چىقىشنى ۋە يېنىغا كېڭەيتىپ ئازادە مەكتەپ بىنا قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە "ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم" مازىرى بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېڭەيتىپ سېلىنىدىغان "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى 1896 - يىلى رەسمىي باشلاندى.
        1898 - يىلى ئىككى يىلغا يېتەر - يەتمەي گۇمبەز مۇنارى ئاسمانغا بوي تارتقان كۆركەم مازار بىلەن ئازادە سېلىنغان يېڭى مەكتەپ بىناسى ئىكساقتا قەد كۆتۇردى.
        زامانىسىدا ئاتاقلىق بىناكارلىق ماھىرى دەپ تونۇلغان قەشقەرلىك مەشۇق ھاجى لايىھىلەپ ياساپ چىققان بۇ كاتتا ۋە كۆركەم بىنانىڭ گۈمبىزى ھازىرمۇ قەد كۆتۇرۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يانداش سېلىنغان كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كارىدورلۇق سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئىپتىھارىنى قوزغايدۇ.
        بۇ مەكتەپتە سىنىپتىن باشقا يەنە 12 ئېغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (ھۇجرا)، ھۇجرىلارنىڭ شىمالىدا قويۇق بوستانلىق، نەقىشلەنگەن پېشايۋانلىق مەسچىت، بىنا ئوتتۇرىسىدا رىشاتكىلىق زال، ئىككى ئېغىزلىق ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت دۇكان ئۆيى، شەرقىي شىمال تەرىپىدە بەش مو دائىرىدە مېۋىلىك چوڭ باغ، باغنىڭ شەرقىدە يەنە شۇ چوڭلۇقتا تەنتەربىيە مەيدانى، بەش - ئالتە مو كەڭلىكتە تېرەكلىك، پەشتاق، تاش پارلىق مۇنچا (ھاممام)، مەكتەپنىڭ ئىچىگە سوزۇلغان 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېرىق، ئېرىق بويلاپ ئۆستۈرۈلگەن تۆت قاتار تېرەك بوستان، ئىسكىلات، مۆتىۋەللى ئامبىرى، مەكتەپنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىدا تىياتىر زالى، غەربىي جەنۇپتا ئەتراپى تال، ئالما، ئۈجمە بىلەن قاپلانغان چوڭ كۆل، بىر چەتتە كاخىش پىشىرىدىغان چوڭ خۇمدان، خۇمدان ئامبىرى، ئىككى جايدا تەرەتخانا... قاتارلىقلار پىلانلىق جايلاشتۇرۇلغان.


    ٭                           ٭                           ٭
     

      سەككىز سىنىپلىق چوڭ مەكتەپ پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا مۇئەللىم مەسىلىسى ئاساسىي زىددىيەت بولۇپ كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. چەت ئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلەر تېخى يېتىپ كەلەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن باۋۇدۇن، مۇساباي تۈركىيىدىن ئەخمەت كامال قاتارلىق يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئالدۇرۇپ كەلدى. ئەخمەت كامال ئاتۇشقا يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇئەللىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، 1907 - يىلى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن" مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئەخمەت كامال ئۆزى ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭ بۇ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىپاق مۇدىرى" دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىلاتتى.
         مەكتەپكە ئۈستۈن ئاتۇشتىكى يەتتە كەنتتىن، قەشقەر ۋە خوتەندىن بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ھېلىم ئەپەندى، سوپى ئەپەندى، تۇردى ئەپەندى، ئابلىز ئەپەندى، ھاجى ئەپەندى، خەمسىدىن ئەپەندى، ئابدۇرەھىم شەۋكەت ئەپەندى، ماھىرا خەلپەت قاتارلىقلار "ھەبىب زادى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ ئاتاقلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.
      ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ تۈرى: شىپاھىيە، ئىملا، ھۆسنخەت، ئەدەبىيات، ھەندىسە (ئالگەبرا)، پارائىز، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي ھال، تەنتەربىيە، غەزەل... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. مەكتەپتە بىر يۈرۈش مەشغۇلىيەت تۈزۈمىمۇ ئورنىتىلغانىدى. دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ جانلىنىپ كەتكەنىدى.
        ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر - قەلەملىرى، كىيىم - كەچەكلىرى ۋە تامىقى ھەقسىز بېرىلەتتى. مەكتەپ شىتاتىدا ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا يەنە ئىككى ئاشپەز، ئىككى جارۇپكەش (قارا ھىزمەتچى) بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇنچىدا يۇيۇندۇرۇلاتتى.
        "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" نىڭ تۇنجى قارارى 1909 - يىلى داغدۇغىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە 40 نەپەر ئوقۇغۇچى جايلارغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ماڭغۇزۇلدى. گۇچۇڭغا شاۋدۇن قارى، قۇتۇپىغا ساۋۇت ئەپەندى، كۇچاغا روزى ئەپەندى، خوتەنگە ماھىرا خەلپەت، توققۇزاققا ئابدۇللا روزى، قاغىلىققا ئابلىز ئەپەندى، قەشقەرگە ئابدۇرېھىم شەۋكەت ئەپەندى ئەۋەتىلدى. ئاتۇشنىڭ ئۆزىدە قالغانلاردىن پەيساققا كەنجى ئەپەندى، كۇچاغا تۇردى ئەپەندى ۋە مەممەت مامتاجىلار؛ قايراققا ھېلىم ئەپەندى بىلەن سوپى ئەپەندى، تاقۇتقا ئىمىن ئەپەندى، ئىكساكقا ھاجى ئەپەندى بىلەن ئەزىز ئەپەندى تەقسىم قىلىندى. ئۇلار يېڭى مائارىپ ئۇرۇقلىرىنى پۇتۇن تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىغىچە چېچىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ كېيىنكى راۋاجى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
        دېمەك، مىلادىنىڭ 1910 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە يالغۇز ئىكساقتىلا سەككىز سىنىپلىق بىر چوڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن (ئوتتۇرا تېخنىكوم) مەرىپەت مەشئىلى بولۇپ چاچقانىدى.
        1910 - يىلىدىن باشلاپ "ھۇسەينىيە مەكتىپى" گە تۈركىيىدىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى (1886 - 1937 - يىللار) مۇدىر بولۇپ بەلگىلەندى. تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مەكتەپتە تاكى 1933 - يىلغىچە جەمئىي 23 يىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قەشقەرگە يۆتكىلىپ، 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلى تۈرمىگە ئېلىنغۇچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن تۈرمىدە قۇربان بولدى.
        تۇرسۇن ئەپەندى ھاتەم ئوغلى 1886 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇدى. 1894 - يىلى يېڭى مەكتەپ ("ھۇسەينىيە مەكتىپى") گە كىرىپ ئوقۇدى. 1902 - يىلى باۋۇدۇن باي تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، كامىل ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر ياش بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە ئەۋەتىلدى. تۇرسۇن ئەپەندى 1902 - يىلدىن 1905 - يىلىغىچە ئاۋۋال ئىستامبۇلدىكى قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە، كېيىن 1905 - يىلىدىن 1910 - يىلىغىچە "سۇلتانەم" ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، بۇ مەكتەپنى ئەلىيۇلئەلا (ھەممە پەنلەرنى ئەلا) دەرىجىدە تۈگەتتى. ئۇ بۇ مەكتەپلەردە ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە تىللارنىمۇ پىششىق ئۆگەندى. شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىدى. نەچچە مىڭلىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى مەرىپەت چىرىغى بىلەن يورۇتتى. مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىر يۈرۈش پېداگوگىكىلىق پرىنسىپلارنى، مەكتەپ نىزامنامىسى، ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلدى. مۇشۇ ئارقىلىق "ھۇسەينىيە مەكتىپى" نىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۇرۇلدى. خەلقنىڭ مۇئەللىملەرگە بولغان ھۆرمىتىمۇ ئاشتى.
      تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى بۇ مەكتەپتە يېڭى زامان تەنتەربىيە پائالىيىتىنى پائال راۋاجلاندۇرغانلىقى بولدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مەكتەپتە پۇتبول، بالقان، تامپاس، بىلۇ، يەنىك ئاتلىتكا، كالتەك، تاش كەتتى - تاش كەلدى، ئەسىر ئەلىش، ياغلىق تاشلاش، ئىلەڭگۈچ، چىغرىق، تاغقا چىقىش، نەيزە تاخلاش، چويۈن تەخسە ئېتىش، قارىغا ئېلىش، دالا يۈرۈشى قاتارلىق خىلمۇ - خىل تەنھەرىكەتلەر راۋاجلاندۇرۇلدى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن تەنتەربىيىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ تۇنجى بايراقدارى بولۇشقا مۇناسىپ، مەسىلەن: "ھۇسەينىيە مەكتىپى" دە تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش چېغىدا تۇرسۇن ئەپەندى ئۆگەتكەن تۆۋەندىكى ناخشىنى ياڭرىتاتتى:


    جانىمسەن، خانىمسەن،
         تۈمەن يىللار سەن ياشا؛
       ئەي مۇبارەك ۋەتىنىم،
                   مىڭ ياشا، مىڭ - مىڭ ياشا.

     

    مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ مەيداندىن چىقىدىغان چاغدا بولسا، تۆۋەندىكى ناخشىنى جاراڭلىتىپ ئېيتاتتى:


    ئارقاداشلار توپلىنايلى، جەھلىن ئويىن بۇزغىلى،
               ئەل كۆزىدىن ياپقان قاراڭغۇ پەردىلەرنى يىرتقىلى؛
    ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقۇزار بىلىم ئىرۇر،
         بىزلەرمۇ بۈگۈن ھەم دەل بىلىم ئۆزى قۇتقۇزۇر.

     

      مۇشۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىنىڭ روھى بىلەن قوراللانغان يېڭى مەكتەپ كوماندىسى 1927 - يىل مايدا قەشقەر سەمەن رايونىدا ئۆتكۇزۇلگەن خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەنگلىيە ۋە شۋەتسىيە ئەللىرىنىڭ سىپارەتخا كوماندىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇتلەق ئۈستۈنلۇك بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، چەت ئەللىكلەرنى تاڭ قالدۇردى. مۇتەئەسسىپلەرگە يېڭى مائارىپنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. پۈتۈن تارىم ۋادىسى تەنتەنىگە چۆمدى.
        تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاتۇشتا ئومۇملاشقان پۇتبول تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى دەل "نورۇز بايرىمى" نىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. دېمەك، ئاق تېرە تۇماق (ئىچىگە كونا پاختا تىقىپ دۈگىلەك قىلىنغان توپ) تەپىپ چېنىققان ئاتۇش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قەشقەر سەمەن رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغانلىقى بۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدە ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى مائارىپنىڭ جانلىنىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
        1927 - يىل ماي ئەيىدىكى بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى سەمەندىكى ئابدۇشۈكۈر ھاجىنىڭ بەدىلىكىدە ئوتكۈزۇلدى. رەسمىي مۇسابىقىغە چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى كۆرەڭلىگەن ھالدا تۇرسۇن ئەپەندىگە شەرت قويۇپ:
         - ئەگەر سىلەر ئۇتساڭلار، كۈمۈش ئىگەر - جابدۇلۇق ئارغىماق تارتۇق قىلىمىز، بىز ئۇتۇۋالساق قانداق قىلىسىلەر؟...
         - بىز ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، - دەپ جاۋاب قايتۇردى.
        پۇتبول مەيدانى قىلىنغان بېدىلىكنىڭ ئىگىسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ناملىق مويسىپىت زات يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىككى قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا:
        - ئەزىمەت باللىرىم، غەيرەت قىلىپ ئۇتۇڭلار، يەرنىڭ ئىجارىسىنى ئالمايمەن، بىر بورداق قويۇم بار، سويۇپ سىلەرنى مېھمان قىلىمەن، - دەپ ئاتۇش كوماندىسىغا مەدەت بەردى. كوماندا ئەزالىرى تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن مۇسابىقىغە چۈشتى. ئىككى - ئۈچ سائەت سوزۇلغان جىددىي ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئاتۇش كوماندىسى ئىنگلىزلەرنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋەتلەرنى نۆلگە قارخى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىقتى. پۈتۈن مەيدان قىقاس ۋە گۇلدۇراس ئالقىخش سادالىرىغا چۆمدى. مانا بۇ ئىكساق يېڭى مائارىپىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى چوڭ غەلىبىسى ئىدى.


    ٭                          ٭                         ٭
     

      لېكىن، بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىگە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۈچلەر جان - جەھلى بىلەن قارشى ئىدى. شۇڭا ئۇلار يېڭى مائارىپنى ھۆكۈمەتكە چاقاتتى. ھەتتا باۋۇدۇن مۇسابايغا "قوزغىلاڭ قىلماقچى" دېگەن بۆھتاننى چاپلاپ، ھۆكۇمەتكە مەلۇم قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىر ئىشنى باھانە قىلغانىدى:
        ... بىر كۈنى "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن" مۇدىرى ئەھمەت كامال ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى سەيلە قىلدۇرغاچ چۆمۈلدۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن تۈمەن دەرياسى بويىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەريا ۋادىسىدا قوللىرىغا كالتەك تۇتقان ھالدا مارش توۋلاپ، مەشكە دەسسەپ چېنىقىش يۈرگۈزىدۇ. بۇ مەشغۇلاتنى كۆرگەن بىرنەچچە پايلاقچىلار ئۇدۇل شاپاشلاپ بېرىپ دوتەيگە چاقىدۇ. چاڭ دوتەي ئەھۋالنى ئۈرۈمچىگە مەلۇم قىلىدۇ. كېيىن باۋۇدۇن مۇساباينى دوتەي مەھكىمىسىگە چاقىرىتىپ كېلىپ سوراق قىلىدۇ:
        - سەن نېمىشقا مەكتەپ ئاچتىڭ؟ مەكتەپتە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟
        باۋۇدۇن مۇساباي ئۇنىڭغا جاۋابەن:
        - قۇرئاندا "ئىقرە" دېگەن سۇرە بار، مەنىسى "ئوقۇڭلار" دېگەن بولىدۇ. ئوقۇغان، قازىنى ئاقارتقان گۇناھ بولمايدۇ. ئۇنىڭ جانابىڭىزغا ھېچقانداق دەخلىسى يوق، - دەيدۇ.
        چاڭ دوتەي بۇ ھەققانىي جاۋابتىن بىرئاز تەمتىرەپ:
        - ئۇنداقتا سەن دۆلەت تىلىنى ئوقۇتامسەن؟ - دەپ سورايدۇ.
        - بىلىم ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن پەرز ۋە قەرز. روسۇلىللا "بىلىم چىندە بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار" دېگەن، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ، - باۋۇدۇن مۇساباي.
        - ئۇنداق بولسا، - دەيدۇ دوتەي، - مەن ساڭا ئىككى سۆز قىلىمەن: بىرىنچى، مەن ساڭا دۆلەت تىلى (2) ئوقۇتىدىغان بىر مۇئەللىم بەرىمەن؛
        ئىككىنچى، سەن تۈركىيىدىن كېلگەن ئەپەندىلەرنى ھەيدىۋېتىسەن...
        باۋۇدۇن مۇساباي دۆلەت سىستېمىسىدا ئىككى شوتاڭ (مەكتەپ) ئېچىشقا ۋە ئەخمەت كامال قاتارلىق تۈركىيىلىك مۇئەللىملەرنى كەتكۈزۈۋېتىشكە ماقۇل بولىدۇ. شوتاڭ مەكتەپنىڭ بىرى قەشقەر ياۋاغ دۇمباخانىدا "دى يى شوتاڭ"(3)، ئىكساقتا "دى ئەر شوتاڭ" (4) دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىپ رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ. چاڭ دوتەي ئۆز ئوغلىنى ئىكساققا مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋاغ ۋە ئىكساقتا چاڭ لاۋخى، چىڭ لاۋخى، ما لاۋخى، خۇ لاۋخى ۋە توختىلار دۆلەت تىلى ئوقۇتىلىدىغان بىر سىنىپلىق شوتاڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ