بىر مىللەتتىكى كىشى ئىسىملىرى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ خاس مەدەنىيەت تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقىمىز ئىسىم قويۇشتا ئەزەلدىن ئۇنىڭ مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكىگە، ئۇنى توغرا ئاتاش ھەم يېزىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىنى ئاتاش، يېزىشتا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىگە تازا ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى قىسمەن سەۋەنلىكلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالماقچىمەن.
1. ئىمزا قويغاندا ئۆز ئىسمىنى يېزىپ، فامىلىسى (ئاتا ئىسمى)نى يازماسلىق. ئۇچۇر تەرەققىياتىنىڭ بارغانچە تېزلىشىپ، ئالاقە دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ ھۆججەت، ئىلتىماس، قانۇنىي يازمىلارغا قول قويۇش، چەت ئەللىرىدە ئوقۇش، سودا - تىجارەت ۋە توغقان يوقلاشلاردا فامىلىگە بولغان ئېھتىياج كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا. بۇنداق تەخىرسىزلىك نەتىجىسىدە بەزىلەر فامىلە قوللىنىشتا ئالدىن قەدەم باستى. لېكىن، فامىلە قوللىنىش بىزدە تازا ئومۇملاشمىغاچقا، كۆپلىرىمىز يەنىلا ئاتىمىزنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىنى ئىپادىلەۋاتىمىز. شۇڭا، ئىسىملىرىمىز ئاتىمىز (دادىمىز) نىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئېيتىلغان، يېزىلغاندىلا بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلار ئىمزا قويغاندا بۇ نۇقتىغا سەل قارىماقتا. باشقا مىللەتلەر ئۆز ئىسمى، ئاتا ئىسمى ۋە فامىلىسىنى قوشۇپ يېزىپ ئېرىنمەيۋاتسا، بىز فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئاتا ئىسمىنى يېزىشقا سەل قاراۋاتىمىز. شۇنى سەمىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىمكى، باشقا مىللەتلەر ئۆز ئىسمى، ئاتا ئىسمى ۋە فامىلىسىنى قوشۇپ يېزىش ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى، كىملىكىنى، يىلتىزىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بىزدە گەرچە سىستېمىلاشقان فامىلە بولمىسىمۇ، ئەمما، فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئاتا ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمىز ئارقىسىغا قوشۇپ يېزىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئۆلچەملەشكەن ۋە تۇراقلىق، ھەقىقىي فامىلە قوللانماسلىقتىن نەسەب ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى بىلىش سۇسلىشىپ كېتىۋاتقىنىدەك، ئاتا ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمىز كەينىگە يازماسلىقىمىز ئاتىلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يىراقلاشتۇرۇۋېتەلمىسىمۇ، بۇنداق ئېرەنسىزلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجداد چۈشەنچىسىدىكى بىر خىل كەمتۈكلۈكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئەجداد چۈشەنچىسىدىكى بۇ كەمتۈكلۈك كىشىلەرنى ئۆز ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا خەلق شائىرى مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ »داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ« دېگەن شېئىرىدىكى:
«ئاتىلار ئىسمىنى يازغۇلۇق ئاۋۋال،
ئاق سۈتتەك قەغەزگە ياز دېسە بىر خەت.
ئىسمىڭغا ئاتىلار ئىسمى ئۇلانسۇن،
تولۇقتۇر تەزكىرەڭ شۇندىلا پەقەت.»
مىسرالار سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا، بىر - بىرىمىزنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئىسمىمىزنىڭ كەينىگە ئاتا ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
2. فامىلىنى يازغاندا، ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇپ يېزىش. ھازىر بىر قىسىملىرىمىزدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئىسىم فامىلىسىنى »مۇھەممەد ساۋۇت« دەپ ئەمەس، »مۇھەممەد. ساۋۇت« دەپ يېزىپ، ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە زىت. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە قىسقارتىلما سۆزلەرنى يازغاندا، قىسقارتىلغىنى كىشى ئىسمى بولۇپ قالسا، ئىسىمنىڭ قىسقارتىلغاندىن كېيىنكى باش ھەرىپى بىلەن ئاتا ئىسمىنىڭ پەرقلىنىشى ئۈچۈن «لوتپۇللا مۇتەللىپ»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر»دېگەن ئىسىملار قىسقارتىلغاندا«ل. مۇتەللىپ»، «ئا. ئۆتكۈر» دەپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇپ يازىدىغان قائىدە بار. شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە خەت بىلەن يازغاندا، خەنزۇچە يازمىلاردىكى ئۇيغۇر ئاتا - بالا ئىسمىغا ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ بالا ئىسمى، قايسىسىنىڭ ئاتا ئىسمى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئاتا بىلەن بالا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇلىدىغان قائىدە بار. ئەمما، كىشى ئىسىم فامىلىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغاندا، بالا ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ يېزىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ چېكىت قويۇپ، ئاتا - بالا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا توساق قۇرماسلىق كېرەك.
3.كىشى ئىسىملىرىمىزنى چالا ياكى بۇزۇپ ئاتاش. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تاق، قوش تەركىبلىك ئىسىم ھەم مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىم دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تاق تەركىبلىكى بىرلا سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ، بۇنداق ئىسىملار يېڭى زامان كىشىلىرىمىزدە كۆپرەك. ئەمما، ئىككى ياكى ئۈچ ئىسىمدىن تەركىب تاپقان قوش تەركىبلىك، مۇستەقىل بىر ئىسىم بىلەن يەنە بىر قوش تەركىبلىك ئىسىمنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىملارنى قوللىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ئىسىملار ئۆزلىرىنىڭ تولۇق لېكسىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەنلا مەنىلىك ۋە يېقىملىقتۇر. قۇش تەركىبلىك ۋە مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىملارنى چالا ئاتاش ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە خىلاپ. شۇڭا، بۇنداق ئىسىملارنى چالا ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مەنە ۋە شەكىل گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا يەنە موللاخۇننى موللاق، موللەك، ياسىنجاننى ياسۇق، خالمۇراتنى خال دەپ بۇزۇپ ئاتايدىغان ئىللەتتىنمۇ ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كىشى ئىسىملىرىنى ئاتاش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىغاندا خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچىلا قىسقارتىپ ئاتاپ، ئىسىمنىڭ ئەسلىدىكى مەنە ۋە شەكىل پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى چاقىرغاندا يالقۇننى يالى، ئەراپاتنى پاتى، زۇلپىقارنى زۇلى، ھەتتا بەزىدە ئابدۇللا، ئابدۇغوپۇر دېگەن ئىسىملارنى ئابدۇ دەپلا چاقىرىشىدۇ. بۇنداق چالا ئاتاش بۇ ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىنىشىدا باشقىچە تۇيغۇ بېرىپلا قالماستىن، مەنىسىنىمۇ بۇزۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئابدۇ سۆزىنىڭ مەنىسى قۇل دېگەنلىك بولىدۇ. بىراۋنى ئەسلى ئىسمى بىلەن تولۇق ئاتىماي، ئىسمىنى بۇزۇپ قۇل مەنىسىدىكى سۆز بىلەن ئاتاش توغرا ئەمەس. شۇڭا كىشى ئىسىملىرىنى ئاتاشتا سەل قارىلىۋاتقان بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك.
ئادەتتە، كىشى ئىسىملىرىنى توغرا، ئېنىق، ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىش بىر كىشىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىلا ئەمەس، پەزىلىتىنىمۇ ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. شۇنداقلا بۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۇپرىماي، خورىماي ئۆتۈشىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، بىز مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھەقدارلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ياش، ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىلىمىنى موللاشتۇرۇشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.