تىل بىر خىل ئىجتىمائى ئالاقە قورالى سۈپتىدە خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سىستىمىسى، مىللەتنىڭ موھىم بەلگىسى، مەدەنىيەتنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى. تىل مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، تىل بولمىسا مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تىلدا مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ياشاش ئادەتلىرى ساقلانغاندىن باشقا، تىل شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى، ھاياتقا بولغان قاراشلىرى ، تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى مۇكەممەل ئەدەبىي تىل ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تارىختىن بويانقى ئەڭ موھىم ئالاقە قورالى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنىي-ئىتقادى، ئۆرىپ-ئادىتى،جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مىللەتكە ئورتاق بولغان تەپەككۈر شەكلى قاتارلىقلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تىل مەدەنىيەتنىڭ موھىم ۋاستىچىسى. جەمئيەت تەرەققىياتى داۋامىدا مەدەنىيەت تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ خىل تەسىر ئالدى بىلەن سۆزلۈكتە ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. تىلنىڭ قورۇلۇش ماتىرىيالى بولغان سۆزلۈك مەدەنىيەتنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئىنكاسى ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ تىز.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كىشىلەر كۈرۈشنى خالىمىغان ئىشلار ھەمىشە يۈز بىرىپ تورىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەردە قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بۇنداق نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا تىلغا ئېلىشتىنمۇ ساقلىنىدۇ. كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاز تىلغا ئالغاندا مۇشۇ ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنداق قىلىپ تىلدا بىر ئالاھىدە سىھرىي كۈچ شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئەتراپىمىزدىمۇ «ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە! خۇدايىم ساقلا.» دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.بۇمۇ كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ سىھرىي كۈچىگە ئىشەنگەنلىكىدىندۇر. كىشىلەرنىڭ بەزى سانلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈش، بەزى سانلاردىن ھەزەر ئەيلەش پىسخىكىسمۇ بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.