ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2322
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      كېيىنرەك چىڭگىزخان ئىستېلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئوزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھوكۇمرانلىق قىلغان ئاخۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى.
        چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پېداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىنژېنېرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.
        ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.
        مەسئۇتبەگ نايامان - كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋەتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى ساجىئە" نىڭ ھارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇھارا) دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.
        مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئوزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى - مەشھۇر ئالىم جامال قەرخى (1230 - يىلى تۇغۇلغان، "سۇرراھ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ، "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ:
        "... بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتېل، سوقرات، ھارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى... تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ" ("ساياھەت خاتىرىسى" - جامال قەرخى، 1273 - 1274 - يىللار).
        "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادەمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
        "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا خانبالىقتا ھوكۇمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 - 1294 - يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.
        بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۇش زۆرۇركى، بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پېداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئېلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئېلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كېيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن.
        تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خېلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپېرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھۆكۇمەت تىلى ۋە ئالاقە تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى.
      مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەخىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق يازىدۇ: " ... بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ھۆرمەتكە، ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت، "ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى" 56 - بەت).
        كېيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتىدى.
        "قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "خاقانىيە تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، خوجا ئەخمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يېزىلغان "دىۋان ھېكىمەت" ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 - يىلى يېزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسەسى" ناملىق رومان "چاغاتاي تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ - ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن - كۇنگە مۇستەھكەملەندى.

                                                    *                             *                          *

        چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كېيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئۆز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كېلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كۆرسەتتى.
    پروفېسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى."
        بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زېمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاش ۋەزىرى ساقى، كۆپ تىل، جۇملىدىن گرېك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە خىرىستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئۆمەر، باش ئادۋوكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تۆمۇر بىلەن كۆك تۆمۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۇر تۇۋرۇك، "جۇرجىن تارىخى" ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كۆرسىتىپ ئوتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تۆمۇر تۇۋرۇك يازغان "زىرائەت ئۆسۇملۇكلىرىنى يېتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئېلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى.
        چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كېسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى، مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۇرگەن. بۇ دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ھۇئاڭھە ۋادىسىغىچە ئات ئۇستىدە يۇرۇپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تېڭىقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى - مەشھۇر "نەيجىڭ" ناملىق كلاسسىك قامۇستا يېزىلغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئوتۇشكە بولىدۇ:
        "غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گۆش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كېسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تېنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ."
        "ئۇيغۇرلار ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چېچىكى قاتارلىق ئۆسۇملۇك ۋە گىياھلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى موتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۇزۇم پەي بىلەن سۆڭەككە قۇۋۋەت بېرىدىكەن."
        يەنە "جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كېسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 - تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان:
        رىن زىجاۋ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بەخى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تېۋىپ كېلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرت ئېلىۋەتتى. ھېلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۇپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى."
        يەنە خياخۇسۇ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى يېنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۇپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى - دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نېمىنى كېسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..."
        يۇەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل كەلتۇرۇلگەن:
        ... ئىچكىرىگە كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سېرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۇنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى. قىمىز بولسا قېرىلىقنى كەتكۇزۇپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئۆپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.
        يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يېتىشتۇرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى.
        شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇچۇن يەتكۇزگەن مىراس مەۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تەخىمۇ جانلىق نامايان بولىدۇ.
        بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۇرلۇك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كېلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى خۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۇرلۇك شەھەر - يېزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كېلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۇرلۇك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۇتۇن ئۆمرىنى مائارىپ ئۇچۇن بېغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقېرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقېرى خۇراساندا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى يەتىشتۇرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 - 1492) مۇ سەئىد قەشقېرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.
        چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 - يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
        لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساھەتلىك ئەدىپ" ھەم "ئەزىز، تەۋەرۇك زات" دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل كالام" (سوز پادىخاھى) ۋە "تەۋەرۇك ئۇستاز" دەپ مەدھىيلىگەن.
        لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كېلىدىغان "گۇل ۋە نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شۆھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تۆمۇرلەڭ (ئاقساق تۆمۇر) ھەققىدە يېزىلغان "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
        ئاتاقلىق شائىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تېكستلىرىگە سېلىنغان.
        ناۋايىنىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ "ھەمىسە ناۋايى" ھەم "چاھار دىۋان" قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم - مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى.
        ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مېھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ:
        "ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۇرۇشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۇزەشتە، ئەدەب ئۆگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چېكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كېيىن پادىشاھ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۇنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ..."

    ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،
    ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە.

    (ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۇز تىللا بېرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلىشىر ناۋايى "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت)

        ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېگەنىدى:

    ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى،
    ئورگۇنۇرگە جىد - جەھىد ئۆتكەن جاھان ئەللامىسى.

    ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

    يۇز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم،
    ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم.

        ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دېداكتىك مەزمۇنىدىكى ھېكىمەتلىك شېئىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن:
    # توقلۇق ھىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل،
    ئۆزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.

    # لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر.
    كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر.

    # چىراغىنى خەق ياندۇردى، كۆيدى،
    ئۇنى كىم پۇپ دېدى، ساقىلى كۆيدى.

        ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "ھازانىئۇل مەئانى" (مەنىلەر ھەزىنىسى) ناملىق شېئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توت چوڭ دىۋان ("چاھار دىۋان") دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقان "ھەمىسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ