كېيىنرەك چىڭگىزخان ئىستەلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى
ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا
ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھۆكۈمرانلىق
قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ
ئاتىدى.
چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر
ئالىمى ۋە داڭلىق پېداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۈسۈپ سەككاكى
(1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر
دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق
مائارىپچى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىنژېنېرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار
رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.
ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى
ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن
گۈللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە
قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى.
بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش
يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.
مەسئۇتبەگ نايامان - كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن
قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى ساجىئە" نىڭ خارابىسى
ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى
ۋە ئۇنىڭ يېنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ
بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۈتۈن
ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇخارا) دېگەن شەرەپلىك
نامغا ئىگە بولدى.
مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان
بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇتبەگنىڭ يېقىن دوستى - مەشھۇر ئالىم جامال قەرخى (1230 - يىلى
تۇغۇلغان، "سۇرراھ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) "مەسئۇدىيە" بىلىم
يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفېسسورى) ئىدى. ئۇ، "مەسئۇدىيە" بىلىم
يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ:
"... بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كېلىپ
تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى
ئارىستېتېل، سوقرات، ھارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى... تەتقىق
قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ"
("ساياھەت خاتىرىسى" - جامال قەرخى، 1273 - 1274 - يىللار).
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا
قويۇلغان. ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادېمىك،
دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفېسسور)، ئۈچىنچى
دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
"مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن
زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا
خانبالىقتا ھۆكۈمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 -
1294 - يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ
ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۆركى، بۇيۇك ئۇيغۇر
ئالىمى، مەشھۇر پېداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا
ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان.
تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئېلىنىڭ تايانخان (كۈنخان) ئوردىسىدا باش
ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسى
قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئۆز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ،
ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل
ئېلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل
يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يېزىق كېيىن جۇرجان ۋە چىڭ
سۇلالىسىنىڭ ئوردا يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد
قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن
ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن.
تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خېلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە
ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىرقەدەر كەڭ
سىياسەت يۈرگۈزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش
قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپېرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر
ھۆكۈمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن
يۈرگۈزۈلدى.
مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق
يازىدۇ: " ... بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما
ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى
روناق تاپالايدىكەن، ھۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت،
"ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى" 56 - بەت).
كېيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ
سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى" دەپ
ئاتىدى.
"قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "خاقانىيە تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەن
بولسا، خوجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يېىلغان "دىۋان ھېكمەت"
ۋە قەشەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرخانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن
1310 - يىلى يېزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسىسى" ناملىق رومان "چاغاتاي تىلى"
ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ ئۆي
ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي
كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى
كۈندىن - كۈنگە مۇستەھكەملەندى.
**********************************************************************
**********************************
چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كېيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئۆز
رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا
ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كېلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق
كۆرسەتتى.
پروفېسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت
تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش
يۈرگۈزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى."
بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زېمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا
قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ
مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن
ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كۆپ تىل، جۈملىدىن گرېك ۋە لاتىن تىلىنى
بىلىدىغان ئالىم ۋە خىرىستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو
ۋەزىرى ئۆمەر، باش ئادوۋكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان
تومۇر بىلەن كۆك تومۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب
يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تومۇر تۈۋرۈك،
"جۇرجىن تارىخى" ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى
تارىخى" نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ
تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كۇپايە. بولۇپمۇ
ئاتاقلىق ئالىم تومۇر تۈۋرۈك يازغان "زىرائەت ئۆسۈملۈكلىرىنى يېتىلدۈرۈش
پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يېقىنقى چاغلارغىچە ئېلىمىز
مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى.
چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى
يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كېسەللىكىنى داۋالاش
مەكتىپى ئە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. بۇ
دوختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى خۇئاڭھە ۋادىسىغىچە ئات
ئۈستىدە يۈرۈپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تېڭىقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە
ئېلىمىزنىڭ مېدىتسىنا كىتابى - مەشھۇر "نەيجىڭ" ناملىق كلاسسىك قامۇستا
يېزىلغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ:
"غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ
ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گۆش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك
بولغاچقا، كېسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تېنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ."
"ئۇيغۇرلار ئۈزۈم، بېدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۈت،
پىياز، سامساق، زاراڭزا چېچىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ۋە گىياھلاردىن ياخشى
دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار
گۈلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ
تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۈزۈم پەي بىلەن سۆڭەككە
قۇۋۋەت بېرىدىكەن."
يەنە "جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى
يەھيانىڭ ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇئەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان
قورقۇنچلۇق ۋابا كېسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22
- تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان:
رىن زىجاۋ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى
بېشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تېۋىپ
كېلىپ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ، بىر كىچىك قۇرت
ئېلىۋەتتى. ھېلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ
تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى."
يەنە شياشۇسۇ دېگەن كىشى ئېيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى يېنىدا بىر
كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆيۈپ يېتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى -
دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نېمىنى كېسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن
تۇرۇپ كەتتى..."
يۈەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل
كەلتۈرۈلگەن:
... ئىچكىرىگە كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر
قاتارىدا ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا
نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ
دورىخانىلاردا سېرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك
دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۈنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سېتىلاتتى.
قىمىز بولسا قېرىلىقنى كەتكۈزۈپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئۆپكە
بىلەن يۈرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.
يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى
زامان شارائىتىدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ بىر
تەرىپى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان
قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن
يەتكۈزگەن مىراس مەۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ كۆرىدىغان بولساق،
ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تېخىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ.
بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۈرلۈك جايلاردىن مىڭلىغان
تالىپلار "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كېلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ
بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن،
بەزىلىرى خۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۈرلۈك شەھەر - يېزىلاردىن ۋە
ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كېلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر
ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ،
تۈرلۈك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندا
ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى مائارىپ ئۈچۈن بېغىشلاپ چوڭ
نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى
قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقەرى خۇراساندا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ،
كۆپ ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414
- 1492) مۇ سەئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.
چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن
ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا
لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 -
يىللار) مائارىپ تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى
ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساھەتلىك ئەدىپ" ھەم "ئەزىز، تەۋەرۈك زات"
دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل كالام"
(سۆز پادىشاھى) ۋە "تەۋەرۇك ئۇستاز" دەپ مەدھىيلىگەن.
لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە
لېكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل
گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400
مىسرادىن ئارتۇق كېلىدىغان "گۈل ۋە نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي
تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرىي
ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شوھرەت
قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ھەققىدە يېزىلغان
"زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
ئاتاقلىق شائىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە
شېئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى،
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى
مۇقام كۈيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىر تېكستلىرىگە سېلىنغان.
ناۋايىنىڭ تاللانغان شېئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك
كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ
"خەمىسە ناۋايى" ھەم "چاھار دىۋان" قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىرىي
ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ
ئەسەرلىرىدە ئىلىم - مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى
كۈيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى.
ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" ناملىق ئەسىرىدە
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مېھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ:
"ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام
قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئېرىگەن قوغۇشۇنغا
ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۈزەشتە، ئەدەب ئۆگىتىشتە نۇرغۇن جاپا،
ئەجىر چېكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ.
ئەگەر ئوقۇغۇچى كېيىن پادىشاھ، شەيخۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ،
ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا
تەڭرى رازى بولىدۇ..."
ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،
ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۈزگەنچ ئىلە.
(ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۈز تىللا بېرىپمۇ ئادا
قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت)
ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېگەنىدى:
ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى،
ئورگۇنۇرگە جىد - جەھىد ئۆتكەن جاھان ئەللامىسى.
ناۋايى خەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:
يۈز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرېم،
ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرېم.
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دەداكتىك مەزمۇنىدىكى ھېكىمەتلىك شېئىرلىرى
ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن:
توقلۇق ھىرسىن كۆڭۈلدىن يوق قىل،
ئۆزۈڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.
لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر.
كىيگىنىڭدىن كېيدۈرگىنىڭ ئەلادۇر.
چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كۆيدى،
ئۇنى كىم پۇپ دېدى، ساقىلى كۆيدى.
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "خازانىئۇل
مەئانى" (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شېئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803
مىسرالىق 3130 پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان ("چاھار
دىۋان") دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ
داستاندىن تەركىب تاپقانى "خەمىسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق
ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ
بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا
قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ
كەلدى.