|
|
ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا |
يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2104 |
|
|
|
2.ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ مەزمۇنى ھەرقانداق شەيئىنى ماكرو ۋە مىكرو ئىككى جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىنى ماكرو جەھەتتىن تەتقىق قىلىش دېگەندە ، ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇئەييەن زامان ۋە ماكان ئىچىگە قويۇپ تەتقىق قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . زامان تارىخىنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ئۇنىڭ يېزىق ۋە تىل تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسى ئىچىگە قويۇپ كۆزەتكەندە ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ، تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن باشقا ، قەدىمكى يېزىق ۋە تىل تەرەققىيات تارىخنىڭ ئەھۋالى بىلەنمۇ بىرلەشتۈرۈپ ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ، بىلىشنىڭ ئىلمىيلىكىگە تەسىر يېتىدۇ . ماكان جەھەتتىن تەتقىق قىلىش تۈرلۈك يېزىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىنسانلار يېزىقىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ئىچىگە قويۇپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك . بىز ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى لاتىن يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا بىلدۇق . سېلىشتۇرۇش ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خاراكتېرىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى ، سېلىشتۇرۇش ئۇيغۇر يېزىقىنى ياخشلاشقا بولغان تەلەپنى ئويغاتتى . ماكان جەھەتتىن تەتقىق قىلىش ھەرقايسى پەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ ، تىلشۇناسلىق ، مائارىپشۇناسلىق ، پىسىخولوگىيە ، فىزىئولوگىيە ، سىتاتىستىكا ، ھېسابلاش ئىلمى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، يېڭى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ، يېڭى ئۇسۇل قوللىنىپ ، كۆپ خىل پەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتنى يولغا قويۇش كېرەك ، مۇشۇ ئاساستا بەرپا قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقى كۆپ تەرەپلىمىلىك پەن دەپ ئاتىلىشى كېرەك . ئۇيغۇر يېزىقىنى مىكرو جەھەتتىن تەتقىق قىلىش دېگەندە ، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى چوڭقۇر ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ ، ئۇيغۇر يېزىقى خەنزۇ يېزىقى ياكى لاتىن يېزىقىغا ئوخشاش ، قەدىمدىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ يېزىق سىستېمىسى بويىچە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان ، ئۆزگىرىپ بارغان ۋە مۇكەممەللەشكەن يېزىق ئەمەس . ئۇيغۇرلار تارىختا بىر قانچە قېتىم ئۆز يېزىق سىستېمىسىنى ئۆزگەرتكەن ، دەسلەپتە تۈرك يېزىقى ، سۇغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللانغان؛ كېيىنچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براخما يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللىنىپ ، مۇشۇ يېزىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىلىنى خاتىرىلگەن .بۇ يېزىقلارنىڭ بەزىلىرى ھەم ئېلىپبەلىك ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يېزىق بولغان .بىز خەتنىڭ شەكلى ۋە ئوقۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلىرىگە قاراپ ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيمىز .ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۆلچەم ۋە تەرتىپ جەھەتتىكى ھالىتىنىمۇ ئېنىق تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك .شۇنداق قىلغاندىلا ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ سۈپەت ۋ سان جەھەتتىكى ئەھۋالىغا قارىتا ئەتراپلىق ۋە مۇۋاپىق تونۇشقا ئىگە بولالايمىز . ماكرو ۋە مىكرو جەھەتلەرنى ھېسابقا ئالغاندا ، ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن مۇنۇ بىر قانچە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : (1) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، پەيدا بولۇشى ، تەرەققىياتى ، ئۆزگىرىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى تەتقىق قىلىش . (2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خاراكتېرى ، ئالاھىدىلىكى ۋە دائىرىسىنى تەتقىق قىلىش . (3) ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تىلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش . (4) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكىل ، تاۋۇش ۋە ئۆلچەم _ تەرتىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەپ بېرىش ، خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش . (5) ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش ، يېزىق ئوقۇش ، تارقىتىش جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى كۆزىتىپ ، ئۇيغۇر يېزىقنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قوللىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يول تېپىش . (6) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، لاتىنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ، يەنى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشنى پۇختا نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە مول ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش . (7) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئوقۇتۇشىنى تەتقىق قىلىپ ، يېزىق ئوقۇتۇشىنى نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە مېتودولوگىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ ، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللىنىش ئارقىلىق ، يېزىق ئوقۇتۇشىنىڭ سەھىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، بۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ پەن _ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش . (8) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنشنى تەتقىق قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسدا ئېلېكترون كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشنى تېزلىتىپ ، زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى ئېلگىرلىتىش . يۇقىرىقى جەھەتلەردىكى تەتقىقاتنىڭ سەۋىيىسى ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقىنىڭ سەۋىيىسىنى بەلگىلەيدۇ .ھازىر بەزى جەھەتلەردىكى تەتقىقات بىر قەدەر چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ ، بەزى جەھەتلەردىكى تەتقىقات يەنىلا ناھايىتى يېتەرسىز ھەتتا تېخى ئېچىلمىغان ھالەتتە تۇرماقتا . ئەمما ، تەتقىقاتىنىڭ قانات يېيىشىغا ۋە چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ ، ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ . 3. ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇلى يېزىقنى تەتقىق قىلىشتا ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بېكىنمىچلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى ، يەنى نۇرغۇن ھالەتتىكى تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىلىپ ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەتقىقاتقا سەل قارالغان ؛ سۈپەت ئانالىزىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ ، مىقدار ئانالىزىغا سەل قارالغان ؛ ئۇدۇل مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىلىپ ، مىقدار ئانالىزىغا سەل قارالغان ؛ ئۇدۇل مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىلىپ ، توغرا مۇناسىۋەتكە سەل قارالغانىدى . بېكىنمىچىلىك شەكلىدىكى تەتقىقات بىلەن ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىق تەتقىقاتى ئوبېكىتنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ئۆزئارا ماس كەلمەيدۇ ، بۇ ھال يېزىقنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىشتا قىيىنچلىق كەلتۈرۈپ بېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى تەتقىقات ئۇسۇلىغا نىسبەتەن زۆرۈر ئىسلاھات يۈرگۈزۈش شەرت . كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىشتا ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولىدۇ : (1) تۇرغۇن ھالەتتىكى تەتقىقات . ئۇيغۇر يېزىقى تارىختىكى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەرنى ، ئوخشاش بولمىغان يېزىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىش دەۋرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇنىڭدا ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇنىڭدا ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇن ھالەتنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇلۇشى ، يېزىلىشى ، مەنىسى ، ئۆلچىمى ، تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ۋە تەسۋىرلەپ ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەش ھەمدە ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى يىغىنچاقلاش ۋە ئېچىپ بېرىش كېرەك . (2) ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەتقىقات . يېزىق كىشىلەرنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان . كىشىلەر يېزىقنى قانداق قوللىنىدۇ ، قوللىنىۋاتقان يېزىق قانداق ھالەتتە بولىدۇ ، دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىش بولسا يېزىقنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەتقىقاتى ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇش سۈرئىتىنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇش سۈرئىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارقىلىش ئىقىتىدارىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېزىقنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . (3) سېلىشتۇرما تەتقىقات . سېلىشتۇرغاندىلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . بىر مىللەت يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى تۈرلۈك يېزىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ۋە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بايقىلىدۇ ، دۇنيادىكى تۈرلۈك يېزىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى ۋە قانۇنىيتىمۇ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىنگەن . سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتكىلى ، ئارتۇقچىلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ ، يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى ، سوبيېكتىپلىقتىن ، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ، ھازىرقى دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ، يېزىق تەرەققىياتىدا بىر تەرەپتىن ، ئۆز مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك . (4) سىتاتىسكىلىق تەتقىقات . تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن ئالغاندا ، مىقدار ئانالىزى قىلىپ ( تۇرغۇن ھالەت ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ) ، سۈپەت ئانالىزىنى سانلىق ئاساس بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىم . مىقدار ئانالىزى قىلغاندا كىشىلەرنىڭ يېزىق تەتقىقاتىدىكى نۇرغۇن سۇبيېكتىپ تونۇشىنى ئازايتىپ ، سۈپەت ئانالىزىنى بىر قەدەر كۆپ ئوبيېكتىپ ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ . ئومۇمەن ئالغاندا ، ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ، ماتېرىيال توپلاش ، كۆپ خىل ئىلىم _ پەن خادىملىرى بىرلەشكەن تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە ئىلىم ئالماشتۇرۇش بازىسى ۋە ئوقۇتۇش بازىسى قۇرۇش زۆرۈر . ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقى تەتقىقات ئىشى بىر قەدەر ئاجىز بولۇۋاتقان ساھە ھېسابلانسىمۇ ، كۈنسايىن زامانىۋىلىشىۋاتقان ساھە ھېسابلانسمۇ ، كۈنسايىن زامانىۋىلىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بارغانسېرى نامايەن قىلغۇسى .
|
|
|