كىرىش سۆز
ئىلىم - پەن تارىخچىلىرى 20 - ئەسىرنى "ئىلىم پەن پارتلىغان دەۋر" دەپ ھۆكۈم قىلماقتا.
مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، ھازىر دۇنيادا يىلىغا 650 مىڭ خىل كىتاب يېزىلىپ، مىنوتىغا بىر خىل كىتاب نەشىر قىلىنماقتا، كۈنىگە 900 خىل كەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە، ھەر كۈنى 1500 خىل ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ئېلان قىلىنۋاتقان ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە 5 مىليوندىن، ئىختىرا، كەشپىياتلار 350 مىڭدىن ئاشماقتا.
پەن - تېخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۈچ چوڭ ئىنقىلاب (پار قۇۋۋىتى، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، ھېسابلاش ماشىنىسى) نىڭ ھەممىسى مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئالىملار: "ھازىرقى زامان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى - مائارىپ" دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرىزىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى%43؛ ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %108؛ ئالىي مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %300 بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم.
ئېلىمىزدە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىمۇ ئىنتايىن تېز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە سېلىشتۇرما مائارىپشۇناسلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ كۆرسەك تېخىمۇ ئوچۇق كورۈۋالالايمىز.
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئائىت ھازىرغىچە ھېچقانداق سىستېمىلىق ماتېرىيالغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۈچۈن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يېزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرماشۇناسلىقى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلھام بەرگۈسى، دەپ ئىشىنىمىز.
1 - باب مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى
"ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە" (ۋ. ئى. لەنىن) بولغىنى ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىلا باشلانغان. بۇ "ئىپتىدائىي مائارىپ" باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا پېشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۆگىتىلىدىغان دەرس تۈرلىرى بولسا قورال - سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئوي قۇشلىرىنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزۈلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرسخانا ئىدى.
كېيىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئېشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۈزۈم، دۆلەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى.
مۇشۇ ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەت يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمقى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خېتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى.
مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. "مەكتەپ" دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس (تخېبېس) دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - "ئوقۇتۇش ئورگىنى" دەپ ئاتىلاتتى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاخ خۇتىپ تەرىپىدىن يېزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەخلاقنامە" ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بېكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بابىلۇندا پادىشاھ ئاشۇربانپالنىڭ ئوردا كۈتۈپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان.
لېكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ھەرپلىك خەت ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمقى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئېلىپبە" (1) كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى.
قەدىمقى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمقى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى ئەپىب (ئەپىب) قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى.
بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، "ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كېيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پېداگوگ" دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يېتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يېتەكلەش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دېداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرېك تىلىدا بۇ سۆز دېداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۈزۈمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئېنىق ئايرىلدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، قەدىمقى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇھى") دەپ ئاتاپ، بەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدىغان بولدى.
ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۈرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىمقى يۇناندا ئارقا ئارقىدىن ئاكادېمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە خىل دەرس: گرېك - لاتىن تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى، دېئالېكتىكا، ماتېماتىكا، گېئومېترىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان.
يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كېيىنرەك يەنە تەنتەربىيە ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمقى يۇناننىڭ ئولۇمپىيە دېگەن يەرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۈرتكە بولدى.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پېداگوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دېموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پېداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندە زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان.
ف. ئېنگېلس ئارىستوتېلنى قەدىمقى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى" دېگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتېل سىياسىي تۈزۈم ئۈستىدە 158 خىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئارىستوتېل ئىلم - پەننى تۇنجى قېتىم ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتېگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتېگورىيىسى، ئىجادىيەت پېنى كاتېگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتېماتىكا، لوگىكا، دىئالېكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتېگورىيىسىگە؛ ئەخلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيەشۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتېگورىيىسىگە؛ شېئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتېگورىيىسىگە ئايرىغان.
ئارىستوتېل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى، دىئالېكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى - ئېنسىكلوپېدىيىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتېل ئېنسىكلوپېدىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن.
ئارىستوتېل ئۆز قولى بىلەن تەسىس قىلغان "روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پېداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ تۆۋەندىكى مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
"... گراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زۆرۆر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك...".
بىراق، ئارىستوتېل ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكى قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىخىي چەكلىمىدىن نېرىغا بوسۇپ ئۆتۈپ كېتەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: "قۇللار پەقەت سۆز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...".
* * * *
ئېلىمىزنىڭ خۇاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلىمىزدە مەشھۇر "جياگۇ" يېزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ.
"جياگۇ" يېزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سۆڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى - يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۈتۈلەتتى، بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن.
قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - 479 - يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پېداگوگلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
كۇڭفۇزىنىڭ زاماندىشى پەيلاسوپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئېلىمىزدە "مىن فۇ" ناملىق تۇنجى كۈتۈپخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان.
كۇڭفۇزىنىڭ "مۇھاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ "ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئويلىنىش كېرەك"، "ئۆگىنىپ زېرىكمەسلىك، ئۆگىتىپ ھارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن.
كۇڭفۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭ شەرتى مېھرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئۆزۈڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى.
كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن "مەرىپەتنامە" ناملىق پېداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرھىلەنگەن.
ئېلىمىزدە كېيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شۆتاڭ (学堂) مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گوزىشۆ" (خانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۈللەندى. دۆلەتلىك كۈتۈپخانىلار قۇرۇلدى. تېرە ۋە لاتا - پۇرۇخلاردىن يېڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە زور تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئېلىپ تۇردى.
ئىزاھاتلار:
(1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابېيت" سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئالپا ئوكۇز، بېئىت ئوي يەنى ئوكۇز قوتىنى دېگەن سۆز. قەدىمقى فىنىكىلىقلار ئۆكۈزنى "مۇقەددەس ھايۋان" دەپ ھېسابلايتتى. چۈنكى، ئۆكۈز تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى.
(2) ئاكادېمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەھرىماننىڭ نامى.
(3) ئىنىستىتۇت گرېك تىلىدا "يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن بىلىم ئېلىش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئېلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ستودېنتلار يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئەمگەك قىلاتتى.
(4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى - يۈگۈرۈش، دېسكا ئېتىش، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، رەسساملىق، شېئىر، دراما، ئوپېرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
(5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 - يىللار) "بىلىم ۋە ئىختىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك گۈزەل پەزىلىتى" دېگەن.
(6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادېمىيە تەسىس قىلغان، "غايىۋى دۆلەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان.
(7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق پېداگوگ، بىرىنچى قېتىم پېداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت بىلەن ئۆگىنىش ئوخشاش مۇھىم" دەپ تەكىتلىگەن.
(8) دېموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئېنسىكلوپېدىست ئالىم. 52 خىل ئەسەر يازغان، "مائارىپ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ" دېگەن.
(9) تاران - ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى.