
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جاپ دې ھوپ چېففېر، شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇكرائىنا ۋە گرۇزىيە (گۈرجىستان)نىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جاپ دې ھوپ چېففىر موسكۋا ئاۋازى رادىئوسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنا ۋە گرۇزىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇركەش ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلىرىنى ئادا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنىڭ دەرھال ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر جەريان ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن چېففېر، ‹شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىشىكىنى چەككەن ھامان ئەزا بولغىلى بولىدىغان بىر ئورگان ئەمەس› دېدى.
چېففېر، ئۇكرائىنا ۋە گرۇزىيىنىڭ ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە مۇئەييەن ۋاقىت بەلگۈلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پرىنسىپنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
http://www.trtchinese.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=b0150437-fca3-46f9-a29a-18f253b68de8