
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ئاشلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بۇغداي سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسىنى زور نىسبەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېشىش نىسبىتىنى %13 تىن ئاشۇرىدىكەن.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ئاشلىقنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تولۇقلىما بېرىش ۋە ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، پۇلنى ۋاقتىدا تولۇق سوممىسى بىلەن دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇ يىل يېڭى ئاشلىق بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ، بۇغداينى بولۇشىغا سېتىۋېلىپ، بولۇشىغا تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى 2008- يىلىدىكىدىن 2مو ئەتىراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ شالغا قوشۇمچە ياردەم بېرىپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش
ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شالنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆممىقوناق سېتىۋېلىشتا بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گوڭشىڭ مۇنداق دېدى:"ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق تارماقلىرى دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ ئاشلىق مەنبىيىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىگىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنى ئامباردا ساقلىنىدىغان ئاشلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، سۈپەتلىك ئاشلىقنى ياخشى باھادا سېتىۋېلىپ، سۈپىتىگە قاراپ باھا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىسىنى، باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى؛ باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن
مۇلازىمەت قىلىپ، ئاشلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ئىلمىي تەڭشەپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. "
ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بوغداي، كۆممىقوناقنى بولۇشىغا سېتىۋېلىش، بولۇشىغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ تۆۋەن قوغداش باھادا ياغلىقدان سېتىۋېلىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ 800 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى سېتىۋالغان بۇغداي 1 مىليارد 300 مىليون كىلوگرامدىن ئاشقان، شال 235 مىليون كىلوگرامغا يەتكەن.