ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
تۈركىيە مىسىرنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايدۇ
2009-02-11 00:43:46  يازغۇچى:نۇرانە  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

    تۈركىيە غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغان مىسىر باشلامچىلىقىدىكى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ.

    دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان، ئىسرائىلىيىدە بۈگۈن باشلىنىدىغان ئۇمۇمىي سايلامدىن كېيىن، تىنچلىق باسقۇچى مۇزاكىرىلىرىنىڭ تىزلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

    باباجان غەززەدە ھازىرچە كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ تىنچلىقنىڭ «ساختا تىنچلىق» بولۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

    ئەلى باباجان، نۆۋەتتىكى داۋام قىلىشقا بولىدىغان تىنچلىقتىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق باسقۇچىنىڭ تۇيۇق يوللارغا قايتا كېرىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

    باباجان، ئىفوپېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېيوئۇم مېسلىن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، 1915 - يىلدىكى ۋەقەلەر ۋە ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

 مەھەللە ئۇچۇرلىرى 

باباجان مۇنداق دېدى:

    «1915 - يىلدىكى ۋەقەلەر بىزنىڭ ئەرمەنىستان بىلەن ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىشىدىغان تېمىلىرىمىزدىن بىرسى. بىز ئەرمەنىستان بىلەن بۇ تېمىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىۋاتقاندا، 3 - بىر دۆلەتنىڭ بۇ تېمىغا سىرتتىن ئارىلىشىشىنى مەن توغرا ئىش دەپ قارىمايمەن. مۇزاكىرە باسقۇچى ياخشى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە ھەممەيلەننىڭ ھەمدەمدە بولۇشى ۋە زىيان يەتكۈزۈدىغان ئىشلاردىن ھەم پوزىتسىيىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. بۇ ئىشنى مۇشۇ يول بىلەن تەرەققى قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن»

    ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم شەخسلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان باباجان يەنە، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە يېقىندىن مەسلىھەتلىشىش، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى.

http://www.trtchinese.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=06b3bb8d-5827-4cc3-baec-88b7d54f747e

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0211/article_3858.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇكرائىنا ۋە گرۇزىيە (گۈرجىستان) ش ئا ئە ت غا ئەزا بولىدۇ
شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇكرائىنا ۋە گرۇزىي...
قىرغىزىستان پارلامېنتى، ئامېرىكا بازىسىنى تاقىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەكچى
قىرغىزىستان پارلامېنتى، ئامېرىكا بازىسىنى تاقىۋېتىشكە م...
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىكى بى د ت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىلىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىكى بى د ت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلغان ھ...
ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىل...
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى كاچى ھۈسەيىن ئەخمەد ئۆمەك باشچىلىقىدىكى پاكىستان ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ...
جاھاندىكى ئىشلار2009.2.10
جاھاندىكى ئىشلار2009.2.10
ئىسرائىلىيىدە ئومۇمىي سايلام بۈگۈن باشلاندى
ئىسرائىلىيىدە ئومۇمىي سايلام بۈگۈن باشلاندى
تۈركىيە مىسىرنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايدۇ
تۈركىيە مىسىرنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى پائالىيەتلىر...
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغ ...
  • جىنسىي كېسەللىكلىرى
  • ياشانغانلارنىڭ نەپسى سىقىلسا
  • ياشانغانلارنىڭ نەپسى سىقىلسا
  • بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا ئادەتلەندۇ ...
  • ياشانغانلاردا بولىدىغان مەزى بېزى يوغ ...
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • بوۋاقنى تەۋرىتىپ ئۇخلاتماڭ
  • تېرىگە رېئاكسىيە بېرىدىغان بۇيۇملارن ...
  • رەئشە
  • قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار ...
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  •  
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • 2------------14
  • كۈلمەيمەن دىيەلەمسىز؟
  • ياپونىيەدىكى ئاجايىپ ۋاننىلار
  • كۈل قىز
  • باس باس ھۆكىمىتى تەكلىپىمنى ئويلىشارمۇ؟
  • ئادەمنىڭ ئۇيقىسىنى قاچۇرغۇدەك قىزلار
  • بۇ قىز نىمە قىلغان بولغىتى؟
  • مىسىردا خوتۇنىدىن تاياق يەيدىغان ئەرلەر كۆپ
  • ئىنكاس يازماڭ...تاياق يەيسىز
  • بۇ سامسىنى يىگىلى بولامدۇ؟
  • MTV لار كۇلۇبى
    مەھەللە ئۇچۇرلىرى
        ئۆتكەن كۈنلەر~!
        باشقۇرغۇچىلار ئۇخلاپ قاپتۇما؟
        نىكاھ بەجايىكى~!
        مەن بىر......
        ئىكرانىمدا سېنىڭ سۈرىتىڭ...
        ئويچان قىز~!
        كۆرمىسىڭىز پۇشايماندا قالىسىز~!
        ئوۋ ، تەلۋىلەشكەن ئىت~!
        ئويغان~!
        ئادەمگىياھ مېۋە دەرخى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ