
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا رەئىس كاچى ھۈسەيىن ئەخمەد ئۆمەك باشچىلىقىدىكى پاكىستان ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى.