ئاساسىي تېما : ئاياللار ، يىغلاڭلار !ئاۋاتلىقى:627ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەڭگۈ سۆيىمەن!
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 111
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 115 نوقتا
پۇل : 1150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:16(سائەت)

 ئاياللار ، يىغلاڭلار !

         كۆپ قىزلارنىڭ،كۆپ ئاياللارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىدىم،كۆردۈم،يىغلاپ تۇغۇلغان ئىنساننىڭ كۈلۈپ ياشىشى ھايات پرىنسىپىغا شۇنچە ئۇيغۇن بولسىمۇ كۈلەلمەيۋاتقىنى ئەمەلىيەت،قىزلارنى يىغلىمىسۇن دەپ ئەمەس،ئاياللارنى،ئانىلارنى ياش تۆكۈشتىن توختىتىش ئۈمىدىدە ئەمەس،ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىشكە ئاز-تولا پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە قولۇمنى كۇنۇپكا تاختىلىرى ئۈستىگە قويدۇم،يىغلىمايدىغان يىگىتلەر،ئەرلەر،ئاتىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ كۆزۈڭلاردىن ياش چىقمىسۇن،چۈنكى ئەر كىشىنىڭ كۆزىدىن قان چىقسا چىقىدۇكى ياش چىقمايدۇ!
..............................................................................................................................................................
يېقىندىن بېرى شۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم،ئويلىغانسېرى كۆزۈمگە ياش يىغىلىدۇ،نېمىشقا يىغلايمەن؟نېمىشقا ياش تۆكىمەن؟بەلكىم يىغلاش بىلەن ياش تۆكۈش ئوخشىمىغان ئىككى سۆز بولسا كېرەك،ئادەم ئاچچىق بىلەنمۇ،تاتلىق ئۈچۈنمۇ يىغلايدۇ،لېكىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ تۆكۈلگەن ياشنىڭ قەدرى بولسۇن-بولمىسۇن تۆكۈلۈش بىلەن ئازابنى ئېلىپ كەتمەي،قوشلاپ ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ.
     تارىختىن بۇيان ئاياللار يىغلاپ كەلگەن،شۇنداق،ئاياللار ھېسسىيانچا كېلىدۇ،ئاسان كۆزىگە ياش ئالىدۇ،ئەمما تۆككەن ياش ھەقىقەتەن كىشى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەكتىن كۆپ بولدى،"نېمە ئۈچۈن"گە جاۋاب تولا،"قانداق قىلىش كېرەك؟" كە بىر ئېغىز سۆز يوق.
ئۇرۇش يىللىرىدا ئاياللار غەلىبە قىلغۇچىنىڭ غەنىمىتى قاتارىدا بۆلۈشۈلدى،ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرۈلدى،"دۆلەت مەنپەئىتى"ئۈچۈن سوۋغا قىلىندى...
   تىنچ يىللاردا كىچىككىنە قىزلار تېخى بالا تۇرۇپ قۇچىقىغا بالا ئالدى،تېخى ناتىۋان تۇرۇپ قەددى ئېگىلدى،ياخشى ياشاشقا لايىق تۇرۇپ ۋاقىتسىز كۆزىنى يۇمدى.
ھالا بۈگۈن،ئاياللار يەنىلا كۆرگەزمە بۇيۇم ئورنىدا،پەردار بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە:
سەھنىگە قاراڭ،مودىل ئاتالغانلار كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ،گۈزەللىك دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ...
جەمئىيەتكە نەزەر سېلىپ بېقىڭ،قابىلىيىتى بولسىمۇ ئايال بولغىنى ئۈچۈن تالاي باشلىقلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇۋاتىدۇ...
ئائىلىلەرگە قەدەم تاشلاڭ،قانچە بالىنىڭ ئانىسى ئۆز ئەمەس؟قانچە ئانىنىڭ بالىسى يېنىدا ئەمەس؟
ئاياللار يىغلاۋاتىدۇ،بەزىدە ئۈن سېلىپ،بەزىدە ئۈنسىز،كۈندۈزى ئەلىمىنى ئىچىگە يۇرۇپ،كېچىسى ياستۇقنى يۇيۇپ...
بۇلارنى ئاڭلاپ بېقىڭ،بۇ يوشۇرۇن ھەم ئاشكارا سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ:
-مېنى تاشلىۋەتمەڭ،سىزدىن ئايرىلالمايمەن...-ئاجىزلىقنىڭ نېداسى،ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى،ئۆزىگە كىمنىڭ لازىملىقىنى،ئۆزىنىڭ كىمدىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقان قىزنىڭ نالىسى...
-ھاراق ئىچمىگىن،سىرتلاردا ئويناپ يۈرمىگىن،بالىلارغا...-"چاڭ"ڭىدە سېلىنغان تەستەك،قىزىرىپ ئىششىغان چىرايلىق يۈز بىلەن،قان ئېقىۋاتقان يۈرەك..."قېنى،بۇرۇنقى قەسەملەر؟قېنى ياخشى كۆرۈشلەر؟"...ياندۇرۇپ بىر شاپىلاق سالالمايدىغان بېچارە ئايالنىڭ ئۇھسىرىشى...
-ئۆزۈڭمۇ بالا تاپقاندا بىلىسەن،ئۇنچە قاقشاتمىغىن بالام..."جاق"قىدە يېپىلغان ئىشىك سۇنمىدى،ئەمما بىر ئۇلۇغ قەلب پارە-پارە بولدى...ئىشىككە يۆلىنىپ ئۆز قەددىنى كۆتۈرەلمەي قالغان،پەقەت يالۋۇرۇشتىن باشقىغا ئامالسىز قالغان ئانىنىڭ مۇزدەك نەپەسلىرى...
شۇنداق، غۇنچىدەك قىز ياش تۆكىدۇ،بەلكىم ئەخمەقلەرچە،بەلكىم باشقىچە؛ۋاپادار ئايال ياش تۆكىدۇ،بېچارىلەرچە،ئۆتكەن ۋەدىلەرگە ئاشىقلارچە؛مېھرىبان ئانا ياش تۆكىدۇ...
يىغلاڭلار قىزلار،بەلكىم سىلەر يىغلاش ئۈچۈن تۇغۇلغان،ئالدىنىپ تۇرۇپ ئۆزۈڭلاردىن ئۆزگىگە ئىشىنىپ يۈرگىنىڭلارغا،ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ئالداپ يۈرگىنىڭلارغا يىغلاڭلار؛سۇمبۇل چاچلىرىڭلارنى يات قوللاردا ئويناتقىنىڭلارغا، ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپكە ئېرىپ كەتكىنىڭلارغا يىغلاڭلار؛قەددى-قامىتىڭلارنى بىراۋدىن يوشۇرۇپ ئەمەس تازا كېلىشتۈرۈپ نامايەن قىلىپ بەرگىنىڭلارغا يىغلاڭلار...چۈنكى ئۇنداق بولمىغىنىدا يىگىتلەر پەقەت سىلەرنىڭ سىرتىڭلارغا ئەمەس ھايالىق،قىزىرىشنى بىلىدىغان يۈرىكىڭلارغا كۆيگەن بولاتتى،شەرمسىز چاقچاقلارنى قىلىشقا پېتىنالمىغان بولاتتى...
يىغلاڭلار ئاياللار،ئەرلىك جاسارىتى،پاكىز ئىمانى بولمىغان ئەرلەرنى مەڭگۈلۈك ھەمراھ ئورنىدا كۆرۈپ تاللىۋالغىنىڭلارغا ۋە ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ خاتا تاللىشىغا بويسۇنغىنىڭلارغا يىغلاڭلار،سىرتقا چىققاندا پاكىزە،چىرايلىق ياسىنىپ،ئۆيدە پەقەت تاماق ئەتكۈچى،بالا باققۇچى سۈپەت يۈرۈپ ھەمراھىڭلارنى ئۆيدىن بېزار،سىرتقا خۇشتار قىلىپ قويغىنىڭلارغا يىغلاڭلار؛ بالاڭلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ سىلەر بىللە يىغلاۋاتقاندا دادىسىنىڭ يات ئىشىكلەردە تەمتىرەپ يۈرگىنىگە يىغلاڭلار...
يىغلاڭلار ئانىلار،چوڭىنى چوڭ بالام،كىچىكىنى كەنجى تايىم دەپ ئەركىلىتىپ،خاتاسىغا قاپاق تۈرمەي،چوڭ بولغىنىدا سىلەر قىلمىغاننىڭ ھەممىنى ياندۇرۇپ بەرگىنى ئۈچۈن يىغلاڭلار؛بەرگەن مېھرىڭلار ئۈچۈن ھەرەمگە ئاپىرىش ئەمەس،بىر ئېغىز ئىللىق سۆز قىلالمايدىغان بالىنى باققىنىڭلارغا،ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلاردا بار ھەممىنى پىدا قىلغىنىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار...
بەزىدە يىغلاشقا سەۋەب كېرەك بولمىسا كېرەك،بەزىدە بىرەر تەسىرلىك كۆرۈنۈشمۇ ئاياللارنى يىغلىتىپ كۆزلىرىنى قىزارتىدۇ،بەزىدە قۇچاقتىكى بالىنىڭ ئىڭرىشىمۇ يىغلىتىدۇ ئانىنى...
يىغلاڭلار قىزلار،چۈنكى كۆز ياشلىرىڭلارنى سۈرتۈشكە،يىقىلغان يەردىن دەس تۇرۇشقا مەدەت بەرگۈدەك مەردانە يىگىتنى تېخى تاپالمىدىڭلار!
يىغلاڭلار ئاياللار،چۈنكى ئائىلە ئۈچۈن كۆيىدىغان،توغرا يولنى تېپىۋالغان ھەقىقىي ئەركەكنى سىلەر تېخى كۆرمىدىڭلار!
يىغلاڭلار ئانىلار،چۈنكى سىلەر ئايىغىڭلار ئاستىدا جەننەت بارلىقىنى چۈشەنگۈدەك پەرزەنت چوڭ قىلالمىدىڭلار!
يىغلاڭلار...
سايرام كۆلى قىزنىڭ كۆز يېشى ئىدى،ۋاپادار قىزنىڭ جاسارەتلىك ئاشىقىنى كۈتكەن ياشلىرى ئىدى،ھالا بۈگۈن پاكىزلىقتىن ئەسەر بولمىغان ياشلاردىن دەريا پۈتۈۋاتىدۇ،سانسىز،ساناقسىز...
يىغلاڭلار...
يىگىتلىرىمىز زەبەردەس تاغدەك مەزمۇد بولغىچە...
يىغلاڭلار...
ئەركەكلىرىمىز ئۆز بۇرچىنى تونۇپ يەتكۈچە...
يىغلاڭلار...
ئوغۇللىرىمىز ئانا قەدرىنى بىلىۋالغۇچە...
يەنە قانچە يىل؟
قانچە ئەسىر؟
بەلكىم ياش تۈگىمەيدۇ...
..................................
خاتىمە ئورنىدا:
مۇئەللىمىمىز "قىزلار،ئاسپىرانتلىق،دوكتۇرلۇق ئوقۇشلىرىنى قايرىپ قويۇپ ياخشىراق بىرەر يىگىتنى تېپىپ ئائىلە قۇرۇشنى ئويلىشىڭلار،چۈنكى ئايال كىشى ئۈچۈن ئائىلە ھەممىدىن مۇھىم"دېۋىدى،سىنىپتىكى قىزلارنىڭ كۆپچىلىكى يىغلىدى،چۈنكى ھەممىمىزگە ئايان داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىلەن ياخشى تارماق كەسىپكە كىرىش ئاسان ئەمەس،چۈنكى پۇرسەت ئوغۇللارنىڭكىدىن كۆپ ئاز.دۆلەت بويىچە سۆڭەك بۆلۈمى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دوختۇرخانىدا پراكتىكا قىلىۋاتقان بولساقمۇ،قىزلاردىن ھېچقايسىسى ئۇنچە خوشال ئەمەس،چۈنكى سۆڭەك بۆلۈم ئاسپىرانتلىقىغا ئەزەلدىن قىزلار قوبۇل قىلغان ئەمەس.
مەن ئاياللارنىڭ كۆز يېشى توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم...

سەن بىلەن تونۇشقان چاغلار نىمە دېگەن شېرىن ھە !

Posted: 2009-02-08 18:44 | [پۈتۈكچى]


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ...
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 255
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 255 نوقتا
پۇل : 2550 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:316(سائەت)

 

نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەي تۆكۈلگەن ياشنىڭ قەدرى بولسۇن بولمىسۇن ، تۆكۈلۈش بىلەن ئازاپنى ئىلىپ كەتمەي ، قوشلاپ ئازاپ ئىلىپ كىلىدۇ ،،،،

ھەقىقەتەن شۇنداق ، قىزلار يىغلاشتىن باشقا يەنە نىمىمۇ قىلايدۇ ،،،،،
بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ، رەخمەت ،،،،، 


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-02-09 00:52 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 75
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 75 نوقتا
پۇل : 750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

كېلىش مەنبەسىچۇ ؟
بۇ گۈلىستاندىكى خەنداننىڭ يازمىسىغۇ ؟

كۆزۈمگە قارا...

Posted: 2009-02-09 14:40 | 2 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2240
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2274 نوقتا
پۇل : 22740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6178(سائەت)

 

نەدىن كەلسە كەلمەمدۇ ... تورغا قويۇلدىمۇ ...ھى ھى ھى ... كۆپچىلىكنىڭ دىگەن گەپ !

To be or not to be

Posted: 2009-02-09 15:12 | 3 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2906
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2932 نوقتا
پۇل : 29320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3237(سائەت)

 

بۇ يەردە كىلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش موھىم ئەمەس ، گەپ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدا ، ياخشى ھېكايىكەن بۇ 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-09 16:36 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 75
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 75 نوقتا
پۇل : 750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:24(سائەت)

 

ئىنكاسلار...........بارىكاللا !!!

كۆزۈمگە قارا...

Posted: 2009-02-09 17:31 | 5 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 246
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 246 نوقتا
پۇل : 2460 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1995(سائەت)

 

بىر بولسا بەك بەك سۈرۈشتۈرۈپ كىتىدىكەنسىلەر،بىر بولسا كارىڭلار بولمايدىكەن؟
تىما ئىگىسى، سىزمۇ تىما كۆچۈرگەندە كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بۇلاتتى ئەسلىدە.
Posted: 2009-02-09 23:21 | 6 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation