ئابدۇۋاھىت نىياز(تاران)
1
نەپنىلا كۆزلىگەن ئەسلى دوست ئەمەس،
ئەگەر نەپ يۇقمىسا سېنى‹‹پوش›› دېمەس.
‹‹ئېلىپ››قا ماھىرلار‹‹بەر››گە ساۋاتسىز،
ئۆمرىدە ھېچكىمگە قىلچە نەپ بەرمەس.
2
ئېيتقىنە سەن كۆرگەن جەننەت قەيەردە؟
ئايدىمۇ، كۈندىمۇ، باغى ئېرەمدە؟
مەن دەيمەن: جەننىتىڭ تۇغۇلغان، ئۆسكەن
ۋەتىنىڭ قوينىدا ئانا يېرىڭدە.
3
ئۆزۈڭنى ئۇرمىغىن قۇرۇق سۆلەتكە،
بېرىلمە كىبىرگە، پۈچەك شۆھرەتكە.
ئەلگە نەپ بەرمىسەڭ ياشىمايلا قوي،
بولمىسا قالىسەن ئەلدىن نەپرەتكە.
4
ئەي، بالا، ئالايما ئاتا – ئاناڭغا،
ھەققىڭ يوق ئۇلارنى ئاق – كۆك دېيىشكە.
ئۇنۇتما ئاتاڭ ھەم ئاناڭ ئەجرىنى،
جان پىدا سەن ئۈچۈن ئوتقا كىرىشكە.
5
يارالدۇق دۇنياغا، بىر كۈن كېتىمىز،
كەتكىچە ھەر قىسمەت كۆرەر بېشىمىز.
كەتكەنلەر بىر يولى تاپىدۇ ئارام،
ھاياتلار تۇرمۇشنى داۋام ئېتىمىز.
6
دوست دېگەن ئات مىنسەڭ قويىدۇ يۆلەپ،
قالىدۇ ئارقاڭدا ئامانلىق تىلەپ.
ناۋادا يىقىلساڭ يىغلايدۇ ئۈنسىز،
دۈشمىنىڭ كۈلىدۇ ياخشى بولدى، دەپ.
7
ئەي ئوغلۇم، ئويۇنغا بېرىلمە زىنھار،
باغ يارات ئېلىڭگە قان – تەر ئېقىتىپ.
راھىتىن كۆرىسەن، پىشقان مېۋەڭنى
بەرگەندە خەلقىڭگە ئۆزۈڭ ئىرغىتىپ.
8
جاھانغا سىغماستىن غىژىلدىشىمىز،
نام – ئاتاق، پايدا دەپ تىپىرلىشىمىز.
تاپقاننىڭ بەرىنى قالدۇرۇپ بىر كۈن
قارا يەر قوينىغا كىرىپ كېتىمىز.
9
بولمىغىن بىلىمسىز سەتەڭگە قاياش،
بولسىمۇ چىرايى ئاي بىلەن تەڭداش.
داغلايدۇ دىلىڭنى بىر كۈنى سېنىڭ،
رەھىمسىز شۇ سەتەڭ كاۋاپقا ئوخشاش.
10
بولسا گەر ئادەمنىڭ ۋىجدان، ھىممىتى،
ئاشىدۇ كۈنسېرى قەدىر – قىممىتى.
ئىت كەبى قۇيرىقىن شىپاڭلىتىپلا
ئۆتكەننىڭ ئەبەدىي بولماس قىممىتى.
11
مۇخبىر مەن، يالغاننى يازمىسام دەيمەن،
‹‹ساختا››دەپ نام – ئاتاق ئالمىسام دەيمەن.
ھەقىقەت شەمشىرى قەلىمىم بىلەن
يالغانچى تىلىنى قىرقىسام دەيمەن.
12
شاھىنشاھ بولساڭمۇ ساقلان كىبىردىن،
ھەمىشە ئاگاھ بول ھىيلە – مىكىردىن.
روھىڭغا ھالاللىق بولسا ھۆكۈمران،
جاي بېرەر ئەل ساڭا كۆڭۈل قەسرىدىن.
13
چاچ – ساقال ئاقىرىپ قېرىپمۇ قالدىم،
تۇرمۇشنىڭ غېمىدە چارچىدىم – تالدىم.
ۋە لېكىن مۇھەببەت پەۋەس دىلىمدا،
ۋىسالنىڭ ئىشقىدا ئوت بولۇپ ياندىم.
14
ھەسەتخور رەزىللەر ئەل ئۈچۈن ئىللەت،
ئۇلار بار كۆكلىمەس ھېچ قەۋم مىللەت.
ئۇلار بار ھەر جايدا يوقتۇر ئىناقلىق،
بۇ تارىخ يەكۈنى مۇتلەق ھەقىقەت.
15
سۆيۈپ كەلدىم ئىلىمنىڭ رەناسىنى،
دىلى نۇرلۇق، ئىشى ئۇلۇغ داناسىنى.
ئۇلارنى قىبلە قىلغاچ نىشانەمدە،
چۈشىنىپ يەتتىم ھايات مەناسىنى.