
غەززە ھۇجۇمىدىن كېيىن سايلام ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە رادىكال سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى دىققەتنى تارتماقتا.
ئومۇمىي سايلامدا 120 ئەزادىن تەركىپ تاپقان ئىسرائىلىيە پارلامېنتى «كېنىسەت»(يەنى پالاتا) ئەزالىرىنى بىكىتىپ چىقىدۇ.
سايلامدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئوڭچىل پارتىيىلەر ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلىگەن.
خەلق رايىنى سىناش ئېستاتىسكىسىغا كۆرە، بىنيامىن نەتەنياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچىل لىكۇد پارتىيىسى بىلەن تزىپى لىۋنى باشچىلقىدىكى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رىقابەت داۋام قىلماقتا.
كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ رادىكال ئوڭچى «ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئۆيىمىز» ناملىق پارتىيە تەرىپىدىن مەيدانغا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
پارتىيىنىڭ لىدىرى ئاۋىگدور لېبەرمەن ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى ئىسرائىلىيىنىڭ ئولتۇراق قىسمىنى رەسمىي دۆلەت تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈشنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدۇ.
سايلامدا غالىبىيەت قازىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان نەتەنياھۇنىڭ رادىكال ئوڭچىلار بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىنماقتا.
سايلامدىن كېيىن تەشكىللىنىدىغان ھۆكۈمەت پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، ئوڭچى پارتىيىلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈشى تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ توختاپ قىلىشغا سەۋەپ بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن.
http://www.trtchinese.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=6a14af88-5442-4366-9a6c-2db2a3144b70