ئاساسىي تېما : ‹‹ھىجران مۇڭلىرى››دىن كۆتۈرۈلگەن ھەسرەتلىك سادائاۋاتلىقى:320ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 88
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 90 نوقتا
پۇل : 900 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:63(سائەت)

 ‹‹ھىجران مۇڭلىرى››دىن كۆتۈرۈلگەن ھەسرەتلىك سادا

       شائىر ۋە تەتقىقاتچى ھېيتەم ھۈسەيىن ئىجادىيەت ئىشىغا ھەرقاچان پاك قەلب، سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن ياندىشىپ كېلىۋاتقان، ئىزدىنىش روھىغا باي تەلەپچان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان سەنئەت مائارىپى يېتەكچىلىكى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتچىلىقىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتچانلىقى ئېغىر، مۇرەككەپ ۋەزىپىلەر بىلەن بەند بولۇپ كەلگەنلىكىگە قارىماي، ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيۈپ قەدىرلەيدىغان  يېزىقچىلىقتىن قول ئۈزمەي، كىتابخانلارغا ‹‹ھىجران››، ‹‹گۈل ئوغرىسى››، ‹‹تىياتىر ۋە تىياتىر ئارتىسلىقى››، ‹‹تىياتىر سەنئىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›› قاتارلىق كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، جامائەتچىلىك ئىچىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى. يېقىندا ئۇنىڭ  تۇرمۇشىمىزغا يېڭىچە ئىجادىي نۇقتىدىن ياندىشىپ، ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ ئۆزى شاھىد بولغان زور ماھىيەتلىك ھادىسىلىرى ھەم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بىر قىسىم تۆھپىكارلار ھەققىدە بىر مۇنچە يېڭى پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان 5 – كىتابى  — ‹‹ھىجران مۇڭلىرى›› كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەن ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئوبرازلىق بەدىئىي ماۋزۇ بىلەن ناملانغان بۇ يېڭى ئىجادىي كىتابىنى چوڭقۇر مەنىۋى ئازاب بىلەن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل ئېغىر ۋە مۇرەككەپ روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇ كىتابنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ ئۆمۈرلۈك ھىجران ئازابىغا ئەسىر بولغان پاك، سەمىمىي قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان، ھېچقانداق روھىي تەسەللىسى بولمىغان ئازابلىق دەرد - ئەلەمنىڭ كىشى قەلبىنى ئېزىدىغان ھەسرەتلىك بەدىئىي ساداسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. كىتاب ماڭا باي ۋە رەڭدار مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ قىيىن ۋە مۇرەككەپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى، بۇرۇندىن ماڭا تونۇش بولغان، لېكىن ھاياتى قىممىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ يېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن بىر قىسىم تۆھپىكار ئەدىب ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئىجادىيەت يولىنى ئىلمىي ھالدا يېڭىدىن تونۇتتى. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە  تالانتى، مەنىۋى كۈچى بىلەن ھاياتىي ئىرادىسى، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىگە بولغان تەبىئىي چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن ھەرقانداق بېسىم ۋە كېلىشمەسلىكلەر ئالدىدىمۇ پاكلىقى بىلەن پارلاپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئەقىدە - ئېتىقادى كۆز ئالدىمدا قايتا نۇرلانغاندەك بولدى.
      ‹‹ ھىجران مۇڭلىرى›› جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مىللىي تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن ھەر بىر ئىجادىي يېڭىلىقتىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان تەلەپچان كىتابخانلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە بەدىئىي قىممىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سالماقلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئادەتتىكى بۇرادەرلىك يىغىلىشلىرىدا بىر مۇنچە قىزغىن، سەمىمىي پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، بىر مەزگىل مەلۇم دائىرىدىكى ‹‹ھىجران مۇڭلىرى›› قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈردى. مېنىڭچە، بۇنىڭغا كىتابنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەن ئومۇمىي ئىجادىي پەزىلەتلىرىدىن باشقا، مۇھىمى، ئاپتورنىڭ كىتابخانلارنى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززا قىلىپ كەلگەن ھايات بەخش ئىجادىي تېمىنى كىتابنىڭ مەزمۇن يادروسى قىلىپ تاللاپ ئالغانلىقى سەۋەب بولغان.
       ھاياتتا ئۆز روھى ۋە ئىرادىسى بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ھەرقانداق ئىجتىھاتلىق ئادەم — ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدىن مەنىۋى ئىلھام ۋە مەدەت ئېلىپ، كۈنلىرىنى خۇشال ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلىدىغان پاراسەتلىك ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەم ھاياتىغا دائىملىق ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەقلىي ھېكمەتلەرنىڭ پۈتمەس خەزىنىسى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەتنى  سۆيىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىي تۆھپىكارلىرىنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىدىن غۇرۇر ۋە شادلىق ھېس قىلىپ، ھىجرانلىق ئۆلۈم ۋە ئايرىلىشتىن ئەلەملىك ھەسرەتنىڭ تەگسىز قاينىمىغا چۆمىدۇ. ھاياتنىڭ مۇشۇنداق ئورتاق مەنتىقىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن ھەرقانداق تەلەپچان ئاپتور ئۆز كىتابخانلىرىنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ، ئۇنى دادىل قەلەمگە ئالالىسا، ئۇ ھايات رېئاللىقى بىلەن نۇرلانغان تېخىمۇ يېڭى ئىجادىي كەڭلىككە ئېرىشىپ، كىتابخان ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىۋى ئوزۇق بولالايدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ.
       بىزنىڭ مىللىي مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلى پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن تەپەككۇر ئازادلىقىنىڭ بىپايان زېمىنىغا ھەقىقىي قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىۋاتقان ئىستىقباللىق ئەدەبىيات – سەنئىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى گۈللىنىش دەۋرى بولدى. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق بىر ئاچچىق ھەقىقەتنىمۇ ئېيتماي تۇرالمايمىزكى، مىللىي ئەدەبىيات – سەنئىتىمىز بۇ يىللاردا بەكمۇ ئەلەملىك بولغان ئېغىر مۇسىبەتلىك ھالەتلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردى. جاپالىق ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ھەقىقىي شان – شەرەپ مۇنبىرىگە كۆتۈرۈلگەن بىر قىسىم تالانتلىق ئەدىب ۋە سەنئەتكارلىرىمىز كەينى – كەينىدىن كۆز يۇمۇپ، بىزنى مەڭگۈلۈك ھىجران ئازابىغا تاشلاپ كەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى تېخىمۇ يېڭى مەنىۋى قىممەت تېپىپ، خەلقنىڭ ئۇلارغا بولغان ئەسلەش ۋە سېغىنىشى ھەسرەتلىك تەشنالىققا ئايلاندى. خەلقنىڭ تۇيغۇ ۋە ئىنتىلىشىدىكى بۇنداق رېئال روھىي ھالەتنى  ھېس قىلغان ئاپتورىمىز ھېيتەم ھۈسەيىن بۇ مۇرەككەپ، جاپالىق تېمىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياندىشىپ،  ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى – تۆھپىسىنى مەڭگۈلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا روھىي ئارام ۋە ئەمىنلىك بېغىشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مىللىي ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ ئۆتكەنكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى بەدىئىي ئابىدىسىنى تىكلەپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى تەرەققىياتىغا يەنە بىر ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش مەقسىتىگە يەتتى.
      ‹‹ھىجران مۇڭلىرى›› كىتابىغا ئاساسىي تېماتىك مەزمۇننى كونكرېت گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك  15 مەرسىيە بىلەن يەتتە پارچە بەدىئىي ئەسلىمە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردا ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ بىزدىن ئايرىلغان 30 دىن ئارتۇق ئاتاقلىق ۋەكىلىنىڭ مۇبارەك ناملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئاپتور ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان، تالانت، ئەخلاق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت تەرەپلەردە ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان تۆھپىكار ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن كەسپىي ئەخلاق ۋە پسىخىك خاراكتېرىدىكى خاسلىقى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن.
      ئاپتور بۇ  مەرسىيىلەردە ئابستراكت ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ۋەزىنسىز  مەدھىيىلەر چەمبىرىكىدىن چىقىپ، ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھېس – تۇيغۇسىدىن ئېلىپ، شېئىرىي پىكىرلىرىنى ئىجادىي لىرىكا ۋاسىتىسىدە ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ ئۆز لىرىك قەھرىمانىغا بولغان ئىجادىي مۇناسىۋىتى شۇنچىلىك چىن ۋە سەمىمىي، ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتى شۇنچىلىك پاك ۋە قايناق بولۇپ، ئۇنى ئۆز مەرسىيىسىدە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يارقىن بەدىئىي سۈپەتلەر بىلەن ئۇلۇغلاپ، ئەقلىي ۋە ئەخلاقى يۈكسەكلىكنىڭ نۇرانە تىپى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. بىز ئۇنىڭ ‹‹مەرھۇملار شەنىگە›› ناملىق مەرسىيىسىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالىرىنى ئوقۇپ كۆرەيلى:
    مۇسىبەت پەيتىدە ماتەم تۇتۇپ باش ئەگدى خانتەڭرى،
    چىدالماي ئاھ ئۇرۇپ ئاقتى ئىلى، تارىم، زەرەپشانلار.
    تەئەججۈپ ئىلكىدە ھەيران، سورايدۇ باغ ئارا بۇلبۇل،
    قېنى شائىر، قېنى سازچى، قېنى رەققاس، غەزەلخانلار؟
     ئاپتور بۇ مىسرالىرىدا سىمۋوللاشتۇرۇلغان بەدىئىي تىل بىلەن خ−ەلقىمىزنىڭ مىللىي ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن يېڭى دەۋرىنى ياراتقان ئىجادكار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان ئاممىۋى ماتەملىك كەيپىياتىنى  ئېغىر ھەسرەتلىك شېئىرىي مۇھىتتا ئېچىپ بەرگەن. ئەمدى بىز ئۇنىڭ تالانتلىق كومپوزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىمغا بېغىشلانغان مۇنۇ شېئىرىي قۇرلىرىنى ئوقۇپ كۆرەيلى:
    كىم سېنى »توڭ« دەيدۇ، سەن دولقۇنلىغان ئىللىق ئېقىن،
    سەن گويا گۈلدۈرماما، ئوتلۇق چېچەك، يانغان چېقىن.
    كىم سېنى »توڭ«دەيدۇ، باغرىڭ خۇددى ياز، گۈلگۈن باھار،
    كۈيلىرىڭ شاۋقۇنلىرىدىن بىر ئەزىم دەريا ئاقار.
      قاراڭ، بۇ مىسرالاردىكى شېئىرىي ئوخشىتىش، شېئىرىي مۇبالىغە دېگەنلىرىمىز قانچىلىك لىرىك يارقىنلىققا كۆتۈرۈلگەن - ھە! راست، مۇبادا مەرھۇم كومپوزىتورىمىزنىڭ دولقۇنلۇق ‹‹ئىللىق ئېقىن››دەك ئوتلۇق قەلبى، ‹‹ئوتلۇق چېچەك›› دەك نازۇك، ‹‹يانغان چېقىن››دەك نۇرلۇق ئىلھام ئېقىمى بولمىغىنىدا ‹‹ئەزىم دەريا›› شاۋقۇنلىرىدەك قۇدرەتلىك ھاياتى سادا بېرىدىغان ‹‹تاڭ سەيلىسى››، ‹‹تاشۋاي››، ‹‹مېنىڭ راۋابىم››غا ئوخشاش مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بۈيۈك سەنئەت ئابىدىلىرىنى يارىتالارمىدى؟
      تىلسىز ھەرىكەت سەنئىتىگە تىل بېرىپ،
      ئاتا قىلدىڭ ئوڭا كۆركەم نەۋ باھار.
     سەنئەت ئۈچۈن شامدەك تۈگەل ياندىڭسەن،
     ئەل قەلبىدە قوزغاپ يۈكسەك ئىپتىخار.
       ئاپتورنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى ھاجى راھمانغا بېغىشلانغان مەرسىيىسىدىن ئېلىنغان بۇ مىسرالاردا ئەكس ئەتكەن لىرىك ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ بەدىئىي قۇدرىتىگە قاراڭ؛ ‹‹تىلسىز ھەرىكەت سەنئىتى››گە تىل بېرىپ، ئۇنىڭ نەۋ باھارىنى ياراتقان بۇ مەشھۇر سەنئەتكارىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىمىز تەرەققىياتىغا قوشقان ئىجادىي تۆھپىسىنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئوبرازلىق بەدىئىي تىل ۋە يېڭى ئىجادىي شېئىرىي پىكىرلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن؟ ئەمدى بىز ئاپتورنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتور غىياسىدىن بارات بىلەن تالانتلىق مۇزىكانت داۋۇت ئاۋۇتلارنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان، تېماتىك مەزمۇن ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغان تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى:
      ماتەمدە ئانا يەر، سۈكۈتتە ئاسمان،
     يىغلىدى ھەسرەتتە ساڭا بارچە جان.
     يىغلىدۇق جىمىكى سەنئەتكار ساڭا،
     يېشىمىز يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجان.
                     ×××
     تاغلار سورار، دەريالار سورار،
     قايان كەتتىڭ ئەي مېھرى قۇياش؟
     ساتار يىغلار، سەنئەتكار يىغلار،
     ياقا يىرتىپ يىغلار قېرى، ياش.
       نېمىدېگەن ئېغىر ئەلەملىك روھىي كەيپىيات... ئەل سۆيگەن بۇ ئىككى ۋاپادار سەنئەتكارنىڭ قۇياشتەك ھارارەتلىك باغرى سوۋۇپ، سېھرىي ھارارەتتىن پۈتۈلگەن خىسلەتلىك بارماقلىرى ھەرىكەتتىن توختىغان، تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاچچىق جۇدالىقتىن ھەممە كىشىنىڭ باغرى قان... ئۇلار چەكسىز ھەسرەت قاينىمىدا بوغۇلۇپ ساداسىز ياش تۆكمەكتە. مۇقەددەس تاغ، دەريالار ئازابتىن تولغىنىپ، بىپايان ئاسمان ئانا يەرگە ئېغىر سىلكىنىپ باقماقتا، تەبىئەت ھىجرانلىق مۇھەببەتتىن كۆيۈۋاتقان ئىنسانلار قەلبىدەك مۇسىبەت يالقۇنىنىڭ شىددەتلىك تەپتىدە ئۆرتەنمەكتە. مانا بۇ مۇھەببەتلىك قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئەلەملىك مەرسىيە، ساداسى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر مۇقەددەس مۇڭلۇق كۈي!
      ‹‹ھىجران مۇڭلىرى››كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بەدىئىي ئەسلىمىلەر يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتۈلگەن مەرسىيىلەر بىلەن مەزمۇنداش بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسەرلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىي تۆھپىسى بىلەن ئالىيجاناب پەزىلەتلىرىنى رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىدا چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئوبرازلىرىنى ياراتقان. ئاپتور بۇ ئەسلىمىلىرىدە تۆھپىكارلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتى بىلەن پسىخىك خاراكتېرىنى ئوبرازلىق يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئىجادچانلىقى بىلەن ئەخلاقىي پاكلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىپىك تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى نۇقتىلىق تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئەدەبىيات - سەنئىتىمىز تەرەققىياتىغا قوشقان ئەمەلىي تۆھپىسىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمىزدا تۇتقان ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈن ھايات يولى بىلەن ئۆمۈرلۈك ئەقلى ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنى دەل ۋە توغرا باھالىغان.
      مېنىڭچە، ئاپتور يۇقىرىقىدەك ئىجادىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەنئەنىۋى ئەسلىمە يېزىقچىلىقىنىڭ قېلىپلاشقان بەزى شەكىللىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئۆزىگە خاس ئىجادىي يول تۇتقان. ئۇ ئەسلىمىلىرىدە تېماتىك مەزمۇن ئۆزگىچىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەسىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا ھىجران ۋە سېغىنىش ئازابىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بەدىئىي بۆلەكلەرنى مۇناسىپ ھالدا كىرىشتۈرۈپ، ئەسلىمىلىرىنىڭ مۇسىبەتلىك تۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ئاپتور ئەسلىمىلىرىدىكى تۆھپىكارلار تەسۋىرىدە كىتابخاندا مۇئەييەن تۇيغۇ ۋە تەسىرات ئويغىتالمايدىغان چوڭ ۋە ئالاھىدە ۋەقە، ھادىسىلەر كەينىدىن ئەگەشمەي، ئاددىي، لېكىن ماھىيەتلىك ھايات بىرلىكلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نازۇك، سىرلىق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كىشىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتلىك ھالەتلىرى ئىچىدە ئېچىپ بېرىشكە ھەرىكەت قىلغان.
       شائىر تېيىپجان ئېلىيېف ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتىغا زور ئىجادىي تۆھپە قوشقان، ھەرقانداق ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ئەھۋاللاردىمۇ ئوخشاشلا غەيرەت ۋە شىجائەت بىلەن ئىجاد قىلىپ، شېئىرىيىتىمىز تەرەققىياتىنى دەۋردىن دەۋرگە ئۇلاپ كەلگەن  تۆھپىكار. ئۇنىڭ ئۆز دەۋرى رېئاللىقىدىن تۇغۇلغان باي ۋە رەڭدار شېئىرىيىتى خەلقىمىزنىڭ ئاشۇ ئالاھىدە تارىخىي دەۋردىكى مۇرەككەپ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنىڭ مۇكەممەل بەدىئىي خاتىرىسى. ئاپتور تېيىپجان ئېلىيېف ھەققىدىكى بەدىئىي خاتىرىسىدە شائىر ھاياتىنىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغان ئومۇمىي ھالەتلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىجادىيىتىنىڭ ئايرىم ۋە ئالاھىدە تەرەپلىرىنى قەلەمگە ئالغان. شائىر بىلەن بولغان ئۇزاق يىللىق مۇناسىۋىتىدە تەبىئىي شەكىللەنگەن رېئال ھېكايىلەر تىزمىسىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان قىزىقارلىق تىپىك ۋەقەلەرنى قويۇق بەدىئىي رەڭدە بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىكىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن تەپەككۇر كەڭلىكىگە ئىگە ئالاھىدە تەقلىدتىكى تالانتلىق شائىر، ھاياتىنىڭ مۇشەققەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرىدىن ھەسرەتلىك مۇڭلىنىپ، ئۇنىڭ قىزىقى ۋە خۇشاللىقلىرىدىن شادلىنىپ كۈلەلەيدىغان ئاددىي ئىنسان ئىكەنلىكىدەك تۈپ خاراكتېرىنى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. ئەسلىمىنى ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق كىتابخان شائىرنى تەلەپچان ئۇستازى ۋە كۆيۈمچان دوستى سۈپىتىدە كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرىنى تېماتىك مەزمۇنىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقى، ھايات دەلىللىرىنىڭ باي ۋە رەڭدارلىقى، بەدىئىي تۈسىنىڭ قويۇق ۋە يارقىنلىقى بىلەن تېيىپجان ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغان بەدىئىي ئەسلىمىلەرنىڭ ئەڭ سەرخىلى دېيىشكە بولىدۇ.
       ئاپتور كىتابىدا دراماتورگ، رېژىسسور، مەشھۇر كومېدىيە ئارتىسى ئەمەت ئۆمەرنىڭ خاتىرىسىگە ئىككى پارچە ئەسلىمىسىنى بېغىشلاپ، مەرھۇمغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر يېڭى زامان تىياتىرىنى يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان بۇ تۆھپىكار سەنئەتكارنىڭ مۇرەككەپ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى چەكسىز مۇھەببەت ۋە قايىللىق بىلەن بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تىياتىر سەنئىتىدىكى كەم تېپىلىدىغان ئاجايىپ تالانتى بىلەن تەقدىرنىڭ ھەرقانداق بېسىم ۋە خورلۇقلىرىغا پەرۋا قىلماي كۈنلىرىنى كۈلكە - چاقچاق بىلەن خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن ئۆزگىچە مىجەز خاراكتېرىنى بەكمۇ جانلىق ۋە قىزىقارلىق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئاساسىدا ئېچىپ بەرگەن. ‹‹خەلق ئۇنى ھېلىمۇ ئارىمىزدا باردەك، ھېلىمۇ تىرەن پىكىرلىك، يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرى بىلەن دوست - يارەنلەرنى كۈلدۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا... ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت پائالىيىتى ۋە مەنىلىك ئىش ئىزلىرى ئەل ئاغزىدا داستان بولماقتا. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقى ۋە كومېدىيە سەنئىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى، خۇش چاقچاق، ھازىر جاۋاب، مەنىگە باي يۇمۇرلىرى، خەلققە تۇتقان سەمىمىي، قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە تەقدىر جۇدۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، دەرد – ئەلەمنى مەنسىتمەيدىغان قەيسىرانە روھى... بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا››. بىزنىڭچە، ئەمەت ئۆمەرنى سەمىمىي ھۆرمەت بىلەن بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتكەن پاك ۋە ھالال ئادەملەر ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە مۇشۇنداق توغرا ۋە مۇكەممەل ئىلمىي باھا بېرەلەيدۇ.
         ئورنى كەلگەندە ئاپتورنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور ئابدۇللا ھامۇتقا بېغىشلانغان، بەكمۇ سەمىمىي تۇيغۇدا يېزىلغان »ئۇنتۇلماس كۈنلەر، ئۇيقۇسىز تۈنلەر« ناملىق بەدىئىي خاتىرىسى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەي بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەسلىمە مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى يېڭى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي نۇقتىدىن بايان قىلىپ بەرگەنلىكى، ئابدۇللا ھامۇتنىڭ كەسپىي تالانتى بىلەن سەنئەتكارلىق ئەخلاقىنى ئەنە شۇنداق ئاممىۋى سەنئەت گۈللىنىشنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، نىسبەتەن كەڭ بەدىئىي سەھنىدە تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكى بىلەن باشقا ئەسلىمىلىرىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەسلىمىدە ئابدۇللا ھامۇتنىڭ سەنئەت پائالىيىتى بىلەن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدا بۇ مەرھۇم تۆھپىكارىمىزنىڭ كەسپىي ماھارىتى، ئىجادىي ئىزدىنىش نۇقتىسى، كىشىلىك ئەخلاقى ۋە مۇناسىۋەت مىزانىغا ئائىت تەسىرلىك ۋەقە، ھادىسىلەر ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسۇلدا بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ  ئاق كۆڭۈللۈكىگە يوشۇرۇنغان ئالىيجانابلىقى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن. ئاپتور ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنى ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ھەر بىر بەدىئىي دېتال ۋە تەپسىلاتنى شۇنچىلىك مۇھەببەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكى، ئەسەرنىڭ ئەلەم ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن جانلاندۇرۇلغان ھەر بىر سەھىپىسىدىن ئابدۇللا ھامۇتنىڭ غايىۋى سىماسى بىلەن مەنىۋى قىياپىتى پارلاپ، كىشىنى نالە – پىغانى بىلەن مۇڭلاندۇرۇپ، شوخلۇق ۋە خۇشاللىقى بىلەن شادلاندۇرالايدىغان ھايات بەخش ساداسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. راستىنى ئېيتسام، مەن بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇپ تۈگىتىۋېتىپ ئەدەبىيات - سەنئەت سېپىمىزدە ئۆزىنىڭ كەسىپداش دوستىغا مۇشۇنداق پاك مۇھەببەت بىلەن ياندىشىپ، ئۇنىڭ تالانت ۋە مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھەرقاچان خۇشاللىق ۋە روھى ئارام تاپالايدىغان ئالىيجاناب كىشىلىرىمىزنىڭ ھېلىمۇ بارلىقىدىن چەكسىز سۆيۈنۈش ھېس قىلدىم.
        بىزنىڭ مىللىي سەنئەت سېپىمىز ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ بىپايان زېمىنى، يارىتىش ۋە كەشىپ قىلىشنىڭ يېڭى سەلتەنەتلىك مۇنبىرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا تالانتلىق ئاكتىيور، ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتورلارلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سەنئەت ھاياتى بىلەن ئىجادىي ئىزدىنىشنى بەدىئىي ۋە ئىلمىي ھالدا يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان تالانتلىق قەلەم ئىگىلىرىمۇ بولۇشى لازىم. بىز بۇرادىرىمىز ھېيتەم ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ‹‹ھىجران مۇڭلىرى›› كىتابىنىڭ بۇ ياخشى تىلىكىمىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىكى ئەمەلىي باشلىنىش بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى،مۇھەممەد پولات
Posted: 2009-02-10 10:04 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation