خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىردا ئائىلە زوراۋانلىقى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك ئايال ئېرىدىن تاياق يەيدىكەن،
قىزىقارلىق بولغىنى مىسىردا خۇتۇنىدىن تاياق يەيدىغان ئەرلەر خېلى كۆپ ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مىسىردا 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە %47.4 ئايال ئېرىدىن تاياق يەيدىكەن، %33 ئايال تويدىن ئىلگىرىلا يىگىتىنىڭ زورلۇقىغا ئۇچىرايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مىسىردا ئېرىنى ئۇرىدىغان ئاياللارمۇ كۆپ بۇلۇپ،%30-%40 ئەر ئايالىدىن تاياق يەيدىكەن. بۇنداق ئەرلەر تېىىمۇ ككپ بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئەرلەر ئابرويىنى دەپ خۇتۇنىدىن تاياق يىگەنلىكىنى ئاشكارلىمايدىكەن.
مىسىردىكى داڭلىق بىر پىسخىلوگ: مىسىرلىقلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۇلارنىڭ ئېرىنى ئۇرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى ، دېگەن.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى 2488-سان