ئاساسىي تېما : ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەيمىزئاۋاتلىقى:626ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3043
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3069 نوقتا
پۇل : 30690 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3476(سائەت)

 ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەيمىز

 
ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەيمىز
(فېلىيەتون)



     تاڭ سەھەر يۈز – كۆزۈمنى چالا – بۇلا يۇيىمەندە ، چېيىمنى ئالدىراپلا ئىچىپ ، كونا ، ئەبجەخ ۋېلىسپىتىمگە مىنىپ مەكتىپىمگە چاپىمەن . ۋېلىسپىتىمنى چىغىرىق چىقىرىپ مىنىپ مەكتىپىمگە بېرىپ بولغۇچە بىر سائەت كېتىدۇ . مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن گىمناستىكا ئويناش بايراق چىقىرىش ئۈچۈن يېرىم سائەت كېتىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن بىر سائەت بالا يىغىمەن . « بالايىغىمەنلا دەيدىكەنسىز ، سىز يا بەگنىڭ يايى – دورغىسى ياكى ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى بولمىسىڭىز – يا ؟ » دەمسىز ؟ شۇنداق ، مەن بەگنىڭ يايى – دورغىسى ئەمەس ، ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى تېخىمۇ ئەمەس . مەن دېگەن « ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژىنىرى » __ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بال يىغىمەن ، يىغقاندىمۇ ئۆيمۇ – ئۆي كىرىپ ، خۇددى تىلەمچىگە ئوخشاش كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ يىلىنىپ يىغىمەن . بالا يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئالتە سائەت دەرس ئۆتىمەن . ( مەكتىۋىمىزدە بىر سىنىپقا بىر ئوقۇتقۇچى ئارا يېتىشىدۇ ) . دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ، بىر سائەت ئەتراپىدا يىغىن ئاچىمەن . « نېمە يىغىن » دەمسىز ؟بىر كۈن سىنىپ يىغىنى بولسا ، بىر كۈن سىياسى – ئىددىۋىي تەربىيە يىغىنى ، يەنە بىر كۈن ئەخلاقىي تەربىيە ، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ياكى ئىتتىپاق تەربىيەسى دېگەندەك ، ئىشقىلىپ ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر سائەت تەربىيە ئىشلەش بولۇپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلار يىغىنى تۈگىگەندىن كېيىن ، بىر سائەتلىك ئوقۇتقۇچىلار يىغىنى باشلىنىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار يىغىنىدىن كېيىن ، بىر سائەتلىك پۇل يىغىش پائالىيىتىنى باشلايمەن . « سىز  بانكىر بولمىسىڭىز ، نىمە ئۈچۈن پۇل يىغىسىز ؟» دەمسىز ؟ بانكىر بولغان بولسامغۇ ئىشخانىدىلا ئولتۇرۇپ ، كىشىلەر ( قەرزدارلار ) ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن پۇللارنى يىغاتتىم . تېخى قەرز ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ھاجەتمەنلەنىڭ خۇشامىتىمۇ بولغان بولاتتى . بىراق ، مەن ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئەلۋەتتە كىتاب  پۇلى يىغىدۇ  - دە .
« مەركەز سىلەرنىڭ شىنجاڭدا قوش كەچۈرۈمنى يولغا قويغان ئىدىغۇ » دەمسىز ؟
گېزىت – ژورناللار ، رادىئو – تېلېۋىزيەلەردە : « مەركەز قوش كەچۈرۈمنى يولغا قويدى ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇيدۇ » دەپ جار سېلىپ قويۇپ چاتاق بولدى دېمەمسىز ؟
ئوقۇغۇچىلاردىن پارچە خىراجەت پۇلى ، كىتاب پۇلىغۇ ئالمىدۇق ، ئەمما ، كىتابخانىدىكىلەر « گېپى ئۆتىدىغان » رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، يانداش مەشىق ، نىشانلىق ئوقۇتۇش يىتەكچىسى قاتارلىقلارنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ، مەكتەپتىكىلەرگە ئەپچىقىپ تۆكىۋەتتى . گېزىت – ژورناللارنىڭ مۇشتەرى سانىمۇ كۆپەيدى . مائارىپ ھەقسىز بولماستا 1000يۈەن يىغساق ھازىر 2000يۈەن يىغىدىغان بولدۇق . رادىئو – تېلېۋىزىيىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك : « مائارىپ ھەقسىز دەپ جار سېلىۋاتسا ، كىممۇ ئۆزلۈكىدىن پۇل بېرىدۇ » دەمسىز ؟ بىز بەزىدە تىلەمچىدەك كىشىلەرگە يىلىنىپ – يالۋۇرۇپ پۇل يىغساق ، بەزىدە بۇلاڭچى – لۈكچەكلەرگە ئوخشاش كىشىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ پۇل يىغىدىغان بولدۇق ، ئۇنداق قىلمىساق ، ئىلگىرى كىتاب پۇلىغا يەتمىگەن مۇئاشىمىز ئەمدى تېخىمۇ يەتمەيدۇ – دە!
پۇل يىغىپ قايىتقاندىن كېيىن ، ئۆيگە قايتىمەن – دە ، ئالدىراپ - سالدىراپ كەچلىك تامىقىمنى يەپ ، دەرس تەييارلاشقا تۇتۇس قىلىمەن . ھەر سائەتلىك دەرس تەييارلىقىنىڭ بەت سانىنى مۇدىر جاناب بەلگىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا ، ئەتە بىر كۈنلۈك ( ئالتە سائەتلىك ) تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئالتە سائەت ئولتۇرىمەن . دەرس تەييارلىقىنى مۇشۇنداق يېزىپ تۈگەتمىسەك بولمايدۇ . بەلگىلەنگەن بەت سانىدىن بىرەر بەت كەم قالسىلا 50يۈەن تۇتۇپ قېلىندى دېگەن گەپ .
دەرس تەييارلىقى تۈگىگەندىن كېيىن ، يەنە ئالتە سائەت ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق تەكشۈرىمەن . « نېمانداق كۆپ » دەمسىز ؟ بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ھەمىشە ۋەزىپىلەرنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشقا خۇشتار . مائارىپ مىنىستىرلىكى ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم دەپ بەلگىلەپ بەرسە ، رەھبەرلىكىمىز ھەپتىسىگە ئالتە قېتىم دەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ھەتتا تەنتەربىيە دەرسىدىنمۇ يېزىقچە تاپشۇرۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . « ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ بولالامدۇ » دەمسىز ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ بولالماسلىقى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بولالماسلىقى بىلەن باشلىقلارنىڭ نېمە كارى ! ئۇلارچە سان قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى . ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ بولالمىسا ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلاردىن تېخىمۇ كۆپ جەرىمانە ئېلىپ ، تازا بېيىپ كېتىدۇ ،  - دە .
شەنبە ، يەكشەنبىنى دەمسىز ؟ ئوقۇتقۇچىلار شەنبە ، يەكشەنبىدە تۈرلۈك خاتىرىلەرنى يېزىپ ، پىلانلارنى تۈزۈپ ، بىردەممۇ ئارام ئالمايدۇ . « پىلان تۈزۈپ ، خاتىرىلەرنى يازىدىغانغا ئېنىژېنىرمۇ سىز » دەمسىز ؟ قارىڭە ئۈستىۋېشىمغا ، ئېنژېنېر مەندەك كىيىنىپ يۈرۈمدۇ ؟ ئۇلار دېگەن كاستۇم – بۇرۇلكا كىيىپ ، ئېسىل ماشىنىلاردا ئولتۇرىدۇ . بىراق ، بىز خەتنى كۆپ يېزىپ ، شۇنداق ماھارەتنى يىتىلدۈردۇقكى ، ئامرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېنىدىكى تىز خاتىرلىگۈچىلەر بىزنىڭ قولىمىزغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ . كېسىپ ئېيتىمەنكى ، ببىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر يىلدا يازغان خاتىرە – دەپتەرلىرى بىر ھارۋىغىمۇ پاتمايدۇ . « ھەممە ئىشنى ئارام ئالماي كېچە – كۈندۈز ئىشلەپ بىراقلا تۈگىتىۋېلىپ ، تەتىلدە ئارامخۇدا دەم ئالاي دەپسىز – دە » دەمسىز ؟
تەتىل بولۇشتىن خۇدا ساقلىسۇن . بىزنىڭ 24 سائەت ئىشلەپمۇ تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىمىز تەتىلدە نەچچە ھەسسە كۆپىيىدۇ . بىر باشلىق سىياسى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرسا ، بىر باشلىق كەسپى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ . بىر باشلىق يېزا ئورگىنى، ساقچىخانا ، كەنىت كومتىتى ئىشلەشكە تېگىشلىك ئارىىپلارنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، بىر باشلىق  تۈرلۈك جەدۋەللەرنى تولدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . بىر باشلىق قۇرت تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسا ، بىر باشلىق مەكتەپنىڭ تاملىرىنى سۇۋاشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ئىشقىلىپ ، تەتىل بولسىلا  قىلىدىغان ئىشىمىز چېچىمىزدىنمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ . ئادەم باشقۇرۇپ ، قول ئاستىدىكىلەرنى تىللاپ ، ھەيۋە قىلىپ كۆنۈپ قالغان «رەھبەرلىرىمىز» بىزنى 10 مىنۇت ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەرسە كۈنى ھارام بىلىنىدۇ . «ھەركۈنى 24سائەت ئىشلىگەندىكىن ، كىرىمىڭلار ناھايىتى يۇقىرىدۇ » دەمسىز ؟ 24سائەت ئارام ئالماي ئىشلەپ ،مۇئاشىمىز جەرىمانىگە يېتىپ ، مەكتەپ مۇدىرىغا قەرز بولۇپ قالمىساقلا « خۇداغا شۈكۈر » دەيمىز .
« بۇ ئىشلار توغرۇلۇق يۇقرغا ئەرز قىلساڭلار بولمامدۇ » دەمسىز ؟ دەپ بېقىڭە ، كىمگە ئەرز قىلىمىز ؟ لى چڭپىڭمۇ زۇڭلىغا خەت يازغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدەلدىغۇ ؟ !
 
 
مەنبە : « شىنجاڭ مائارىپ » ژورنىلى 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-11 13:06 | [پۈتۈكچى]


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2274
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2308 نوقتا
پۇل : 23080 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6419(سائەت)

 

شەكىلۋازلىق ...ئەۋلاتلارنى نابۇت قىلماقتا ...

To be or not to be

Posted: 2009-02-11 19:41 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1141
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1143 نوقتا
پۇل : 11430 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:537(سائەت)

 

3 كۈندىلا ئۆلمەمدۇۋا!!!!

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-02-12 02:45 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation