(ھېكايە)
ياقۇپ ئىسمائىل
بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ‹‹قەھرىمان›› ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
تاغ باغرىنى كۆكۈش تۇمان قاپلىغان، يېڭىلا ئولتۇرغان قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىدا چاقناۋاتقان قارلىق چوققىلار ھېلىمۇ ئېسىمدە.ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ئىدى. تاغ باغرىدىكى قارلار، بۇلاق سۇلىرىدىن توڭلىغان نۆكچە مۇزلار ئېرىپ تۈگىگەن بولۇپ، كەچقۇرۇن ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى. تولۇن ئاي تەبىئەت دۇنياسىغا مېھرىنى ئاتا قىلىپ، پايانسىز ئاسمان گۈمبىزىدە نۇرىنى تۆكۈپ تۇراتتى.
ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، كىچىككىنە بىر بالا كىرىپ كەلدى. بالىنىڭ ئىسمى يولۋاس بولۇپ، ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ تولىمۇ جىمغور، خىيالچان، قورايدەك ئورۇق بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئازراق يەر ۋە بىر سىيىرغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغاچقا، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك دادىسى ئاتتىن يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاچقا، ئۇزاقتىن بېرى ھاسا تاياقنىڭ ياردىمىدە تالا تۈزگە چىقاتتى.
ئۇ ئۆيگە كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە بىر ھازاغىچە مىدىر قىلماي تۇردى. مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم:
— مۇئەللىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مەن ھاڭ – تاڭ قالدىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئوت ئېلىپ كەتتى. خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن، دەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم. ئۇ مەخمەل پارچىسىغا ئوراپ بېلىدىن چىگىلگەن كىچىككىنە بىر نەرسىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى – دە، ئۆيدىن چىقىشقا تەمشەلدى.
— توختا! – دېدىممەن ئۇنىڭغا، – بۇ نېمە؟!
ئۇ جاۋابەن تولىمۇ پەس ئاۋازدا:
— مۇئەللىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! – دېدى.
مەن تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇ ئېلىپ كەلگەن مەخمەل تۈگۈنچەكنى ئاچتىم. مەخمەل ئىچىدە ‹‹قەھرىمان›› ماركىلىق يىپيېڭى بىر قەلەم تۇراتتى. ئۇ چىقىپ كەتتى. مەن ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم.
يولۋاس! ھەي، يولۋاس! سەن يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغانسەن؟... كۆز ئالدىمدا بىردىنلا بۇ چەت كەنتكە تۇنجى قېتىم كەلگەن چېغىمدىكى مەنزىرە پەيدا بولدى. قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى دېرىزە ئەينەكلىرىدە ئىللىق چاقنايتتى. يىراقتىكى قارىغايلىققا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كېلىۋاتاتتى. مەن دەرستىن بوشىغان بالىلارنى مەكتەپنىڭ قاشالىق دەرۋازىسى ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ توپىلىق يولدا ئۇزاپ كېتىۋاتقان سىمالىرىغا نەزەر سالغانچە تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭ تۇنجى كۈنۈم ئەنە شۇنداق باشلاندى. مەن بۇ زېرىكىشلىك سەھرادا قانچىلىك تۇرۇپ قېلىشىمنى بىلمەيتتىم.
ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى سىناققا دۇچ كەلدىم. تەبىئەت دەرسى بېرىپ بولغاندا بىر ئوقۇغۇچۇم قول كۆتۈرۈپ رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن:
— مۇئەللىم سىز ئادەملەرنى مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېدىڭىز، ئۇنداق بولسا ھازىرقى مايمۇنلار نېمە ئۈچۈن ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ؟ – دېدى. مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. ئالدىمدا ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. بۇ يولۋاس ئىدى. مەن تەييارلىقسىز بولغاچقا ئۇنىڭ سوئالىدىن تەمتىرەپ قالدىم. كېيىن ئەپلەپ – سەپلەپ جاۋاب بەرگەن بولساممۇ، ئۇ جاۋابىمدىن قانائەتلەنمىدى. شۇ سائەتتىن باشلاپ مەن يولۋاسقا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇ ھەمىشە دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ خىيالىمدا يوق سوئاللارنى سوراپ، مېنى تەمتىرىتىپ قوياتتى، ئەمما بۈگۈن ... باشقىچە ئويلاپ قالدىم. ئۇ ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ كەتكەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ قەلەم سوۋغا قىلىش قانداقلارچە ئېسىگە كەلگەندۇ؟ سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر ئائىلىنىڭ بالىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ياخشى قەلەمنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىش ئاسانمۇ؟
قۇلاق تۈۋىمدە بىردىنلا يولۋاسنىڭ ‹‹مۇئەللىم بۇ قەلەمنى مەن سۆڭەك يىغىپ ساتقان پۇلۇمغا ئالدىم. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. سىزگە خاتىرە بولۇپ قالسۇن›› دېگەن سۆزى ياڭرىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ سوۋغا مېنى ئۆز – ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىشقا ئۈندىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن دەرسنى ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتۈپ، بوش چاغلىرىمنى مەنىسىز ئويۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزدۈم، قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرۈپ، بىلىمىمنى بېيىتمىسام بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. يولۋاسنىڭ ئاشۇ قىيىن سوئاللىرىدىن مۇشۇنداق چەت يېزىدىكى بالىلارنىڭمۇ بىلىمگە شۇنچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. كۈنلەر ئۆتتى... مەن يولۋاس تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلغان قەلەمنى تۆش يانچۇقۇمغا قىستۇرۇپ، سىنىپقا مەغرۇر كىرىدىغان، بۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغان بولدۇم.
مەن كېيىن بالىلارنىڭ ئارخىپىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپىمىزدىكى نۇرغۇن بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىۋالدىم. بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىچىدە يولۋاسنىڭ ئالاھىدىرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ 1 – ماي كۈنى تۇغۇلغانىدى. ئاخىرى بۇ كۈنمۇ كەلدى. بۇ كۈنى ھاۋامۇ بۆلەكچىلا ئوچۇق ئىدى. ئەتىگەندىلا سىنىپ ئىچىنى بالىلارنىڭ ‹‹تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!›› دېگەن جاراڭلىق ساداسى قاپلىدى. ھەممىمىز ئۆزىمىز تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىمىزنى يولۋاسنىڭ ئالدىغا قويغاندا، ئۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى. سىنىپ كوللېكتىپى ئىچىدىكى بۇنداق مېھىر – مۇھەببەت ئاخىرغىچە بىر – بىرىمىزگە ئىلھام بولدى ۋە بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلىم تەشنالىقىغا ئىگە قىلدى...
«شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى.