پورەك_پورەك جىمجىتلىق،
لەيلەپ چىقتى قەدەھ ئۈستىگە.
پىلتىڭلايدۇ خۇش خۇي بارماقلار،
يۈرەكسىمان دۈگىلەك شىرەدە.
چىرايلىقسەن كۆپۈكلۈك پىۋا،
چىرايلىقسەن مەيپۇرۇش موما.
ئۇچۇپ كەتمەك بولدى نېمىشقا
گۈل قېتىدەك يۇمران ئاياللار؟
دۇنيا نېچۈن مۇنچە يېقىملىق،
كەتمەكچىدەك قىزغا ئايلىنىپ؟
گۈللەر خۇش بۇي پىۋا گۈللىرى،
كېپىش كىيگەن پۇت گۈلى،
نەپىس قول ھەم كۆزلەرنىڭ گۈلى.
قىسىۋالاي چېكەمگە بىردەم،
قىسىۋالاي قولۇمدا بىردەم،
پۇرىۋالاي قېنىپ_قېنىپ ھەم.
بۈگۈن،پەقەت بۈگۈنلا شۇنداق،
غۇژمەك_غۇژمەك يۇلتۇز گۈلىدە
ئايلىنىپتۇ گۈللۈككە كېچە.
قاناتسىمان پۇتلىرى بىلەن
يېنىككىنە دەسسەپ ھاۋاغا،
شولا چېچىپ قەھۋەخانىغا
كىرىپ كەلدى خۇدا ئاستىلا.
شېشەڭنى ياپ جېنىم ئادىشىم،
ئېقىپ چىقىپ پىۋىدەك كۆزلەر
مەست قىلمىسۇن كۆزلىرىمىزنى.
مەست بوپ قالسا لەۋلەر تۇنجى رەت،
ئاخىرقىغا قويايلى ئاتاپ،
مەست بولمىغان سۆزلىرىمىزنى.
شېشىنىڭ ئاغزىدىن
شولا تارتىپ چىقماقتا قۇياش.
توپ_توپ قۇشلار ئۇچماقتا ھەر يان.
قىستاڭ پويىز كېلەر يىراقتىن
ساقاللىق چال ساتىدۇ زايوم
ناخشا ئېيتار شەھەردە تۇمان.
غېرىبسىنىپ جىمغۇر دەرەخلەر،
تۆكۈلىدۇ غازاڭلار ئاستا.
ئات يايلىدەك يەلپۈنۈپ گۇگۇم،
كىرىپ كېتەر كۆك شېشىلەرگە.
چەكسىز غېرىبلىق
لەيلەپ چىقتى قەدەھ ئۈستىگە.
_ئادىل تۇنىياز
1991_يىل،10_ئاي