ئاساسىي تېما : پىۋىخانائاۋاتلىقى:289ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 767
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 771 نوقتا
پۇل : 7710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:175(سائەت)

 پىۋىخانا

پىۋىخانا
ئوخشىمايدۇ جەننەتكە.
ئىشىكلىرى ئوخشاپ قالسىمۇ
ئوخشىمايدۇ دېرىزىلىرى.

كۆزلەر خاتا كۆرمىگەن بولسا
كىر لۆڭگىنى ئارتىۋېلىپ بوينىغا
چېپىپ يۈرگەن ئەشۇ ساختا كۈتكۈچى
بوپ باقمىغان، بولالمايدۇ پەرىشتە.

ساقاللىرى قۇياشتەك بوۋاي
پىۋا ئىچىپ بىر جام  بىر جامدىن
ياشلىقىغا قايتار ئالدىرىماي.

نامازشامگۈل نامازشامدا ئېچىلار
شۇ سەۋەپتىن مەيخانا بار كوچىلار
گۈل كۆرۈنەر غېرىبانە بولسىمۇ.

كۈچلۈك پىۋا ئوتى يامان ئايالدەك
شېرىغىنە كۆيدۈرىدۇ يۈرەكنى.
كەلتۈرۈلسۇن قاپاق قاپاق پىۋىلار.
قاپاقتىكى
پىۋا ئەمەس ئېھتىمال
بىز كۈتكەن بىر نېمە بار،
پىۋا دېگەن پىۋا ئەمەس ئېھتىمال.

جاۋغىيىدىن ساڭگىلىغان نۇر
سۇئال بەلگە بولۇپ قالدى كىملەرنىڭ؟
ياتقىنىدا ياستۇق قىلىپ شىرەنى
رېئاللىققا يېرىم ئاچقان كۆزىدە
گۈزەل چۈشلەر ئۇيۇپ كالدى كىملەرنىڭ؟

ياساپ چىقار كۆز ئالدىغا مەست يىگىت
تولغان ئاپئاق يوتىلارنى خىيالەن.
تىترەپ تۇرغان كۆلەڭگىلەر نۇر ئارا
ياساپ چىقار مەستكە ئوخشاش راست ئادەم.
ياساپ چىقار ئەڭ دانىشمەن پەيلاسوپ
بەخت ئۈچۈن ئۆلۈمنى جەزمەن،
مەيخانىدا تۇرسا مەن بىلەن.

پىۋىخۇمار نۇرغۇن ئادەملەر
ئىچىشىدۇ يېشىلىشكە مەستلىكتىن
ياكى ئىچەر مەست بولماسقا قايتىدىن.
   _ئادىل تۇنىياز
   1990_يىل،8_ئاي

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-02-09 17:15 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation