ئاساسىي تېما : قۇياش روھىئاۋاتلىقى:241ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 767
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 771 نوقتا
پۇل : 7710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:175(سائەت)

 قۇياش روھى

ئۈن_تىنسىز يامغۇردەك ياغىسەن ئاستا
ۋە زېمىن باغرىغا سىڭىپ كېتىسەن.
سەن شائىر ياڭراتقان مەڭگۈلۈك ناخشا
جان يەتمەس جايلارغا بېرىپ يېتىسەن.

چوقاي تاش باغرىغا سالىسەن يۈرەك،
بىر ھايات كېتىدۇ بەختنى سۆزلەپ.
خىسلەتلەر تەپچىرەپ باشلايدۇ كۆرەك،
ھەر زەررە ۋەسلىگە بىر جەننەت كۆزلەپ.

قىيالار بېتىگە باسىسەن تامغا،
چىرىشتۇر خاتاسىز راھەت دېگەن گەپ.
(مەن ئۇنى ئاڭقىرىپ چۈشىمىدىم دامغا،)
ئېگىلگەن ھەقىقەت ئۇلۇغكەن ئەجەپ...

قۇرئاننىڭ ۋارىقى بولدى بۇ زېمىن،
ئايەتلەر پۈتۈلگەن ،مەشئەل ،مۇقەددەس.
ھەر ھېكمەت تىللاردا ياڭرىغان گېمىن،
ئۆڭمىگەن ئادەملەر مەڭگۈ زەبەردەس.

بىز بۇلغاپ تۇرىمىز ھامان جاھاننى،
سەن يۇيۇپ تۇرڭسەن ھېرىقماي پەقەت.
بىزلەرگە تاپشۇرۇپ ياخشى_ياماننى،
سەن ئۆزۈڭ تاراتتىڭ ئوغۇز مۇھەببەت.

يارىدار يىلتىزنىڭ يېرىقلىرىغا،
تولىسەن پۈتىدۇ،ئەمسىز جاراھەت.
تولىسەن دىللارنىڭ ئېرىقلىرىغا،
نەلەردە قالىدۇ نۇرسىز قاباھەت.

چېقىنلار كۆيدۈرگەن ئانا تۇپراقنى،
سىيپايسەن ئېسىركەپ تەڭرىدەك گويا.
سەن ياساپ، سەن تۆككەن ئېسىل بوياقنى،
بىر ئۆمۈر يۈزىگە ياقىدۇ دۇنيا...

ئۈن_تىسىز
              يامغۇردەك
                           ياغىسەن ئاستا،
زارىققان دىللارغا
                      سىڭىپ كېتىسەن.
سەن سايلاپ،سەن ئېچىپ تۇتقان يول باشقا،
بىغۇبار مەنزىلگە بېرىپ يېتىسەن!
    _ئوسمانجان ساۋۇت

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-02-09 17:27 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation