
قىرغىزىستان پارلامېنتى، دۆلەت تەۋەسىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەكچى.
كوممۇنىست پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئابسامات ماسالىيېۋنىڭ جاۋابى ‹شۇنداق، كېچىكتۈرىدۇ›. بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان ماسالىيېۋ ‹رۇسىيە ۋەدە قىلغان ياردەم ۋە قەرزلەردىن تەشكىل تاپقان 450 مىليون دوللار قولىمىزغا تەككىچە، بۇ مەسىلىنى ئاۋازغا قويماي، كۈتۈپ تۇرۇشنى قارار قىلدۇق› دېدى.
ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا 2 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىش ۋەدىسىنى بېرىشىدىن كېيىنلا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
موسكۋا، ياردەم ۋە ئۆسۈمى تۆۋەن كرىدىتتىن تەشكىل تاپقان 450 مىليون دوللارنى 30- ئاپرىلغىچە قىرغىزىستانغا بېرىپ بولىدىغانلىقى ۋەدە قىلغان ئىدى.
ياردەمنىڭ ئېشىپ قالغان 1 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق قىسمى بولسا، قىرغىزىستاندىكى بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا سەرمايە قىلىنىدىكەن.
قىرغىزىستانلىق ۋە رۇسىيىلىك رەھبەرلەر، ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارى بىلەن ياردەم پىلانى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلىشقان ئىدى.
قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرىشىنىڭ ۋاشىنگتونغا ھەربىي بازىنى تاقىۋەتمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن، ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھەربىي بازىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
http://www.trtchinese.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=799bcaef-c1f0-4cc8-858d-baab2661f2dc